ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر: «كەلگۈسى ئەۋلادتلىرىمىز خىتاي تىلىدىكى مېڭە يۇيۇشنىڭ بىۋاستە تەھدىتى ئاستىدا تۇرماقتا»

0:00 / 0:00

يېقىنقى كۈنلەردە فېيسىبۇك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاقسۇنىڭ مەلۇم جايىدا 60 ياشلاردىكى بىر خىتاي ئەرنىڭ ئونلىغان ئۇيغۇر گۆدەكلىرىگە مېڭە يۇيۇش تەربىيەسى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىغا ئائىت سىن كۆرۈنۈشكىرى تارقالدى. بۇ سىن كۆرۈنۈشلىرىدە، ھېلىقى خىتاينىڭ 8-10 ياشلاردىكى ئۇيغۇر بالىلاردىن خىتاي ھۆكۆمىتى ياساپ چىققان ئاتالمىش «شىنجاڭ تارىخى» غا دائىر ساختا بايانلارنى ۋە مېڭە يۇيۇش خاراكتېرلىق سوئاللارنى خۇددى ئىمتىھان ئېلىۋاتقاندەك جىددىي قىياپەتتە سورىغانلىقى، بالىلارنىڭ بۇ سوئاللارغا شوئار يادلاۋاتقاندەك بىر قىياپەتتە خىتاي تىلىدا جاۋاب بېرىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

-شىنجاڭ دېگەن بۇ نامنىڭ مەنىسى نېمە؟

-يېڭى ۋەتەن.

-شىنجاڭنىڭ تارىخىي نامى نېمە؟

-غەربىي يۇرت.

-بۇ جاي قاچاندىن باشلاپ شىنجاڭ دەپ ئاتالغان؟

-1884-يىلىدىن باشلاپ.

-كىم ئىشغالىيەتچىلەرنى قوغلاپ چىقىرىپ، ئىلىنى قايتۇرىۋالغان؟

-زو زۇڭتاڭ.

-شىنجاڭ قاچان تىنچلىق بىلەن ئازاد بولغان؟

-1949-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى

-شىنجاڭنىڭ تىنچ يول بىلەن ئازاد بولۇشىغا كىملەر كۈچ چىقارغان؟

-تاۋ سىيۆ ۋە بۇرھان!

-تارىختا كىم شىنجاڭنى قېدىرىپ، يىپەك يولىنى ئاچقان؟

-جاڭ چىيەن!

-شىنجاڭغا كەلگەن تۇنجى كومپارتىيە ئەزاسى كىم؟

-پېڭ دەييۇەن!

-ئاقسۇغا كەلگەن تۇنجى كومپارتىيە ئەزاسىچۇ؟

-لىن جىلۇ.

. . . . . . .

بۇ سىن كۆرۈنۈشلىرىنىڭ يەنە بىرىدە، ئوخشاش بىر خىتاي، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قىزىل بايرىقى ئېسىلغان بىر زالغا بىر توپ ئۇيغۇر ئۆسمۈر بالىلارنى يىغىۋېلىپ: «قۇربان تۇلۇم تەسىرلەنگەن ھالدا ئائىلىسىدىكىلەرگە: «ئازاد بولغاندىن كېيىنلا مەن شۇنى ھەقىقىي ھېس قىلدىمكى، پەقەت كوممۇنىستىك پارتىيە بىز كەمبەغەللەرگە ھايات يولى بەردى، بىزنى ئىنساندەك كۆرۈپ، بىزگە يەر ۋە ئۆي بەردى، بىزگە ئىنسانلىق غۇرۇرىمىز بىلەن ياشاش پۇرسىتىنى بەردى» دېگەن، دەپ سۆزلەيدۇ.

بۇ قىسقا سىنلىق كۆرۈۈنۈشلەر ئامېرىكادىكىكى لاگېر شاھىدى زۇمرەت داۋۇت خانىمنىڭ فېيسىبوك بېتىدىن تارقالغان بولۇپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا زور غۇلغۇلا قوزغىغان.

