ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئائىلىسىدىن مەجبۇرىي ئايرىلىپ خىتايلاشتۇرۇلۇشى گېرمان تاراتقۇلىرىدا جىددىي تېما بولماقتا

0:00 / 0:00

26-27-سېنتەبىر كۈنلىرى گېرمانىيەدە نەشردىن چىقىدىغان «دۇنيا» گېزىتى ھەمدە «جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى» قاتارلىق كۆپلىگەن گېزىتلەردە «ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقاتچىلىرى خىتايدىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادە قىلدى»، «خىتاي ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ئائىلىسىدىن مەجبۇرىي ئايرىپ تاشلىماقتا» ناملىق خەۋەرلەر ئېلان قىلىنغان. خەۋەرلەردە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئاتا-ئانىلىرى لاگېرلارغا قامالغان يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى يىغىۋېلىپ، ياتاقلىق مەكتەپلەردە خىتايلاشتۇرۇپ تەربىيەلەۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.

خەۋەرلەردە ئەسكەرتىلىشىچە، ئۇيغۇر بالىلىرى مەسىلىسى 26-سېنتەبىر كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 54-نۆۋەتلىك يىغىنىدا كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى تەرىپىدىنمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ خاس سەھىپىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلاردا بايان قىلىنىشىچە، ب د ت مۇتەخەسسىسلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ ياتاقلىق مەكتەپلىرىدە تەربىيەلىنىۋاتقان ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنىڭ ئائىلىسىدىن، جەمئىيەتتىن ئايرىپ تاشلىنىپ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىۋاتقانلىقىدىن، ئۇلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىدا دەرس ئاڭلىيالمايدىغانلىقىدىن قاتتىق ئەندىشە تۇيۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلىنغان.

دوكلاتتا مۇنداق ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلگەن: «بىزنىڭ قاتتىق دىققىتىمىزنى تارتقىنى، شىنجاڭدىكى ياتاقلىق مەكتەپلەردە تامامەن دېگۈدەك خىتاينىڭ دۆلەت تىلى قوللىنىلىدىكەن، ئۇيغۇر تىلى تەربىيەلەشتە ئىنتايىن ئاز ياكى ھېچ ئىشلىتىلمەيدىكەن. ب د ت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ نەزىرىدە، خىتاينىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنى ئائىلىسىدىن ئايرىپ تاشلاش سىياسىتى كەمسىتىش خاراكتېرىگە ئىگەدۇر، بۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مائارىپتىن باراۋەر بەھىرلىنىش ھوقۇقى، ئائىلە تۇرمۇشى ۋە مەدەنىيەتلەر ھوقۇقىغا قىلىنغان تاجاۋۇزچىلىق.»

ئەتراپى سىم تىكەن بىلەن چېگرىلانغان مەكتەپنىڭ ئىچىدە «تەربىيەلىنىۋاتقان» بالىلار.
ئەتراپى سىم تىكەن بىلەن چېگرىلانغان مەكتەپنىڭ ئىچىدە «تەربىيەلىنىۋاتقان» بالىلار. (BITTER WINTER)

دوكلاتتا يەنە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ياكى لاگېرلارغا قامالغان كىشىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «يېتىم بالا» دەپ قارىلىپ، مەجبۇرىي ھالدا پۈتۈن كۈنلۈك ياتاقلىق مەكتەپلەرگە ياكى يەسلىلەرگە ۋە ياكى يېتىمخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى، بۇ يەردە تامامەن خىتاي تىلىدا دەرس ئۆتۈلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

