ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرىدىن تۋىتتېرغا 29-ئۆكتەبىر يوللانغان بىر ئۇچۇردىن ئاشكارىلىنىشىچە، يېقىندا ئۇيغۇر تىلى ۋە تىبەت تىلى ئوقۇشلۇقى خىتاينىڭ تىل ئۆگىنىش يۇمتالىدىن چىقىرىۋېتىلگەن.
خىتاي تىل ئۆگىنىش مەركىزى تور ئابونتلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلى ۋە تىبەت تىلى ئۆگىنىش يۇمتالىنىڭ تىزىملىكتىن چىقىرىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: «دۆلەت سىياسىتىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن، ئۇيغۇر تىلى ۋە تىبەت تىلى دەرسلىكى ۋاقتىنچە مۇنبەردىن ئېلىۋېتىلدى. قاچان ئەسلىگە كېلىشى ئېنىق ئەمەس. بۇ سەۋەبتىن كۆپچىلىككە ئېلىپ كەلگەن قىيىنچىلىق ئۈچۈن ئەپۇ سورايمىز. كۆپچىلىكنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن ئۇقتۇرۇشنى چىقارغان.
مەزكۇر ئۇچۇر تارقالغاندىن بۇيان تۋىتتېر قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرىدە بۇ ئەھۋال ھەققىدە ئىنكاسلار كۆپەيدى.
ئىنكاسلارنىڭ بىرىدە، «مانا بۇ ئەھۋال مېنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ خىتايدىن قورقۇش ھېسسىياتىنى توغرا چۈشەنگەنلىكىمنىڭ سەۋەبى. چۈنكى ئۇلار خىتايدىن قورقۇشقا تامامەن ھەقلىق» دېيىلگەن.
يەنە بىر ئىنكاستا «خىتاي ھۆكۈمىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مائارىپ، پەن ۋە مەدەنىيەت ئورگىنى يەنى ئۇنىسكو بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان. بۇ ئۇلارنىڭ يەرلىك تىللارنى قوغداشتا ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز دېگەن شوئارىغا مەسخىرە ئەمەسمۇ؟» دېيىلگەن. ئىنكاس ئاستىغا يەنە 2018-يىلى ب د ت ئېلان قىلغان يەرلىك تىللارنى قوغداش، دۇنيا تىللىرى ئاتلاسىغا كاپالەتلىك قىلىش ھەققىدىكى چاقىرىققا خىتاينىڭمۇ ئاۋاز قوشقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر ئۇلىنىشى قوشۇپ قويۇلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، 2021-يىلى 8-ئاينىڭ 13-كۈنى خىتاي مائارىپ مىنستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىدە 2021-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ، پۈتكۈل خىتاي بويىچە «دۆلەت تىلى مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش» ئۇقتۇرۇشى ئېلان قىلىنغان. مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا مائارىپ سىستېمىسىدىكى بۇ ئۆزگىرىشنىڭ خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان 5 ئاپتونوم رايونىدىمۇ ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدىغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.
ئەمما ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن مائارىپنى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇش 2016-يىلى 9-ئايدىلا باشلانغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى 2016-يىلى 8-ئاينىڭ ئاخىرى رەسمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 2016-يىل 9-ئايدىن باشلاپ يەسلى، باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە «دۆلەت تىلى» نامىدا خىتاي تىلىدا دەرس ئۆتۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمى تېلېفون ئارقىلىق ئەھۋال ئىگىلىگىنىمىزدە، ئىلى ئوبلاستلىق مائارىپ ئىدارىسى خادىمى، ئەينى چاغدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ھەپتىدە ئىككى سائەت ئانا تىلى دەرسى ئۆتۈلگەندىن باشقا، بارلىق دەرسلەرنىڭ خىتاي تىلىدا ئۆتۈلىدىغانلىقىنى دەلىللىگەنىدى.
2016-يىلى كۈز پەسلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى يەنە «شىنجاڭغا ياردەم» نامىدا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن تۈركۈملەرگە بۆلۈپ خىتاي ئوقۇتقۇچىلارنى قوبۇل قىلغان. ھالبۇكى ئەسلىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار پېنسىيەگە چىقىش، باشقا خىزمەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇش، ھەتتا 2017-يىلى باشلانغان «قايتا تەربىيەلەش» نامىدىكى لاگېرلارغا قاماش ھەرىكىتىدە ئاساسلىق تۇتقۇن ئوبيېكتىغا ئايلانغانىدى.
تىبەت پائالىيەتچىلىرىدىن كانادانىڭ تورۇنتو شەھىرىدىكى «تىبەت ياشلار مەجلىسى» نىڭ باشلىقى سۇنني سونام رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت، قاتارلىق مىللەتلەرگە قارىتا «پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇش «سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى ۋە بۇنى دۇنياغا ئاشكارىلاش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
سونام ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزنى، ئۆرپ-ئادىتىمىزنى بارلىقىمىزنى خىتايلاشتۇرۇپ يوقىتىش سىياسىتى. ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاشقا مەجبۇر بولۇۋاتقان تىبەتلەر، ئۇيغۇرلار ۋە دۇنيا خەلقى بۇ ئەھۋالغا قارشى دەس تۇرۇشىمىز كېرەك. بىز ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن پايدىلىنىپ، بۇ ئەھۋاللارنى دۇنياغا داۋاملىق ئاشكارىلىشىمىز، خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئەۋلادلىرىمىزنى ئانا تىلىدىن، ئەنئەنىۋى ئۆرۈپ-ئادىتىدىن مەھرۇم قىلىشتىن ساقلاپ قېلىشىمىز كېرەك».
