ئۇيغۇر ئەتلەس كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ خىتايچىلاشتۇرلۇشى قانداق يۈزلىنىشتىن دېرەك بېرىدۇ؟

0:00 / 0:00

تارىختىن بۇيان ئەتلەس ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىنى نامايان قىلىدىغان سىمۋوللارنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە. ھالبۇكى، ئەتلەس ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «يېڭىلىق يارىتىش» ۋە «ئىقتىسادىي ئۈنۈم» يارىتىش ۋاسىتىسى قىلىنماقتا.

«خىتاي خەۋەرلەر تورى» نىڭ 22-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە، خوتەننىڭ لوپ ناھىيەسىدىكى كىيىم لايىھەلىگۈچى ئارزۇگۈلنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىك بىلەن مودا ئېقىمنى بىرلەشتۈرگەن يېڭى ئۇسلۇبتىكى ئەتلەس «چىپاۋ» ۋە خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى «خەنفۇ» قاتارلىق كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ «زور ئالقىش» قا ئېرىشىۋاتقانلىقى تەشۋىق قىلىنغان. بۇ خەۋەرلەردە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ يېڭىچە ئەتلەس كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ بازار تاپقانلىقى داۋراڭ قىلىنغان بولسىمۇ، ئەتلەسنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە تەۋە ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان. خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدىكى تاراتقۇلىرىدىن باشقا يەنە، X تە «شىنجاڭ گۈل» (新疆古丽) نامىدىكى بىر قوللانغۇچىمۇ بۇ كىيىملەرنى «ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت» دېگەن ھەشتەگ ئاستىدا ھەمبەھىرلىگەن.

بىز بۇ خىل ئەتلەس كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ بازار ئەھۋالىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، ئىچكىرى خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەتلەس ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرى، كىيىم-كېچەك شىركەتلىرى بىلەن ئالاقىلەشتۇق. نۇرغۇن شىركەتلەرگە تېلېفون ئۇلانمىدى ياكى ئۈزۈۋېتىلدى. پەقەت «خاڭجۇ تيەنكاڭ يىپەك چەكلىك شىركىتى» «خاڭجۇ فەنسى يىپەك چەكلىك شىركىتى» نىڭ خادىملىرى بۇ ھەقتە تېلېفونىمىزغا بەرگەن جاۋابىدا، ئۇلارنىڭ ئادەتتىكى يىپەك رەخت ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا سالىدىغانلىقىنى، ھەتتا ئەتلەس دېگەن بۇ ئاتالغۇنى بىرىنچى قېتىم ئاڭلىغانلىقىنى ئېيتتى. «ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ مېييى مىللىي كىيىم-كېچەك چەكلىك شىركىتى» گە تېلېفون قىلغىنىمىزدا، شىركەت خادىمى مۇنداق دېدى:

«بۇ يەردە ھېچكىم ئەتلەستىن چىپاۋ تىككۈزمەيدۇ. بىرەرىنىڭمۇ ئەتلەستىن چىپاۋ تىككۈزگەنلىكىنى ئاڭلاپ باقمىدۇق. بىز ھەرخىل ئەتلەستىن ھەرخىل پاسوندىكى كىيىملەرنى تىكىمىز، ئۇنى زاكاز قىلسىڭىز بولىدۇ. ئەمما ئەتلەستىن چىپاۋ تىكىپ باقمىدۇق، ئادەتتە ئەتلەستىن مىللىيچە ئۇسۇل كىيىملەرنى كىيىدىغانلار بىرقەدەر كۆپقۇ».

ھالبۇكى خىتاي خەۋەرلىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئارزۇگۈلنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئىچكىرى خىتاينىڭ مودا كىيىم ساھەسىدە «ئوت چىقىرىۋەتكەن» ئەتلەس كىيىم لايىھەلىرىنىڭ بەزىلىرىگە خىتايچە «شۇاڭشى» (喜喜) خېتى نۇسخىسى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ياشلارنىڭ ياقتۇرۇپ كىيىدىغان كىيىملىرىگە ئايلانغان. بەزى ئەتلەس كىيىملەر بولسا خىتايچە «چىپاۋ» پاسونىدا لايىھەلەنگەن.

ئۇنداقتا، ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان ئەتلەس بىلەن خىتايچە كىيىم نۇسخىلىرىنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشى قانداق يۈزلىنىشتىن دېرەك بېرىدۇ؟ ئۇيغۇر ئەتلەسلىرىنىڭ خىتاي بازىرىدا مودا قىلىنىشى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقات ئىشخانىسى دىرېكتورى ھېنرىك شاجىۋىسكى بۇ ھەقتە رادىيومىزغا قايتۇرغان يازما ئىنكاسىدا بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە ئۇيغۇر ئەتلىسىنى دۆلەتلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ھەرگىزمۇ ئۇيغۇر مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغدىغانلىق بولماستىن، بەلكى ئۇنى خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇش ئۇرۇنۇشىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ‹جۇڭخۇا مىللىتى› مىراسلىرىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارايدۇ. ئەمما بۇ مىراسلارنىڭ ئىگىلىرى ۋە دۇنيا مىراسلىرىغا تۆھپە قوشقانلار ئۆزلىرىنىڭ بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلىدۇ. شۇڭا، بۇ قىلمىشنى مىللىي ئاسسىمىلياتسىيەنىڭ يەنە بىر شەكلى دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئەتلەسنىڭ تاۋارلىشىشى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىدىن پايدا ئېلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، بىز دائىم تاۋاردىن مەنپەئەتلەنگۈچىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئەمەسلىكىنى بايقايمىز، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەڭسىزلىكىدىن كېلىپ چىققان دېيىشكە بولىدۇ.»

ئۇ ئىنكاسىدا يەنە مۇنداق دەيدۇ: «خىتاينىڭ مەدەنىيەت بىلىملىرىدىن پايدىلىنىپ پايدىغا ئېرىشىشى يېڭى ئىش ئەمەس. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن پايدا ئۈچۈن پايدىلىنىشىنىڭ تۇنجى ياكى ئاخىرقى قېتىملىقى ئەمەس. شۇڭا، مېنىڭچە ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇر كىملىكى تاشقى دۇنياغا ئىستېمال قىلىنىش شەكلىدە بېزەپ كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بۇ ھالەتنى ئۆزگەرتىش ئىمكانىيىتى ئاز دەپ قارايمەن.»

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسىنىڭ سابىق رەئىسى دوكتور مەغپىرەت كامال خانىمنىڭ قارىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان رايوندا ئۇيغۇر ئەتلەسلىرىنىڭ مىللىي سەنئەت ئالاھىدىلىكلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ھەمدە لايىھە ۋە تېخنىكىلىق ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتىكى كۆپ خىللىشىشقا يۈزلىنىشى كىشىنى خۇشال قىلىدىغان نەتىجىلەرنىڭ بىرىدۇر؛ ھالبۇكى، ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئەتلەسلىرىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن سۇيىئىستېمال قىلىنىشى جىددىي مۇئامىلە قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئەتلەس كەسپىي تېخنىكا كۇرسلىرىنى قۇرغانلىقى، بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئەتلەس كەسپىنىڭ پايدىسىنى ئورتاقلىشىپ، «نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ گۈللىنىشكە قاراپ ماڭغانلىقى» تەشۋىق قىلىنغان.

ئامېرىكادىكى «چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ تەكلىپلىك پىروفېسسورى، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تېڭ بياۋنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ تېگى-تەكتىدىن مەدەنىيەت ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ بىر قىسمىدۇر. ئۇ مۇنداق دېدى:

«بىزدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان نۇرغۇن پاكىتلىرىمىز بار. مەيلى ئەدەبىيات-سەنئەت، تىل، دىنىي ئېتىقاد، تۇرمۇش ئادىتى، مەدەنىيەت بايرىمى قاتارلىقلار بولسۇن، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت كىملىكىنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن، ئەگەر رايوندىكى كىيىم-كېچەك لايىھەسى، سەنئەت ئەسەرلىرى قاتارلىقلاردا ئۇيغۇر ئەنئەنىسى تەكىتلەنسە، ئۇلار قارشى ئېلىنمايدۇ، تەشۋىق قىلىنمايدۇ ياكى بازار سېتىلىشى ياخشى بولمايدۇ. ئەگەر ئۇيغۇر كىملىكى ۋە ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى گەۋدىلەندۈرۈلسە بەلكى باستۇرۇلۇشقا ئۇچرىشى، ھەتتا تۈرمىگە سولىنىش خەۋپىگىمۇ ئۇچرىشى مۇمكىن. چۈنكى بۇنىڭ مىساللىرى بەك كۆپ.»

مەلۇم بولۇشىچە، 2021-يىلدىن باشلاپ، بېيجىڭ بىلەن خوتەن «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىشتا داۋاملىق ماسلىشىپ ھەمكارلاشقان. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى خوتەن ئەتلىسىنىڭ رايوندا كىيىم مودا ساھەسىدە ئەتىۋارلىق گۆھەرگە ئايلىنىش، ئەتلەسنى ساياھەت كەسپىگە بۆسۈپ كىرگۈزۈشتەك ئەتلەس كەسپىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزگىچە داڭلىق ماركىلارنى ياراتقان. خەۋەرلەردە بۇلار رايوننىڭ سانائەت تەرەققىياتىغا ۋە «شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش» قا ياردەم قىلغانلىق دەپ كۆرسىتىلگەن.

دەرۋەقە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەتلەس قاتارلىق مىللىي كىملىك ۋە ئالاھىدىلىككە ئىگە سىمۋوللىرىنى سۇيىئىستېمال قىلىش ھادىسىسىنى «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى»، «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئەزەلدىن خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى» دېگەندەك سەپسەتە ۋە سىياسىي تەشۋىقاتلارغا تەتبىقلاپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. مۇتەخەسسىسلەر نۆۋەتتە، خىتاينىڭ «شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش» شوئارى ئاستىدا ئۇيغۇر ئەتلىسىنى ۋاسىتە قىلىپ ھەم ئىقتىسادىي جەھەتتىن پايدىغا ئېرىشىش ھەم رايوندا ئۇيغۇر كىملىكىنى سۇسلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.