نۆۋەتتە جەنۋەدە چاقىرىلىۋاتقان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 54-نۆۋەتلىك يىغىنىدا خىتاي كەبى مۇستەبىت كۈچلەر بىلەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئورنىدىن دەس تۇرغان ھەققانىيەتچى كۈچلەر ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن رىقابەت ھېلىمۇ داۋام قىلماقتا ئىكەن. ب د ت دا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ تىلغا ئېلىشىچە، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر پاجىئەگە مۇناسىۋەتلىك بىر دوكلات مانا مۇشۇنداق رىقابەتكە تولغان شارائىتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر دوكلاتنى تەرەپسىز مۇتەخەسسىسلەر ۋە تەتقىقاتچىلار ئېلان قىلغان بولغاچقا، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ئۇنىڭ خەلقئارادىكى قىممىتى ۋە تەسىرى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ خاس سەھىپىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلاردا بايان قىلىنىشىچە، مەزكۇر دوكلاتنى ئېلان قىلغان مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇر دىيارىدىكى قاتتىق نازارەت ۋە باشقۇرۇش ئاستىغا ئېلىنغان بۇ ئۆسمۈر بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن، چوڭ ئائىلىسى بىلەن ۋە جەمئىيەت بىلەن بولغان ئالاقىسى ئىنتايىن چەكلىك ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ بالىلارنى ئائىلىدىن، جەمئىيەتتىن ئايرىپ تاشلاپ، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى، ئېتىقادى ۋە مىللىي كىملىكلىرىدىن ئادا-جۇدا بولۇشقا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى تەكىتلەشكەن. د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى غەيۇر قۇربان ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە قاراشلىرىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتتى.

دىققەتنى تارتىدىغىنى، ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك تېمىلارنىڭ گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىدا بارغانسېرى كۆپىيىشى بولماقتا. 25-سېنتەبىر كۈنى «گېرمانىيە تاراتقۇسى» ناملىق رادىيو قانىلى بۇ خۇسۇستا «خىتاينىڭ ئۇزارغان قولى» ناملىق 26 مىنۇتلۇق مەخسۇس بىر پروگرامما تارقاتقان. بۇ رادىيو پروگراممىسىدا ئاتا-ئانىلىرى تۈرمىلەرگە، لاگېرلارغا ياكى مەجبۇرىي ئەمگەك ئورۇنلىرىغا قامالغان مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ دۆلەت تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىپ، مەخسۇس لايىھەلەنگەن ياتاقلىق مەكتەپلەردە يېتىپ ئوقۇپ، پۈتۈنلەي خىتايچە تەربىيەلىنىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

پروگراممىدا بايان قىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر تىلى ئىستېمالدىن تامامەن قالدۇرۇلغان بولۇپ، ئوچۇق سورۇنلاردا ھېچكىم ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلمەيدىكەن. يەسلى بالىلىرىدىن تارتىپ ئالىي مەكتەپلەرگىچە تىل ۋە ئوقۇشلۇقلارنىڭ ھەممىسى خىتايچىلىشىپ بولغان بولۇپ، بالىلار ھەتتا ئائىلىسىدىمۇ قورقۇپ ئاتا-ئانىسى ياكى بوۋىلىرىغا ئۇيغۇرچە سۆز قىلالمايدىكەن. ئۇيغۇرچە سۆزلەش ئۇلارنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشىغا يېتەرلىك سەۋەب بولالايدىكەن.

پروگراممىدا تىلغا ئېلىشىچە، ئۇيغۇرچە كىتابلىرى تامامەن مۇسادىرە قىلىنغان ياكى كۆيدۈرۈۋېتىلگەن، ئۇيغۇر كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىگە ئائىت ھەممە نەرسە تازىلىنىپ كۆزدىن يوقىتىلغان شەرقىي تۈركىستاندا، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلۇقىدىن ھېچ ئەسەرمۇ قالمىغان بىر ئەۋلاد كىشىلەر يېتىشىپ چىقماقتا ئىكەن. مەخسۇس خىتاي تىلى، خىتاي مەدەنىيىتى سىڭدۈرۈلۈۋاتقان، بولۇپمۇ ياتاقلىق مەكتەپلەردە تامامەن خىتايچە تەربىيەلىنىۋاتقان مىليوندىن ئارتۇق بۇ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ كەلگۈسىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەسكەن.