مەكتەپ خادىمى: «كەسپىي تېخنىكا مەكتەپلىرى شىركەت ۋە زاۋۇتلارنى تېخنىكا ئىشچىلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ!»
2023.09.22
خىتاي خەلقئارا بازارغا سېلىۋاتقان ھەمدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى شىركەت-زاۋۇتلاردا ئىشلىنىۋاتقان ئەرزان باھالىق كىيىم-كېچەك ۋە باشقا تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى بەدىلىگە كەلگەنلىكى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، خىتاي ئېكىسپورت قىلغان مەھسۇلاتلار غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە قاتتىق چەكلەنمەكتە. مۇشۇنداق بىر مەزگىلدە خىتاي تاراتقۇلىرىدا ئۇيغۇر دىيارىدا ‹شىنجاڭغا ياردەم› نامىدا يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان كۆپلەپ قۇرۇلۇۋاتقان خىتاي شىركەت-زاۋۇتلىرى ھەققىدىكى خەۋەرلەر كۆپەيدى.
خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 9-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى خەۋىرىدە «يېقىنقى 10 يىل ئىچىدە ‹شىنجاڭغا ياردەم› قۇرۇلۇشى بويىچە، 170 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، رايوندا 15 مىڭ شىركەتنىڭ يەرلەشتۈرۈلگەنلىكى» خەۋەر قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە «خىتاي خەۋەرلەر تورى» نىڭ 9-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى خەۋىرىدە، شاڭخەي شەھىرىنىڭ ياردىمىدە يەكەن ناھىيەسىدە «قەشقەر تەبىئىي پەن كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى» قۇرۇلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. خەۋەردە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بۇ خىلدىكى كەسپىي تېخنىكا مەكتەپلىرىنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەتلەردە كۆپلەپ قۇرۇلۇپ، رايوندىكى شىركەت-زاۋۇتلار ئۈچۈن كەسپىي خادىملارنى يېتىلدۈرۈش، رايون ئىقتىسادىنىڭ يۈكسىلىشى ۋە خەلقنىڭ پاراۋانلىقىنى ياخشىلاشقا ھەسسە قوشۇۋاتقانلىقى مەدھىيەلەنگەن.
ئۇنداقتا، بۇنچە كۆپ ساندىكى خىتاي شىركەتلىرى ئۇيغۇر رايونىدا قانداق پۇرسەتلەرگە ئېرىشمەكتە؟ خىتاي-شىركەت زاۋۇتلىرىنىڭ ئەمگەك كۈچى مەنبەسى قانداق ھەل قىلىنماقتا؟
ئۇيغۇر رايونىدىكى كەسپىي تېخنىكا مەكتەپلىرى ھەققىدىكى ئۇچۇرلاردىن ئۇيغۇر دىيارىدا كەسپىي تېخنىكا مەكتەپلەرنى تۈگەتكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يېقىنقى مەزگىللەردە قۇرۇلغان خىتاي-شىركەت زاۋۇتلىرىدا ئىشلىگەندىن باشقا، خىزمەت تونۇشتۇرۇش شىركەتلىرى ئارقىلىق پۈتكۈل خىتاي مىقياسىدىكى شىركەت-زاۋۇتلارغىمۇ ئەۋەتىلىدىغانلىقى مەلۇم بولدى. توردىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسەن كەسپىي مەكتەپلەر ۋە خىتاي شىركەتلىرى ئوتتۇرىسىدا ئەمگەك توختامى تۈزەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بېيجىڭدىكى بىر شىركەتكە تېلېفون قىلدۇق. ئەمما بېيجىڭدىن تېلېفونىمىزنى ئالغان خىتاي خادىم قەشقەرنىڭ يەكەن ناھىيەسىدە يېقىندا قۇرۇلغان «قەشقەر تەبىئىي پەن كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى» نىڭ ئۇلارنىڭ تىزىملىكىدە يوقلىغىنى، ئۇيغۇر رايونىدىكى كەسپى تېخنىكا مەكتەپلىرى ھەققىدە شۇ مەكتەپلەرنىڭ ئۆزىگە تېلېفون قىلىپ ئىگىلەشنى بىلدۈرۈپ تېلېفوننى ئۈزۈۋەتتى.