زۇمرەت خانىم مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بىر قانچە سىن ككرۈنۈشلىرىنى بىرلىكتە كۈچۈرۈپ تارقاتقان. ئۇ بۇ سىن كۆرۈنۈشلىرىنىڭ ئاستىغا باھا يېزىپ: «ئۇيغىنىڭلار خەلقىم، ئەمدى ئويغانمىساڭلار، بۇ ئەۋلادلىرىمىز بىزنىڭ قارشىمىزغا چىقىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇرغان ھەمدە ئۆزىنىڭ چوڭقۇر ۋە جىددي ئەندىشىسىنى ئىپادە قىلغان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان زۇمرەت خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ سىن كۆرۈنۈشلىرى ئاقسۇنىڭ مەلۇم جايىدىكى ئۇيغۇر بالىلىرىغا مېڭە يۇيۇش تەربىيەسى ئېلىپ بېرىۋاتقان «ساۋ گاڭچى» ئىسىملىك 60 ياشلاردىكى بىر خىتاي تەرىپىدىن تىك-توكتا تارقىتىلغان ئىكەن.

زۇمرەت خانىم ۋەتەندىكى چاغلىرىدا گەرچە ئۆز بالىلىرىنى ئۈرۈمچىدىكى خىتاي مەكتىپىدە ئوقۇتقان بولسىمۇ، ئەمما بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر بالىلىرىغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مېڭە يۇيۇشنىڭ تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى، تىلغا ئالدى. ئۇ كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاش ئۈچۈن بۇ سىنلارنى دەرھال كۆچۈرۈپ فېيسبۇكتا تارقاتقان ئىكەن.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەردىن ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ھازىرقى ئېچىنىشلىق ئەھۋالى ئىپادىلەنگەن بۇ سىن كۆرۈنۈشلىرىنىڭ ئۆزىدە ئىنتايىن چوڭقۇر ئەندىشە پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ ئەھۋاللار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنى ئۆز تارىخى، ئانا تىلى ۋە ھەتتا ئۆزىنىڭ ئەجدادلىرىنىمۇ بىلمەيدىغان، قىپ-قىزىل خىتاي قىلىپ تەربىيەلەۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ھازىرقى يېڭى ئەۋلاد ئۇيغۇر گۆدەكلىرى دۇچ كېلىۋاتقان بۇ مېڭە يۇيۇش، ئەينى ۋاقىتتىكى مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەۋردە ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرى ئۇچرىغان زىيانكەشلىكتىنمۇ ئەجەللىك بولغان بىر تراگىدىيەدۇر.»

زۇمرەت داۋۇت خانىم، تىك-توكتا «ساۋ گاڭچى» دېگەن ئىسىم بىلەن توختىماي تارقىتىلىۋاتقان ئاقسۇدىكى ئۇيغۇر گۈدەكلىرىنىڭ سىن كۆرۈنۈشلىرىنى تەكرار-تەكرار كۆرۈش ۋە سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، بۇ سىن كۆرۈنۈشلىرىنى تارقاتقۇچى خىتاينىڭ بىر ئوقۇتقۇچى ياكى قىزىل تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ خدىمى ۋە ياكى بالىلار لاگېرىدىكى خىتاي يېتەكچى دەپ گۇمان قىلغانلىقىنى، بالىلارنى بولسا ئاتا-ئانىسى يېنىدا يوق، ياتاقلىق خىتاي مەكتەپلىرىگە ياكى بالىلار لاگېرىغا سولانغان ئۇيغۇر بالىلىرى دەپ قىياس قىلغانلىقىنى ئىلگرى سۈردى.

زۇمرەت داۋۇت ئېيتقاندەك، بۇ سىن كۆرۈنۈشلىرى تارتىلغان ئورۇنلار ئادەتتىكى مەكتەپكە ئوخشىمايدۇ، بۇ بالىلارنىڭ ئاتا-ئاتانىسىمۇ كۆرۈنمەيدۇ، ھەتتا ئۇنىڭدا باشقا ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇ بىرەر كۈرۈنۈشى يوق. بۇ سىن كۆرۈنۈشلىرىنىڭ بىرىدە ھەتتا ئەمدىلا تىلى چىققان 3 ياشلىق بىر نارسىدە، ئۆزىدىن چوڭراق ئاكىسىنىڭ خىتايچە «مەن چوڭ بولسام، ھەربىي بولۇپ ۋەتەننى قوغدايمەن» دەپ ئۆگەتكەن سۆزلىرىنى تەكرارلايدۇ.