پاكىستاننىڭ گىلگىت رايونىدىكى «خىتاي-پاكىستان دوستلۇق تاشيولى» بويىدىكى بىر مەنزىرىلىك جايدا خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ قەبرىستانلىقى بار بولۇپ، پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە خىتايپەرەس جەمئىيەتلەر داۋاملىق تۈردە بۇ جاينى «خىتاي-پاكىستان دوستلۇق ئابىدىسى» سۈپىتىدە تەشۋىق قىلىپ كەلمەكتە.
پاكستاندىكى بىر قىسم ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، بىر قىسىم خىتايپەرەس پاكىستانلىقلار ۋە خىتاينىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلى بىلەن پاكىستاندا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار 4-ئاپرىل، يەنى بۇ يىللىق رامازاننىڭ 3-كۈنى گىلگىتتىكى خىتاي قەبرىستانلىقىغا ئېلىپ بېرىلىپ، خىتايلارنىڭ قەبرە سۈپۈرۈش بايرىمىغا قاتناشتۇرۇلغان.
ئۇلار بۇ جايدا ئىسلام ئەقىدىلىرىگە پۈتۈنلەي خىلاپ ھالدا خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ قەبرىلىرىگە ئىسرىق يېقىش، تازىم قىلىشتەك خىتاي ئەنئەنىلىرىنى بىجا كەلتۈرگەن، شۇنداقلا مەخسۇس خىتايچە تەزىيە بىلدۈرۈرۈشكەن.

بۇ ۋەقە پاكستاننىڭ بىر قانچە تېلېۋىزىيە قاناللىرى ۋە گىلگىتتىكى يەرلىك تاراتقۇلاردىمۇ خەۋەر قىلىنغان. بۇ ۋەقە پاكستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئىچىدە «ئۇلۇغ ئاي ئۇلۇغ كۈنلەردە مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا قىلىنغان ھاقارەت» شۇنداقلا «ئۇرۇق-تۇغقانلىرى خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتىگە قىلىنغان ئېغىر خورلۇق» دىگەن تەنقىدلەرگە سەۋەب بولماقتا ئىكەن.
پاكستادىكى «ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى» نىڭ رەئىسى ئومەر ئۇيغۇرنىڭ رادىيومىزغا ئىنكاس يەتكۈزىشىچە، رامازاندا خىتاي قەبرستانلىقىنى تاۋاب قىلىشنى ئەسلىدە پاكىستاندىكى «خىتاي مۇھاجىرلار جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى ئابدۇلقېييۇم مىجىت بىلەن خىتاي ئەلچىخانىسى بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرغان ئىكەن.
گىلگىتتىكى بۇ خىتاي قەبرستانلىقىغا ئائىت تارىخىي ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، قاراقۇرۇم تاش يولى، قاراقۇرۇم، ھىمالايا ۋە ھىندىقۇش ۋە پامىر ئېگىزلىكى قاتارلىق تاغ تىزمىسىدىن ھالقىپ ئۆتىدىكەن. بۇ تاشيول 1966-يىلدىن باشلاپ خىتاي ۋە پاكىستانلىق ئىشچىلار تەرىپىدىن ياسالغان ئىكەن. تاشيول بويىدىكى گېئولوگىيەلىك شارائىت مۇرەككەپ بولغانلىقى سەۋەبىدىن، قۇرۇلۇش ئىنتايىن مۈشكۈل بولغان، تاشيول قۇرۇلۇشىنىڭ 12 يىل جەريانىدا قار كۆچۈش، تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتلەر سەۋەبلىك يۈزلىگەن خىتاي ئىنژېنېرلىرى ۋە قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىكەن.

پاكىستان ھۆكۈمىتى بۇ يولنى ياساشتا قازا قىلغان خىتاي ئىشچىلارنى دەپنە قىلغان جايغا «خىتاي قۇربانلار قەبرىستانلىقى» دەپ نام بېرىپ، قەبرىستانلىقنىڭ ئوتتۇرىسغا ئاق مەرمەردىن خاتىرە مۇنارى ئورناتقان ئىكەن.
1978-يىلى قاراقۇرۇم تاشيولى پۈتۈپ قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، ئۇ خىتاي بىلەن پاكىستاننى تۇتاشتۇرىدىغان بىردىنبىر قۇرۇقلۇق يولىغا ئايلانغان بولۇپ، خىتاي ۋە پاكىستان ھەر ئىككى تەرەپ يولنى «دوستلۇق يولى» دەپ ئاتىغان ئىكەن.
«خىتاي-پاكىستان دوستلۇق ئابىدىسى» گە ئايلاندۇرغان بۇ جاي پاكستاننىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان ساداقىتىنى ئىپادىلەيدىغان، دائىم خىتاي-پاكستان بايراقلىرى ئېسىلىپ بېزىلىدىغان ۋە گۈلچەمبىرەكلەرنى قويىدىغان بىر سىياسىي پائالىيەت سورۇنى بولۇپ قدالغان ئىكەن.
