خىتاي ھۆكۈمىتى 2021-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ، «دۆلەت تىلى مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش» نامىدا خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدا خىتايچە ئوقۇتۇشنى مەجبۇرىي يولغا قويغان. ئەمما ئۇيغۇر رايونىدا مائارىپنى پۈتۈنلەي خىتايچىلاشتۇرۇش ئىشى 2016-يىلى 9-ئايدىلا باشلانغان ئىدى.
ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى 2016-يىلى 8-ئاينىڭ ئاخىرى رەسمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 2016-يىل 9-ئايدىن باشلاپ يەسلى، باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە «دۆلەت تىلى» (ئەمەلىيەتتە خىتاي تىلى) دا دەرس ئۆتۈلىدىغانلىقىنى، يەسلى ۋە مەكتەپلەرگە خىتاي تىللىق ئوقۇتقۇچىلارنى قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
2017-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىدا ئۇيغۇر تىلى بىردەك چەكلىنىپ، ئاتالمىش «دۆلەت تىلى» نامىدىكى خىتاي تىلى ئوقۇتۇشى مەجبۇرىي يولغا قويۇلغان. خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى تارقاتقان مەلۇماتلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، 2016-يىلدىن 2020-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت-ناھىيەلىرىدىكى يەسلى ۋە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن قوبۇل قىلىنغان خىتاي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سانى تەخمىنەن 100 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.
«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇرلار مۇتلەق كۆپ نىسبەتنى ئىگىلەيدىغان قەشقەرنىڭ پەيزىۋات ناھىيەسىگىلا 2016-يىلدىن باشلاپ خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىن ھەر يىلى 2 مىڭ ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىنغان. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، تەخمىنەن 400 مىڭ نوپۇسلۇق پەيزىۋات ناھىيىسىدە 2020-يىلىغا كەلگەندە ھېچقانداق بىر ئۇيغۇر مەكتىپى قالمىغان. خىتاي تىلىدا ئوقۇتۇش ھەرقايسى يېزا-كەنتلەرگىچە ئومۇملاشقان.
خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2020-يىلى خىتايدا باشلانغان ۋىرۇس يۇقىمىدىن كېيىنمۇ دائىرىلەر «تىبەت ۋە شىنجاڭغا ئون مىڭ ئوقۇتقۇچى ئارقىلىق ياردەم بېرىش پىلانى» نامىدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدىكى مەكتەپلەرگە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىشنى ئىزچىل داۋملاشتۇرغان.
خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىنى ئاساس قىلىپ يۆتكەپ كېلىنگەن خىتاي ئوقۇتقۇچىلار نامدا بىر يېرىم يىلدىن ئىككى يىلغىچە توختام بىلەن خىزمەت قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ئەمما ئەمەلىيەتتە ئۇلار يۇقۇرى مۇئاش ۋە ھەر خىل ئالاھىدە ئىمتىيازلار بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدا قېلىشقا جەلپ قىلىنغان.
«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 2020-يىل 3-ئايدىكى خەۋىرىدە دىيىلىشىچە، خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى ۋاڭ جىۋېن خوتەن ۋىلايىتىگە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سىرتىدىن قوبۇل قىلىنغان خىتاي ئوقۇتقۇچىلاردىن 18 مىڭ 800 نەپىرىنىڭ 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە خوتەندىكى مەكتەپلەرگە ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس ئايروپىلان ھۆددىگە ئېلىنغانلىقى ۋە پويىز سەپلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئەمما خىتاي تاراتقۇلىرىدا 2017-يىلدىن ئىلگىرى ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ ئاساسىي غولىنى تەشكىل قىلغان ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كېيىنكى تەقدىرى ھەققىدە ھازىرغىچە بولغان 4 يىلدىن بۇيان ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەن.
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى، BBC ئاگېنتلىقى قاتارلىق خەلقئارا تاراتقۇلاردا بېرىلگەن مەلۇماتلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدا 2016-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر مائارىپ سېپىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ زور كۆپ قىسمى مەجبۇرىي پېنسىيەگە چىقىرىلغان. يەنە بىر قىسمى بولسا 2017-ۋە 2018-يىلى ئەۋجىگە چىققان لاگېرلارغا قاماش ھەركىتىدە تۇتقۇن ئوبېيكتىغا ئايلانغان.
ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلارنىڭ ئەھۋالىنى دۇنياغا ئاشكارىلىغان لاگېر شاھىتلىرىدىن گوللاندىيەدىكى قەلبىنۇر سىدىق خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2016-يىلدىن كېيىن ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار مەجبۇرىي پېنسىيەگە چىقىرىلىش، ئاھالە كومېتىتلىرىغا يۆتكىۋېتىلىش، يېزا-كەنتلەرگە خىزمەتكە چۈشۈرۈلۈش، ھەتتا لاگېرلارغا قامىلىشتەك ئېغىر قىسمەتلەرگە دۇچار بولغان.
قەلبىنۇر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 2017-يىلغىچە ئۈرۈمچى شەھرىدىكى 24-باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. كېيىن لاگېردا بىر يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، 2018-يىلىغا كەلگەندە مەجبۇرىي پېنسىيەگە چىقىرىۋېتىلگەن.
قەلبىنۇر خانىمنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ئۈرۈمچى شەھەرلىك 24-باشلانغۇچ مەكتەپتە 2016-يىلدىن ئىلگىرى 76 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى بار ئىكەن. ئەمما 2016-يىلى مەكتەپكە خىتاي ئوقۇتقۇچىلار سەپلىنىپ، ياش ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلاردىن 30 يەتمىگەن ئوقۇتقۇچى قەپ قالغان. دەرسلەرنى مەجبۇرىي ھالدا خىتاي تىلىدا ئۆتۈش 100 پىرسەنتكە يەتكۈزۈلگەن.
ئۇ يەنە 2017-2018-يىللىرى ئۆزى ئىشلەۋاتقان 24-باشلانغۇچ مەكتەپتىن ئەخمەت تۇرغۇن ۋە ئەكبەر ئاۋۇت ئىسىملىك ئىككى نەپەر ئوقۇتقۇچىنىڭ لاگېرغا قامالغانلىقىنى، ئەكبەر ئاۋۇتنىڭ سوراق جەريانىدا ئۆلۈپ كېتىشتەك پاجىئەلىك قىسمەتكە دۇچ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاتتى.
ئامېرىكادىكى لاگىر شاھىتلىرىدىن زۇمرەت داۋۇت خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، 2017-2018-يىللىرى ئۈرۈمچىدىكى مەزگىلىدە باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغان ئىككى بالىسىنىڭ پۈتۈنلەي خىتاي تىلىدا ئوقۇشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
زۇمرەت داۋۇت خانىم يەنە ئۈرۈمچىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان 3 نەپەر دوستىنىڭ 40 ياشقا كىرمەيلە مەكتەپتىن مەجبۇرى پېنسىيەگە چىقىرىلغانلىقىنى ئاڭلاتتى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ تونۇيدىغان ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ زور كۆپ قىسمى «خىتاي تىلى سەۋىيە ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىدى» دېگەن باھانىدە خىزمىتىدىن چىقىرىۋېتىلگەن. 2017-2018-يىللىرىدىكى لاگېرلارغا قاماش ئەۋجىگە چىققان مەزگىلىدە، تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئاساسەن دېگۈدەك ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار بولغان ئىكەن.