سونام ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «دۆلەت تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش» نامىدا، خىتاي تىلىنى خىتاي بولمىغان باشقا مىللەتلەر رايونىدا مەجبۇرىي ھالدا ئومۇملاشتۇرۇشى يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلگەن مەجبۇرىي خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ نۆۋەتتە تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەر رايونىغا كېڭىيىشى ئىكەن.
ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ بەختلىك ياشاۋاتقانلىقىنى، بۇ خەلقلەرنىڭ ئېتىقادى ۋە تىل-مەدەنىيىتى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانلىقىنى تەشۋىق قىلىپ ۋە ھەر خىل ئىقتىسادىي مەنپەئەتلەر ئارقىلىق دۇنيانىڭ كۆزىنى بويىماقتا.
مۇشۇنداق ئەھۋالدا دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ خىتاينىڭ بۇ مىللەتلەرگە قاراتقان باستۇرۇشىغا سۈكۈت قىلىشىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە قاراتقان باستۇرۇشىنىڭ بارغانچە كۈچىيىشىگە سەۋەب بولماقتىكەن.
گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئاسىيە ئۇيغۇر خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «دۆلەت تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش» سىياسىتىنى، خىتاي بولمىغان باشقا مىللەتلەرنى مەجبۇرىي خىتايلاشتۇرۇش قەدىمىنىڭ تېزلىتىلىشى» دەپ كۆرسەتتى.
ئاسىيە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 70 يىلدىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا مىللەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى 3 باسقۇچقا بۆلۈنۈپ ئىجرا قىلىنىش تەرەققىياتىنى بېسىپ ئۆتكەن.
ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-70-يىللىرىدا موڭغۇل، ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق ئۆزىنىڭ تىل-يېزىقى بولغان مىللەتلەرگە قارىتا، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە «خىتاي تىلى» دەرسى تەسىس قىلىش، ئالىي مەكتەپلەردە بىر قىسىم دەرسلەرنى خىتاي تىلىدا ئۆتۈش تەشەببۇس قىلىنغان. 90-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە بولسا، خىتاي ئۆلكىلىرىدە «شىنجاڭ سىنىپلىرى»، «شىزاڭ سىنىپلىرى» تەسىس قىلىش، باشلانغۇچ ئوتتۇرا مەكتەپلەردە «قوش تىللىق سىنىپلار» نى تەسىس قىلىش ئارقىلىق، مائارىپتا قەدەممۇقەدەم خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى يولغا قويۇلغان. ھالبۇكى شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن بولسا، ئاتالمىش «جۇڭخۇا بىرلىكى» باشقا مىللەتلەرنى مەجبۇرىي خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى تېزلىتىلگەن. بۇ سىياسەت 2017-يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئەڭ رادىكال ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئىجرا قىلىش يولغا قويۇلغان. نەتىجىدە قىسقىغىنە 4 يىل ئىچىدە پۈتكۈل ئۇيغۇر رايونىدا خىتاي تىللىق يەسلىلەر ئومۇملىشىش، باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپلەردە خىتاي تىلى ئومۇملاشقان، ئۇيغۇر تىلى مائارىپتىن پۈتۈنلەي سىقىپ چىقىرىلغان ئېغىر ۋەزىيەت شەكىللەنگەن.
خىتاي ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدىمۇ، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ 2017-يىلدىن كېيىن ئېرىشكەن نەتىجىلىرى ھەققىدە خەۋەرلەر كۆپەيمەكتە.
«ئاقسۇ گېزىتى» نىڭ 1-نويابىر كۈنىدىكى خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى جۇ لىنسېن ئاقسۇدا قۇرۇلغان «دۆلەت ئورتاق تىلىنى كېڭەيتىش بازىسى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، ئاقسۇ ۋىلايىتى بويىچە خىتاي تىللىق يەسلىلەرنىڭ ئومۇملاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن. جۇ لىنسېن سۆزىدە، ئاقسۇ ۋىلايىتى «شى جىنپىڭنىڭ تىل-يېزىق خىزمىتى توغرىسىدىكى يوليورۇقىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي كېڭەيتتى ۋە ئومۇملاشتۇردى. تۆت ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلارنىڭ ھەممىسى دۆلەت ئورتاق تىلى مائارىپىنى قوبۇل قىلدى» دېگەن. ئۇ «ھەر دەرىجىلىك ۋە تۈرلۈك مەكتەپلەر جەنۇبىي شىنجاڭ بويىچە دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى ئوقۇ-ئوقۇتۇشى بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى باشلامچىلىق بىلەن ئىشقا ئاشۇرغانلىقى» نى تەكىتلىگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇن بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇر تىلى، مەدەنىيىتى، دىنىي ئېتىقادى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى «بۆلگۈنچىلىك» ۋە «ئاشقۇنلۇق» نىڭ ئىپادىسى، دەپ چەكلىگەنىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى 7-ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلىنى رايونىنىڭ مائارىپ سىستېمىسىدا رەسمىي چەكلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ب د ت ۋە ھەر خىل ئاخبارات يىغىنلىرىدا ئۇيغۇر تىلىنى قوغداۋاتقانلىقىنى ئۈزلۈكسىز تەكىتلەپ كەلمەكتە.