ئۇيغۇر دىيارىغا قىلغان تېلېفونلىرىمىز داۋامىدا، مەلۇم بىر كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىنىڭ ئۇيغۇر خادىمى تېلېفونىمىزنى ئېلىپ بۇ ھەقتىكى بىر قىسىم سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدا ناھايىتى تېزلىكتە كۆپىيىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ئىلتىماس قىلىش ئارقىلىق، يەرلىكتىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن شىركەت ۋە زاۋۇت قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ھەقسىز يەر كۆلىمىگە ئېرىشىدىكەن.
ئۇ ئۇيغۇر دىيارىدا يەرلەشكەن خىتاي زاۋۇت-فابرىكىلىرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللەردە ناھىيەلىك ۋە يېزىلىق ھۆكۈمەتلەرنىڭ ياردىمىدە يەرلىك تەمىنلىگەن دېھقان ئىشلەمچىلىرىنى بىر مەزگىل تەربىيەلەپ ئىشلەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئەمما كېيىنچە، زاۋۇتلاردا مەجبۇرىي ئىشلىتىلگەن دېھقان ئىشلەمچىلىرىنىڭ خىتاي تىلى سەۋىيەسى ۋە تېخنىكا جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكلىرى بارغانچە ئاشكارىلانغان. بۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەرقايسى ۋىلايەتلەرنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك تېخنىكا مەكتەپلىرى كۆپلەپ قۇرۇلغان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە بۇ مەكتەپلەر خىتاي شىركەتلىرى ۋە زاۋۇتلىرىنى خىتاي تىلى سەۋىيەسى يۇقىرى ھەمدە مەلۇم كەسپىي تېخنىكا ماھارىتىگە ئىگە زور بىر تۈركۈم ئەمگەك كۈچلىرى بىلەن تەمىنلىمەكتە ئىكەن.
بۇ خادىم يەنە ئۆزى ئىشلەۋاتقان مەكتەپتىلا 40 نەچچە خىل كەسىپ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈز پىرسەنت خىتاي تىلىدا تەربىيىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ھەر يىلى قوبۇل قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلار سانىنىڭ نەچچە مىڭغا يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، 2023-يىلى ئۇلارنىڭ مەكتىپىگە قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار سانىنىڭ بەش مىڭدىن ئاشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، كەسپىي تېخنىكا مەكتەپلىرىدە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار ئىككى يىللىق كەسپىي دەرسلەردىن كېيىن، زاۋۇتلارغا بېرىپ بىر يىل پراكتىكا قىلىدىكەن. پراكتىكا جەريانىدا ئەمگەك كۈچلىرىگە ئېھتىياجلىق شىركەت-زاۋۇتلار مەكتەپ ۋە ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئايرىم-ئايرىم توختام تۈزۈپ، كېرەكلىك ئەمگەك كۈچلىرىنى قوبۇل قىلىدىكەن.
ئۇنىڭدىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ پراكتىكا مەزگىلىدىكى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن خىتاي شىركەت زاۋۇتلىرىدا ئىشلەۋاتقان مەزگىلىدىكى ئەمگەك تۈزۈمىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كوللېكتىپ ھالدا بىر تۇتاش باشقۇرۇش تۈزۈمىدە ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ خادىم يەنە كەسپىي تېخنىكا مەكتەپلىرىنى تۈگەتكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ نۆۋەتتىكى مائاش ئۆلچىمىنىڭ ئىككى مىڭ يۈەندىن ئۈچ مىڭ يۈەن خەلق پۇلى بولۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئەمما ئۇ ياتاق ۋە تاماق پۇللىرىنى چىقىرىۋەتكەندە ئوقۇغۇچىلارنىڭ قولىغا قانچىلىك پۇل تېگىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلمەيدىكەن. ھالبۇكى ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدا كۆپلەپ قۇرۇلغان خىتاي زاۋۇت-شىركەتلىرىدە ئىشلىگەن دېھقان ئىشلەمچىلىرىنىڭ ئايلىق كىرىمى كەسپىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن تۆۋەن بولغان. دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققى ھەر ئايدا ئاران مىڭ يۈەن خەلق پۇلى ئەتراپىدا بولغىنى ئۈچۈن يېزىلىق ھۆكۈمەت تەرىپىدىن زاۋۇتلارغا مەجبۇرىي ئاپىرىلغان ئۇيغۇر دېھقان ئىشلەمچىلىرى بۇ پۇلغا نارازى بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار بىر ئائىلىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن تۆۋەن ئىش ھەققى بىلەن زاۋۇتلاردا ئىشلەشكە مەجبۇر بولماقتا ئىكەن.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.