ھالبۇكى، بۇ يىللىق رامازاندا پاكىستاندىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ بۇ جايدىكى خىتاي قەبرستانلىقىنى تاۋاب قىلىشقا ئېلىپ بېرىلىشى، «ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامي ئەقىدىسىگە قىلىنغان بىر ھاقارەت ۋە ئېغىر خورلۇق» دەپ قارالماقتا ئىكەن.
ئۆزىنى «شىنجاڭلىق خىتاي پۇقراسى» دەپ تونۇيدىغان پاكىستاندىكى خىتايپەرەس ئۇيغۇرلاردىن ئابدۇقەييۇم مىجىتنىڭ يېقىندا خىتاي ئەلچىخانىسى ئويۇشتۇرغان چاغان بەزمىسىدە خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تارتۇقلانغانلىقى ئاشكارلانغان ئىدى.
«خىتاي مۇھاجىرلار جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى ئابدۇلقەييۇم مىجىتنىڭ فېيسىبۇك بېتىدە بۇ يىللىق رامازان مەزگىلىدە گىلگىتتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتاي قەبرىستانلىقىغا تاۋابقا ئېلىپ بېرىلغانلىقى ھەققىدىكى سۈرەتلىك ۋە ۋىدىيولۇق ئۇچۇرلار ھەمبەھرلەنگەن. بۇنىڭدىن پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلىرىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى مەلۇم بولدى
50 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان رامازاندىكى بۇ خىتاي قەبرىستانلىقىنى تاۋاب قىلىش پائالىيىتىگە قاتناشقانلارنىڭ ئاساسلىق قىسمى خىتاي ئەلچىخانىسىدىن ئوقۇش ياردەم پۇلى ئېلىۋاتقان پاكىستانلىق ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئىكەن. ئىلگىرى «خىتاي مۇھاجىرلار جەمئىيىتى» دېگەن بۇ تەشكىلاتنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ختاي ھۆكۈمىتىنىڭ پاكىستاندىكى ئىقتىسادى ئەھۋالى قىيىن بولغان ئاتالمىش «شىنجاڭلىق خىتاي پۇقرالىرى» ئائىلىلىرىنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىپ كېلىۋاتقانلىقى ئاشكارلانغاندى.
خىتاي ئەنئەنىسى بويىچە ھەر يىلى 4-ئاينىڭ بېشىدا «قەبرە سۈپۈرۈش بايرىمى» بولىدىكەن. بۇ كۈندە خىتايلار ئۆلۈپ كەتكەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ قەبرىسىنى يوقلاشنى ئادەت قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا بۇ بايرامدا ئۇيغۇرلارنى خىتاي «ئىنقىلابى قۇربانلىرى» نىڭ قەبرىسىنى سۈپۈرۈش پائالىيىتىگە مەجبۇرىي قاتناشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. خىتاينىڭ بۇ بايرىمى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە ئاتالمىش «ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە قىزىللىق تەربىيەسى» ئېلىپ بارىدىغان، ھۆكۈمەت مەمۇرلىرى ۋە كادىرلارنىڭ خىتاي ھۈۆكۈمىتىگە بولغان ساداقىتىنى سىنايدىغان بىر مۇراسىمغا ئايلاندۇرۇلغان.
يېقىندا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بۇ يىللىق رامازاندا مەجبۇرىي ھالدا خىتاي قەبرىلىرىنى سۈپۈرۈشكە قاتنشاشتۇرۇلغانلىقىغا دائىر بەزى ۋېدىيولار تارقىلىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى بىئارام قىلغان ئىدى. بۇ يىللىق رامازاندا گىلگىتتىكى ئۇيغۇرلارنى خىتاي قەبرستانلىقىنى تاۋاب قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەقەسى، خىتاينىڭ مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ چېگرا ئاتلاپ چەت ئەللەرگە قەدەر سوزۇلغانلىقىنى ئاشكارىلاپ بەردى.
گىلگىت شەھىرى پاكىستاننىڭ كەشمىر رايونىدىكى ساياھەت مەركەزلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئىلگىرى بۇ يەرگە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر، خوتەن، يەركەن قاتارلىق جايلىرىدىن كۆچۈپ كېلىپ يەرلەشكەن تەخمىنەن 600 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئاھالىسى ياشاپ كەلمەكتە. ئۇلارنىڭ پاكستانغا يەرلەشكىنىگە يېرىم ئەسىردىن ئاشقان بولسىمۇ، ئەمما «خىتاي مۇھاجىرلار جەمئىيىتى» نىڭ ۋاستىسى بىلەن يەنىلا خىتاينىڭ كونتروللۇقى ۋە پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.