خىتاي پايتەختى بېيجىڭدا، 5-مارت كۈنى ئېچىلغان 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5-يىغىنىدىن كېيىن، 8-مارت كۈنى يەنە 13-نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش 5-يىغىنى ئېچىلغان. بۇ ئىككى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون ۋەكىللىرى، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 5-مارت كۈنى، 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5-يىغىنىدا بەرگەن دوكلاتىدىكى، «مەدەنىيەت جەھەتتە ئوزۇقلاندۇرۇش»، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» ۋە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش» نەزەرىيەسىنى قوللايدىغانلىقى ھەققىدە ئاكتىپ ئىپادە بىلدۈرگەن.
8-مارت كۈنىدىكى تەڭرىتاغ تورى خەۋىرىدە، 13-نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش 5-يىغىنىدا ئىپادە بىلدۈرگەنلەر ئىچىدە، سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، ئۇسسۇلچى دىلنار ئابدۇللانىڭ سۆزىگە ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن.
سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، ئۇسسۇلچى دىلنار ئابدۇللا سۆزىدە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش» نەزەرىيەسىنى، رايوندىكى «مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت سەنئىتىگە سىڭدۈرۈش» نى يەنىمۇ كۈچەيتىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، «ناخشا-ئۇسۇل سەنئەت نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭدىكى يېتەرسىزلىكلەرنىمۇ كۆرۈپ يېتىش كېرەك» لىكىنى بىلدۈرگەن.
دىلنار ئابدۇللا سۆزىدە نۆۋەتتە «شىنجاڭنى مەدەنىيەت جەھەتتە ئوزۇقلاندۇرۇشى» نەزەرىيەسىگە بولغان تەتقىقاتنىڭ تېخى يېتەرلىك، سىستېمىلىق ۋە چوڭقۇر بولمىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ياش-ئۆسمۈرلەرگە نىسبەتەن، جۇڭخۇا مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنىڭ ئىلغار تەرەپلىرى ھەققىدىكى مائارىپ تەربىيەسىنىڭ دەرسلىك كىتابلاردا يېتەرلىك ئەكس ئەتتۈرۈلمىگەنلىكى» قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، دىلنار ئابدۇللا سۆزىدە يەنە «مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى تەشەببۇسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ سۆزىدە، «مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش» نىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئالاھىدىلىكىنى، ئىندىۋىدۇئالىقىنى ھەرقايسى دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ مۇھىم خىزمەتلىرى ئىچىگە كىرگۈزۈشنى تەكىتلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۇ يەنە: «مەدەنىيەت جەھەتتە ئوزۇقلاندۇرۇشقا بولغان نەزەرىيەۋى تەتقىقاتنى كۈچەيتىش، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت-سەنئەت جەۋھەرلىرى ۋە سەنئەتكارلارنى تەربىيەلەپ يېتىلدۈرۈشكە ھەم شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەردە جۇڭخۇا بىرلىكى ئېڭىنى دەرسلىك سۈپىتىدە كىرگۈزۈش، جۇڭخۇا كلاسسىك شېئىرىيىتى، كلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە جۇڭگوچە رەسىم سەنئىتى قاتارلىق نادىر مەدەنىيەت مىراسلىرىنى مەكتەپلەرگە ئېلىپ كىرىش، بۇ ئارقىلىق مەدەنىيەت جەھەتتە ئوزۇقلاندۇرۇشنى مەكتەپ مائارىپىغا يۇغۇرۇۋېتىش كېرەك» دېگەن.
چەتئەللەردىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەننىڭ قارىشىچە، ئاتالمىش سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، ئۇسسۇلچى دىلنار ئابدۇللا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق رەئىسى ئىسمائىل ئەمەتنىڭ كېلىنى بولۇپ، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىگە سادىق ئاتالمىش ئۇيغۇرلار ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان «خىتاي كىملىكىنى مەجبۇرىي قوبۇل قىلىش» سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشتە قوللىنىۋاتقان كونا تاكتىكىلىرىنىڭ قايتا تەكرارلىنىشى ئىكەن.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە ئىسمائىل ئەمەتنىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-90-يىللىرىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسىلىك ۋە خىتاي مىللىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرىلىق ۋەزىپىلىرىنى ئۆتىگەن دەۋردىكى خىتاينىڭ سىياسىتى ۋە ئۇنىڭ بۈگۈنكى دەۋردىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق»، «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» تەرەققىياتى ھەققىدىمۇ توختىلىپ ئۆتتى.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن ئىسمائىل ئەمەت ۋە باشقىلارنى «قورچاق رەئىسلەر» دەپ ئاتاش بىلەن بۇ كىشىلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىنى سادىقلىق بىلەن ئىجرا قىلغان خىتاي ئەمەلدارى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ، 1980-يىللاردا ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلگەن نىسبەتەن كەڭرەك سىياسەتنىڭ ئىسمائىل ئەمەتنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئەمەس، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شۇ دەۋرىدىكى كۆز بويامچىلىق سىياسىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن ئوبزورچى خۇ پېڭ، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ تەكىتلىگەن «مەدەنىيەت جەھەتتە ئوزۇقلاندۇرۇش» دېگەن سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسىنى «مەدەنىيەت يوقىتىشى» دەپ شەرھلىدى.
خۇ پېڭ مۇنداق دېدى: «‹مەدەنىيەت جەھەتتە ئوزۇقلاندۇرۇش›دېگەنلىك ئەسلى مەنىسىدىن ئېيتقاندا ‹مەدەنىيەت يوقىتىش قۇرۇلۇشى›، ‹مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش قۇرۇلۇشى› دېگەنلىك. بۇ يەردىكى خىتايچە ‹رۈنÈó›سۆزىنىڭ مەنىسى ‹ئۈزلۈكسىز ئىچكىرىلەپ كىرىش» › دېگەنلىك. ئاتالمىش ‹ئىلغار جوڭخۇا مەدەنىيىتىنى مىڭلىغان ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرگىچە كىرگۈزۈش› دېگەن سۆزدىنلا كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ئۇلارنىڭ تەشەببۇس قىلىۋات ئاتالمىش جوڭخۇا مەدەنىيىتى ھەرگىزمۇ شىنجاڭدىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ مەدەنىيىتى ئەمەس، بەلكى سىرتتىن كەلگەن مەدەنىيەت. ئەگەر ئۇ شۇ يەرنىڭ ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتى بولسا ئۇنىڭ تەشەببۇس قىلىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق ئىدى. شۇڭا بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان ‹مەدەنىيەت جەھەتتە ئوزۇقلاندۇرۇش› دېگەنلىك سىرتتىن كەلگەن مەدەنىيەتنى يەرلىك خەلققە مەجبۇرىي تېڭىشنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا بىز بۇنى يەرلىك خەلقلەرنى ‹مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ياكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى يوقىتىش› دەپ ئاتايمىز».
خۇ پىڭنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تەكىتلەۋاتقان، «مەدەنىيەت جەھەتتە ئوزۇقلاندۇرۇش»، «جوڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى» دېگەنلەرنىڭ مەقسىتى، ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرگە ئوشاش خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ خاس مىللىي كىملىكىنى يوقىتىپ، خىتاي مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرىي قوبۇل قىلدۇرۇش، شۇ ئارقىلىق بۇ مىللەتلەردىكى مىللىي كىملىكتىن كېلىدىغان ئاتالمىش «مۇقىملىق تەھدىتلىرىنى يوقىتىش» ئىكەن.
خۇ پېڭ يەنە مۇنداق دېدى: «مانا بۇ خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئەقەللىي لوگىكىسى، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە خىتايدا مىللىي مەسىلىنىڭ مەۋجۇت بولۇشى، يەنى ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسى، ئۇيغۇر مەسىلىسى، تىبەت مەسىلىسى دېگەنلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغىنى، بۇ ئۇيغۇرلاردىكى ۋە تىبەتلەردىكى ئۆزىگە خاس مىللىي كىملىكى ۋە ئۇلاردىكى مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقى، دەپ قارايدۇ. شۇڭا خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە، بۇ ئالاھىدىلىكلەر يوقىتىلغىنىدا، بۇ يەردە مىللىي مەسىلىمۇ مەۋجۇت بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇ دېگەنلىك ئەگەر ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنى پۈتۈنلەي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىۋەتكەندە، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلۇقى ۋە تىبەتلىكىنى ئۇنۇتقىنىدا، ئۇ چاغدا ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر مەۋجۇتلۇقىنى يوقاتقان بولىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ ئۆز مەقسىتىگە يەتكەن بولىدۇ».
خۇ پېڭ ئەپەندى يەنە نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا، «مەدەنىيەت جەھەتتە ئوزۇقلاندۇرۇش» نامىدىكى خىتاي مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى تېڭىشتا، خىتايغا سادىق ئۇيغۇر تىللىق ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە شەخسلەرنى ئالدىغا چىقىرىپ، ئۇيغۇرلارنى ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە مەدەنىيەت كىملىكىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقى، بۇ ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتى تەكىتلەۋاتقان ئاتالمىش «ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋەزىيىتى» نى بەرپا قىلىشنى كۆزلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ تەتقىقاتچىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى زۇبەيرە شەمسىدىن خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ 8-مارت كۈنى دەل مۇشۇ تېمىدا يەنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىدە، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان «مەدەنىيەت يوقىتىشى» ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
زۇبەيرە شەمسىدىن خانىم يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىلنار ئابدۇللاغا ئوخشاش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىنى يېقىندىن قوللايدىغان ئاتالمىش ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ئارقىلىق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلدۇرۇشتىكى مەقسىتى ھەققىدىمۇ توختالدى.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.