مۇتەخەسسىسلەر: خىتايچىلاشتۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر توي-تۆكۈنلىرى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ ئىسپاتىدۇر

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تەشۋىقاتلىرى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدىن تارقالغان بىر قىسىم قىسقا ۋىدىيولاردا «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى» ۋە «جۇڭخۇا مەدەنىيەت كىملىكى» نى بەرپا قىلىش دېگەن نام ئاستىدا ئۇيغۇرلارنى خىتايچە سۆزلەشكە، خىتايچە كىيىنىشكە، خىتايچە ياشاشقا، خىتايچە بايرام ئۆتكۈزۈشكە، ھەتتا توي-تۆكۈنلەرنىمۇ خىتايچە ئۇسلۇبتا ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقى ئاشكارا بولماقتا.

ئۇيغۇرلارنىڭ تولۇق خىتايچىلاشتۇرۇلغان بىر توي مۇراسىمىنىڭ ۋىدىيوسى يېقىندا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقىلىپ، كۈچلۈك غۇلغۇلا پەيدا قىلدى. بۇ پۈتۈنلەي خىتايچە ئۇسۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر كوللېكتىپ توي مۇراسىمى بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتايچە «بەخت» دېگەن چوڭ قىزىل خەت توي مۇراسىمى زالىنىڭ تېمىغا ئېسىلغان. خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى كىيىملىرىنى كىيىشكەن جۈپ-جۈپ ئۇيغۇر قىز-يىگىتلىرى خىتايچە تەبرىك ۋە ئالقىشلار ئىچىدە زالغا كىرىپ كەلگەن. ئۇلار كىيگەن خىتايچە قىزىل رەڭلىك كىيىملەرنىڭ دۈمبىسىگە خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ سىمۋولى بولغان سېرىق ئەجدىھا ۋە سۇمۇرغلار چۈشۈرۈلگەن. مەيلى توي قىلغانلاردا بولسۇن ياكى تويغا قاتناشقانلاردا بولسۇن، ئۇلاردا ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىدىن قىلچىمۇ ئەسەرمۇ يوق.

ئۇيغۇر تويلىرىنىڭ خىتايچىلاشتۇرۇلۇشىغا دائىر بۇ قىسقا ۋىدىيولار يېقىنقى كۈنلەردە چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى تەتقىق قىلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەرنىڭمۇ كۈچلۈك ئەندىشىسىنى قوزغىغان.

ئامېرىكالىق ئۇيغۇرشۇناس، دوكتور دەررېن بايلېر (Darren Byler) بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر تويلىرىنى پۈتۈنلەي خىتاي مەدەنىيەت ئادىتىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان خىتايچە تويغا ئايلاندۇرۇش، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە دىنىي كىملىكىنى يوقىتىش جەريانىنىڭ بىر قىسمىدۇر. بىزنىڭ بۇ سىن كۆرۈنۈشلىرىدىكى تويلاردىن دەسلەپتە كۆرىدىغىنىمىز، ئۇيغۇر تىلنىڭ شاللانغانلىقى، تويغا چاقىرىلغان مېھمانلارنىڭ ئازلىقىدۇر. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دىققىتىمىزنى چېكىدىغىنى، تويى بولغان قىز-يىگىتلەرنىڭ خىتاي رىياسەتچىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە خىتاي ئەنئەنىلىرى بويىچە سەھنىگە ئېلىپ چىقىلىۋاتقانلىقىدۇر. ئۇلارنىڭ ھەممىدى قىزىل ۋە سېرىق رەڭلىك كىيىم كىيگەن بولۇپ، بۇلار خەنزۇلارنىڭ توي مۇراسىمىدا كۆپ كۆرۈلىدىغان رەڭلەر، شۇنداقلا خىتاي مەدەنىيىتى ۋە خىتاي دۆلەت كىملىكىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان تەسۋىرلەردۇر. خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ بۇ بەلگىلىرى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە جەمئىيىتىگە ئادەتتىن تاشقىرى يۈكلەنگەن. ئۇلار ھەتتا خىتاي ئاساسىي قانۇنىدا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارغا بېرىلگەن مەدەنىيەت ئاپتونومىيەسىنى قەتئىي ئويلاشمىغان. »

خىتاي ئۇيغۇرلۇقنى بىكار قىلدى. 2024-يىلى 17-فېۋرال
خىتاي ئۇيغۇرلۇقنى بىكار قىلدى. 2024-يىلى 17-فېۋرال (Yettesu)

دەررىن بايلېر ئەپەندى يەنە ئۇيغۇر تويلىرىنىڭ شىددەت بىلەن خىتايلاشتۇرۇلۇشى جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى ئەۋلادلىرى بىلەن بولغان باغلىنىشىنىڭ يوقىتىلىۋاتقانلىقىغا بولغان ئەندىشىسىنىمۇ بىلدۈردى:

«ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى ۋە ئەجدادلىرى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن توي مۇراسىملاردىكى قائىدە-يوسۇن، ئۆرپ-ئادەتلەرنىڭ ھەممىسى شاللانماقتا. بۇلارنىڭ شىددەت بىلەن خىتايچىلاشتۇرۇرۇلۇشى جەريانىدا، ئۇيغۇرلار يوقىتىدىغىنى ئۇلارنىڭ كەلگۈسى ئەۋلادلىرى بىلەن بولغان باغلىنىشى ۋە ئۆز جەمئىيىتىنى قايتا بەرپا قىلىش يوللىرىدۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىنىڭ يوقىتىلىشى جەريانىدا يۈز بېرىۋاتقان بۇ ئالامەتلەر، ئەمەلىيەتتە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ بىر قىسمى، خالاس. »

خىتاي ھۆكۈمىتى ئەمەلىيەتتە 2000-يىللاردىن باشلاپلا ئۇيغۇر دىيارىدا ياشلارنى يېڭىچە شەكىلدىكى كوللېكتىپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشكە تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن ئىدى.

2015-يىلىغا كەلگەندە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا ئىسىم قويۇش مۇراسىمى، خەتنە توي مۇراسىمى، دەپنە مۇراسىمى ۋە توي مۇراسىمى قاتارلىق «تۆت خىل مۇراسىم» غا مەخسۇس سىياسەت بەلگىلىگەن. شۇنىڭدىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مۇراسىملارنىڭ ھەرقايسى باسقۇچلىرىغا بىۋاسىتە ئارىلىشىش ۋە نازارەت قىلىشنى يولغا قويغان ئىدى.

بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى قىرغىنچىلىقىنى ھەسسىلەپ كۈچەيتىپ، ئۇيغۇر توي-تۆكۈنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق مۇراسىملىرىنى پۈتۈنلەي خىتايچىلاشتۇرۇشقا باشلىغان.

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىنىڭ رەئىسى، تۈركولوگىيە پەنلىرى دوكتورى مەغپىرەت كامال خانىم، رادىيومىز ئارقىلىق بۇنىڭغا جىددىي ئىنكاس قايتۇردى. ئۇ، بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسىنى بۇزىدىغان، ئۇيغۇرلارنى مىللەت گەۋدىسى بىلەن ماددىي، مەنىۋى جەھەتلەردىن ئېرىتىپ تۈگىتىشنى مەقسەت قىلغان بىر ئەشەددىي تەدبىر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. مەغپىرەت خانىم يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىل ئاسسىمىلياتسىيە تەدبىرلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا پىسخولوگىيەلىك زەربە بېرىپ، ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇق ئۈمىدىنى يوقىتىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مەغپىرەت خانىم مۇنداق دېدى: «خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنى خىتايلار ئۆزلىرىمۇ كىيمەيدىغان كىيىملەرنى كىيىشكە، خىتايچە توي ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلىماقتا. بۇ ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان شىددەتلىك ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى بىلەن مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى ئاشكارىلاپلا قالماستىن، بەلكى يەنە خىتاينىڭ نەقەدەر ئىرقچى ۋە مەدەنىيەتلەرنىڭ كۆپ خىللىقىغا قارشى بىر ھاكىمىيەت ئىكەنلىكىنىڭمۇ ئىسپاتىدۇر. »

بىز ئۇيغۇر دىيارىدىن ئىگىلىگەن ۋە ھازىرغىچە ئاشكارا بولغان خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىگە قارىغاندا، يېقىنقى يىللاردىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىدا توي مۇراسىمى ياكى دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزگۈچىلەر ئالدى بىلەن مۇراسىمغا چاقىرىلىدىغان مېھمانلارنىڭ تىزىملىكىنى ھۆكۈمەتكە يوللاپ، ئىلتىماس سۇنىدىكەن؛ تەيىنلەنگەن دىنىي زاتلارمۇ چوقۇم ھەر بىر مۇراسىمنى ئۆتكۈزۈشتە ھۆكۈمەت بەلگىلەپ بەرگەن مەزمۇن دائىرىسى ئىچىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشى كېرەك ئىكەن. ئىگىلىشىمىزچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل بەلگىلىمىلەرنى چىقارغاندىن كېيىن، مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندە «بۇ بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلدى» دېگەن باھانە بىلەن نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىش ۋە باستۇرۇش نىشانىغا ئالغانلىقى مەلۇم.

ئامېرىكادىكى سىياسىي كۆزەتكۈچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك مۇسۇلمان مىللەتلىرىگە زورلاپ تېڭىۋاتقان خىتايچە توي ۋە كوللېكتىپ توي مۇراسىملىرىغا جىددىي ئىنكاس قايتۇردى. ئۇ، خىتاينىڭ بۇ ساھەدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاشقۇن شەكىلدىكى ئىرقىي ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتاي جەمئىيىتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇش ئۇرۇنۇشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ئاخىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئەڭ ئاشقۇن شەكىلدىكى ئىرقىي ۋە مەدەنىيەت يوقىتىشى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيەت تارىخىغا ئىگە ھاياتى كۈچى كۈچلۈك بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ مۇشۇنداق بىر مىللەتنى تېز مۇددەتتە يوقىتىش سۇيىقەستىنىڭ ھەرگىزمۇ ئىشقا ئاشمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى.