ئابدۇۋەلى ئايۇپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر بالىلىرىنى خىتايدىنمۇ بەكرەك خىتاي قىلىشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ»

0:00 / 0:00

5-ئاپرىل كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىدا خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئۇزۇن يىلدىن بېرى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ كېلىۋاتقان «خىتايلاشتۇرۇش» ھەرىكىتىگە دىققەت تارتىدىغان، بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرگە يۈرگۈزىۋاتقان «قوش تىللىق مائارىپ» نامى ئاستىدىكى ئانا تىلنى يوقىتىش مەقسەت قىلغان مائارىپى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلارنىڭ تىلى ۋە مىللىي كىملىكىگە كۆرسىتىۋاتقان تەسىرىنى يەنىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىش مەقسەت قىلىنغان بىر گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

«بۈگۈنكى خىتايدا تىل ۋە مىللىي كىملىككە بولغان چەكلىمىلەرنىڭ كۈچىيىشى» ناملىق بۇ ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا، ئۇيغۇر ئانا تىل پائالىيەتچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ، لا تروب ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت، ئاخبارات ۋە پەلسەپە فاكۇلتېتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى جېرالد روش (Gerald Roche)، جەنۇبىي موڭغۇلىيە كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئەنگەباتۇ توگوچوڭ، تىبەت ھەرىكىتى ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى لادون تېتوڭ قاتارلىقلار قاتنىشىپ دوكلات بەرگەن.

«بۈگۈنكى خىتايدا تىل ۋە مىللىي كىملىككە بولغان چەكلىمىلەرنىڭ كۈچىيىشى» ناملىق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا لا تروب ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت، ئاخبارات ۋە پەلسەپە فاكۇلتېتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى جېرالد روش (Gerald Roche) سوزلىمەكتە. 2022-يىل 5-ئاپرېل، ۋاشىنگتون.
«بۈگۈنكى خىتايدا تىل ۋە مىللىي كىملىككە بولغان چەكلىمىلەرنىڭ كۈچىيىشى» ناملىق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا لا تروب ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت، ئاخبارات ۋە پەلسەپە فاكۇلتېتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى جېرالد روش (Gerald Roche) سوزلىمەكتە. 2022-يىل 5-ئاپرېل، ۋاشىنگتون. (cecc.gov)

كېڭەش پالاتا ئەزاسى جىف مېركىلىي ئەپەندىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلغان بۇ يىغىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلى ۋە كىملىكىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان سىياسەتلىرىنىڭ بۇ مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىلىنى ئىشلىتىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارى ۋە ھوقۇقىغا تەھدىت سالىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

يىغىندا ئالدى بىلەن تەتقىقاتچى جېرالد روش (Gerald Roche) سۆز قىلىپ، خىتايدا نۆۋەتتە مىليونلىغان كىشىنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى يوقىتىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ خىتايدا ئادەتتە بۇ تىللارنىڭ «ئۆچۈرۈش ۋە بېسىم قىلىش» تىن ئىبارەت ئىككى خىل ئۇسۇل بىلەن يوقىتىلىشقا يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«ئۆچۈرۈش دېگەنلىك ئادەتتە بىر تىلنىڭ ئايرىم بىر تىل ئىكەنلىكىنى رەت قىلىپ، ئۇنى دىيالېكت دەپ ئىزاھلاشنى كۆرسىتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى خىتايدىكى 300 دىن ئارتۇق تىلنى رەت قىلىپ، ئاران ئۇنىڭ 56 سىنى تىل دەپ قوبۇل قىلغان. . . بۇ ئېتىراپ قىلىنمىغان تىللارنى سۆزلەيدىغان كىشىلەرنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ھوقۇقلىرى قاتتىق چەكلەنمەكتە. بىراق خىتايدا ئۇيغۇر تىلى ۋە موڭغۇل تىلى دەپ قوبۇل قىلىنغان تىللارمۇ ئوخشاشلا بېسىمغا دۇچ كەلمەكتە. . .»

«بۈگۈنكى خىتايدا تىل ۋە مىللىي كىملىككە بولغان چەكلىمىلەرنىڭ كۈچىيىشى» ناملىق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا ئۇيغۇر ئانا تىل پائالىيەتچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئىسپات بەرمەكتە. 2022-يىل 5-ئاپرېل، ۋاشىنگتون.
«بۈگۈنكى خىتايدا تىل ۋە مىللىي كىملىككە بولغان چەكلىمىلەرنىڭ كۈچىيىشى» ناملىق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا ئۇيغۇر ئانا تىل پائالىيەتچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئىسپات بەرمەكتە. 2022-يىل 5-ئاپرېل، ۋاشىنگتون. (cecc.gov)

جېرالد خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايچە بولمىغان تىللارغا قاراتقان ھەر تۈرلۈك بېسىمى سەۋەبىدىن ھازىر خىتايدىكى مەۋجۇت تىللارنىڭ يېرىمىنىڭ دېگۈدەك غايىپ قىلىنغانلىقىنى، ئۇنى سۆزلەيدىغانلار قالمىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئىشغالىيەتچى تارىخىنى رەت قىلىپ، ئۆزىدە يەرلىك مىللەتلەر يوقلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەچكە، ب د ت نىڭ يەرلىك تىللارغا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلىرىگە ئىشتىراك قىلىشنى رەت قىلىپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

ئۇ شى جىنپىڭ يېتەكچىلىكىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئون يىللىق سىياسىي غايىسىنىڭ «ھېچكىمنى بوش قويماسلىق» ئىكەنلىكى يەنى بارلىق تىللارنى يوقىتىپ، خىتاي تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت بۇنىڭغا قارشى جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەك، دېدى.

يىغىندا ئۇيغۇر زىيالىيسى ۋە ئانا تىل پائالىيەتچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى نىشان قىلغان سىياسەتلىرىنىڭ يېقىندىلا باشلىغان بولماستىن بەلگىلىك تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1949-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنى ئىدارە قىلىشنى باشلىغاندىن بۇيان، جەمئىي 4 قېتىم يېزىق ئۆزگەرتىش ھەرىكىتى قىلغانلىقىنى، ئۇيغۇر يېزىقى كىرىلچە، لاتىنچە ۋە كېيىنچە ئەرەبچە ئاساسىدا تۈزۈلگەن ئېلىپبەلەگەرگە ئالماشتۇرۇلۇش جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر ئون يىلدا بىر دېگۈدەك ساۋاتسىزلىققا مەھكۇم قىلىنىپ ماڭغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئابدۇۋەلى ئايۇپ سۆزىدە يەنە 1982-يىلىدىن كېيىن گەرچە ئۇيغۇر ئېلىپبەسى ئۆزگەرتىلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر تىلى ئىملا قائىدىسىنىڭ 5 قېتىم ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى، بۇنىڭ يېزىقچىلىق ۋە ئالاقە ئىشلىرىدا نۇرغۇن مەسىلىلەرگە يول ئاچقانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتتى. 1997-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلى مائارىپى چەكلىنىشكە باشلىغان بولسا، 2002-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئانا تىلىنىڭ ئالىي مائارىپتىن پۈتۈنلەي سىقىپ چىقىرىلغانلىقىنى، ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىلگەنلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. ئۇ يەنە 2006-يىلى ئۇيغۇر تىلىنى تىرىلدۈرۈش ھەرىكىتى قوزغىغان مەمتىمىن ئىليار قاتارلىق ئوندىن ئوشۇق ئۇيغۇر زىيالىيسىنىڭ 12 يىللىق قاماق جازاسى قاتارلىق مۇددەتلىك قاماق جازالىرى بىلەن جازالانغانلىقىنى، ئۆزى باش بولۇپ 2011-يىلى باشلىغان ئۇيغۇر ئانا تىل ھەرىكىتىنىڭمۇ باستۇرۇلۇپ، ئۆزىنىڭمۇ قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغانلىقىنى ئاڭلىتىپ ئۆتتى.

ئۇ 2017-يىلىدىن كېيىن بۇنداق سىياسەتلەرنىڭ ھەسسىلەپ كۈچەيگەنلىكىنى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ يېتەكچى زىيالىيلىرىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى، ئۇيغۇر كىتابلىرىنىڭ يىغىۋېلىنغانلىقىنى، ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ھازىر خىتايچە ئۆگىنىشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ھازىر لاگېرلاردا يېتىۋاتقان 3 مىليونچە ئۇيغۇرنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ بالىلار لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى، بۇلارنىڭ پۈتۈنلەي خىتاي تىلى ۋە مەدەىيىتى بويىچە تەربىيەلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ ئۇ بۇنىڭغا مىسال بەرگەندە، تۈرك پۇقراسى بولغانلىقتىن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن تۈركىيەگە قايتۇرۇپ كېلىنگەن ئىككى ئۇيغۇر پەرزەنتىنىڭ دەل شۇنداق بالىلار لاگېرلىرىدا ياتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ قىسقىغىنە ئىككى يىل ئىچىدە ئۇيغۇر تىلىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ بۇنىڭدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلى، مەدەنىيىتى، كىملىكى بىلەن پۈتۈنلەي ئايرىۋېتىلگەن ھالدا چوڭ بولۇۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىكلىكىنى ئېيتىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن ۋە خەلقئارا جەمئىيىتىدىن جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشنى تەلەپ قىلدى.

تىبەتلىك پائالىيەتچى لادون تېتوڭ ۋە جەنۇبىي موڭغۇلىيەلىك( ئىچكى موڭغۇلىيە) پائالىيەتچى ئەنگەباتۇ توگوچوڭلارمۇ تىبەت ۋە موڭغۇل تىللىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بەردى. ئۇلارمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ باشلامچى بولۇپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ تىلىنى، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى يوقىتىش ئارقىلىق بۇ مىللەتلەرنى خىتايلاشتۇرۇپ يوقىتىش ھەرىكىتىنى توسۇشقا چاقىردى.

موڭغۇل پائالىيەتچى ئەنگىباتۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن ئىچكىي موڭغۇلدا يۈز بېرىۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى، ئامېرىكا ئاۋازى ياكى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىدا موڭغۇل تىلى بۆلۈمى تەسسس قىلىشنى ۋە موڭغۇللار ئۈچۈنمۇ خۇددىي ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرگە چىقىرىلغان قانۇنلاردەك مەخسۇس قانۇن چىقىرىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

ئۇ ئاۋام پالاتا ئەزاسى جەيمىس ماكگوۋرننىڭ «ئامېرىكا ئاۋازى ياكى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىدا موڭغۇل تىلى ئاڭلىتىشى بېرىشنىڭ جەنۇبىي موڭغۇلىيەلىكلەر ئۈچۈن قانداق ئەھمىيىتى بارلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەمسىز؟» دەپ سورىغان سوئالىغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «موڭغۇل تىلى بۆلۈمى ئېچىش ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى جەنۇبىي موڭغۇلىيەلىكلەرنىڭ ئەركىن دېموكراتىك دۆلەتلەر بىلەن ئالاقە قۇرىدىغان ھېچقانداق باشقا ۋاستىسى يوق. مانا بۇ سەۋەبتىن جەنۇبىي موڭغۇلىيەدە بولۇۋاتقان ئىشلار خەۋەر قىلىنالمايۋاتىدۇ. بۇ رادىيو ھەم ئۇلارنىڭ ئەركىن دۇنيادىن خەۋەردار بولۇشى ھەم ئەركىن دۇنياغا ئاۋازىنى ئاڭلىتىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ.»

تىبەت پائالىيەتچى بولسا ئەينى يىللاردا كانادا ۋە ئامېرىكادا يەرلىك مىللەت بالىلىرىنى ياتاقلىق مەكتەپلەرگە يىغىۋېلىپ ئوقۇتۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان پاجىئەلەر كەڭ ئاشكارىلىنىپ، بۇ دۆلەتلەر بۇنىڭ خاتالىقىنى قوبۇل قىلىۋاتقان مۇشۇنداق پەيتلەردە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتلەر ۋە ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگىمۇ ئوخشاش خاتالىقنى سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، مۇنداق دېدى:

«ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ شېرىك دۆلەتلىرى ئالدى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشلىرىنى كەڭ دائىرىدە ئاشكارىلىشى ۋە ئوچۇق-ئاشكارا ئەيىبلىشى كېرەك. مانا بۇ ئېلىنىشقا تېگىشلىك تەدبىرلەرنىڭ باشلىنىشىدۇر. بۇنداق ياتاقلىق مەكتەپلەر تاقىلىشى ۋە ئاتا-ئانىلىرىغا قايتۇرۇلۇپ بېرىلىشى كېرەك. خەلقئارا جەمئىيەت ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ياتاقلىق مەكتەپلەرنى ئەيىبلىشى ۋە بۇنى يوقىتىش ئۈچۈن بېسىم قىلىشى كېرەك.»

ئابدۇۋەلى ئايۇپمۇ ئاۋام پالاتا ئەزاسى مىشەل سىتىل ۋە باشقا ئەزالارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ قۇدرىتىدىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇنى قوغداشتىكى ئىرادىسىدىن قورققانلىقىنى، شۇڭا ئۇنى ئۆزىگە تەھدىت دەپ قاراپ يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. بولۇپمۇ ئابدۇۋەلى ئايۇپ سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر ئۇيغۇر بالىلىرىنى قەدىمكى خىتاي تىلى، كۇڭزى قاتارلىق قەدىمكى خىتاي مەدەنىيىتىگە ئائىت تېكىستلەر ۋە ئۆرپ-ئادەتلەر بىلەن تەربىيەلەۋاتقانلىقىدەك نوقتىغا دىققەت تارتىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر بالىلىرىنى خىتايدىنمۇ بەك خىتاي قىلىپ چىقىشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ،» دېدى.

گۇۋاھلىق يىغىنىدا سۆز قىلغان مۇتەخەسسىلەر بىردەك ئامېرىكا ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاينىڭ بۇ مىللەتلەرنىڭ تىلىنى، مەدەنىيىتىنى چەكلەش، ئۇلارنى ئاسسىملاتسىيە قىلىپ يوقىتىش ھەرىكىتىنى ئەيىبلەش، توختىتىش، بۇ تىللارنى قوغداپ قېلىشتەك ئەخلاقىي مەجبۇرىيىتى ۋە مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى، شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى بۇ «يىلتىزىدىن قۇمۇرۇش» ھەرىكىتىنىڭ دۇنيا ئۈچۈنمۇ خەتەرلىكلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.