يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاتالمىش «قوش تىللىق مائارىپ» نامىدا ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنى يوقىتىش سىياسىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنلىكى مەلۇم. يېقىندا خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن «ئاقسۇ ئاخبارات تورى» دا، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مائارىپ ۋە پەن تېخنىكا ئىدارىسى تىل يېزىق ئىشخانىسىنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ھەرقايسىي جايلىرىدا «پۇتۇڭخۇا» (خىتاي ئورتاق ئەدەبىي تىلى) نى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات پائالىيىتىنى جىددىي تۈردە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى. مەزكۇر خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ تەشۋىقات پائالىيىتى جەريانىدا ئاقسۇدىكى ھەر مىللەت ئاھالىلىرى «پۇتۇڭخۇادا سۆزلەش، ئۆلچەملىك يېزىش، مەدەنىي سۆزلەش، مەدەنىي كىشىلەردىن بولۇش» قا چاقىرىق قىلىنغان.
«ئاقسۇ ئاخبارات تورى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىملىق «پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش» ھەپتىلىكى ئاقسۇ شەھىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا پۈتكۈل ئاقسۇ ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى ھەرقايسىي ناھىيە، يېزا-بازار ۋە كەنتلەردە ئۆتكۈزۈلگەن. يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ پائالىيەتكە پائال قاتنىشىشقا سەپەرۋەرلىك قىلىنغان، شۇنداقلا ئاساسىي قاتلاملارغىچە كەڭ قانات يايدۇرۇلغان.
بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي ۋە ئېنىق مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ بىر قانچە ناھىيەلەردىكى مائارىپ ئىدارىلىرىگە تېلېفون قىلدۇق.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئاۋات ناھىيەلىك مائارىپ ۋە پەن تېخنىكا ئىدارىسىنىڭ بىر نەپەر خىتاي خادىمى، ئاتالمىش «پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش» ھەپتىلىكىنىڭ ئاۋات ناھىيىسىدە كەڭ پۇقرالارغا، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئاھالىلىرىگە نۇقتىلىق ھالدا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى.
مەزكۇر خىتاي خادىم، زىيارىتىمىز جەريانىدا بۇ قېتىملىق خىتاي ئورتاق ئەدەبىي تىلىنى قوللىنىشنى مەقسەت قىلغان «پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش» ھەپتىلىكىگە قارىتا يەرلىك خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنكاسىنىڭ «ناھايىتى ياخشى» بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.
بىز ئاۋات ناھىيەسىدىن باشقا ناھىيەلەردىمۇ بۇ خىل تەشۋىقات پائالىيىتىنىڭ ئېلىپ بېرىلغان ياكى ئېلىپ بېرىلمىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، كۇچا ناھىيەلىك مائارىپ ۋە پەن تېخنىكا ئىدارىسىگە تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر خىتاي خادىم، بۇ ھەقتە سورالغان سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلىپ، پەقەت يۇقىرى ئورگانلارنىڭ ئالاھىدە تەستىقى بولغان ئەھۋالدىلا بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى: «ئەگەر بۇ توغرۇلۇق ئەھۋال ئىگىلىمەكچى بولساڭلار، ئالدى بىلەن سىلەرنىڭ مەسئۇل رەھبەرلىرىڭلار بىزنىڭ رەھبەرلەر بىلەن ئالاقىلىشىشى كېرەك. يۇقىرى رەھبەرلىكنىڭ ئىجازىتى بولغاندىلا ۋە ياكى مەخسۇس زىيارەت قىلىش تەستىقى بولغاندىلا، ئاندىن مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرەلەيمىز. سىزنىڭ بىر تېلېفون ئۇرۇشىڭىز بىلەنلا بىز بۇ يەردىكى ئەھۋاللاردىن مەلۇمات بېرەلمەيمىز. يۇقىرىنىڭ ئىجازىتى بولماي تۇرۇپ، بۇ يەردىكى ئەھۋاللارنى ئىنكاس قىلغىلى بولمايدۇ، خەير-خوش!»
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك مائارىپ ۋە پەن تېخنىكا ئىدارىسىنىڭ بىر نەپەر خىتاي خادىمىمۇ «پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش ھەپتىلىكى» نىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە قانداق ئېلىپ بېرىلغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلىپ، بۇنى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مائارىپ ۋە پەن تېخنىكا ئىدارىسىدىن سورىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى:
«شۇنداق. سىز قايسى ئىدارىنىڭ؟ بۇلارنى ئەڭ ياخشىسى ۋىلايەت دەرىجىلىك مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن ئىگىلىسىڭىز بولىدۇ. مەن بۇ توغرىلىق سىزنىڭ سوئاللىرىڭىزغا جاۋاب بېرەلمەيمەن.»
ئاخىرىدا بىز توقسۇ ناھىيەلىك خىتاي تىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھان بازىسىغا تېلېفون قىلىپ، بۇ جايدىكى ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغان كىشىلەرنىڭ سالاھىيىتى، يېشى ۋە مىللىتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى سورىدۇق، شۇنداقلا توقسۇ ناھىيەسىدە خىتاي تىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانلىرىنىڭ قانداق ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشنى تەلەپ قىلدۇق.
بۇ خادىم بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئىمتىھانغا ھەرقانداق ئادەم قاتنىشالايدۇ. شۇنداق، ئىمتىھانغا قاتناشقۇچىلارغا ھېچقانداق تەلەپ قويۇلمايدۇ. ئىمتىھان ئېلىش ۋاقتى ۋىلايەتنىڭ يوليورۇقى بىلەن بېكىتىلىدۇ. بۇ يىل ئىككى قېتىملىق خىتاي تىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى ئېلىنىپ بولدى. كېيىكى قېتىملىقى يۇقىرىنىڭ يوليورۇقى چۈشكەندە ئېنىق بولىدۇ.»
مەزكۇر خىتاي خادىم، بىزنىڭ توقسۇ ناھىيەسىدە ئاتالمىش «پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش» تەشقىقات پائالىيىتىنىڭ قانداق ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى سۇئاللىرىمىزغا جاۋاپ بېرىشنى رەت قىلدى: «سىز توغرا يول بىلەن ئەھۋال ئىگىلەڭ، بولامدۇ؟»
ئۇيغۇر دىيارىدا 28 يىل ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا خىتاي تىلىدىن دەرس بەرگەن، ھازىر گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان قەلبىنۇر سىدىق خانىم، بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇردى. ئۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نۆۋەتتە ئاساسىي قاتلامدىكى ئۇيغۇر ئاھالىلىرى ئارىسىدا «پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش» ھەرىكىتىنى قوزغىشى، ئۇلارنىڭ رايوندىكى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ قايسىي دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
ئىلگىرى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ كورلا شەھىرىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە 10 يىل خىتاي تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولغان، نۆۋەتتە خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقىي ئاسىيا تىللىرى ۋە مەدەنىيىتى فاكۇلتېتىدا ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان دوكتور گۈلنار ئېزىز خانىم بوستوندىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلدى. ئۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇر تىلى، مىللىي مائارىپى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىش ۋە ئۇنى خىتايچىلاشتۇرۇش ئۇرۇنۇشىنىڭ تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ بىر تۈرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
دەرۋەقە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە خىتاي بولمىغان باشقا مىللەتلەرنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش پىلانىنى ئەڭ تېز ۋە ئەڭ ئاشقۇن شەكىلدە ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى، چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرى ۋە ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مۇتەخەسسىسلەردە كۈچلۈك ئەندىشە پەيدا قىلماقتا. بۇ تېما ئۆز نۆۋىتىدە يەنە مۇناسىۋەتلىك ساھەلەرنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغاۋاتقان مۇھىم بىر نۇقتىغا ئايلانماقتا.