ئۇيغۇرلار كۈندىلىك سۆز ئالاقىسىدە دىنىي ئاتالغۇلارنى ئىشلىتىشتىن مەھرۇم قالدۇرۇلماقتا
2024.11.07
مەلۇم بولۇشىچە، 2016-يىلىدىن باشلانغان ئۇيغۇرلارنى «قايتا تەربىيەلەش» نامىدا تۇتقۇن قىلىش ۋە لاگېرلارغا قاماش دولقۇنىدىن بۇيان، ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى سۆز ئادىتىدە زور ئۆزگىرىش بارلىققا كەلگەن. ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى سۆز ئىستېمالىدا دىنىي ئاتالغۇلارنى ئىشلىتىشتىن ئېھتىيات قىلىش، ھەتتا ئۇنىڭدىن قېچىش كەيپىياتى بارغانسېرى ئېغىرلاشقان.
خىتايدىكى ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرى ۋە رادىيومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2017-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدە ئەۋجىگە چىققان زور تۇتقۇن ۋە لاگېرلارغا قاماش دولقۇنىدا، دىندار ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى ساقلاشنى تەشەببۇس قىلغان زىيالىيلار نىشانلىق تۇتقۇن ئوبيېكتى قىلىنغان. 2017-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە بارلىق دەرسلەر خىتايچە ئۆتۈلۈپ، ئۇيغۇرچە ئوقۇتۇش پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. «قايتا تەربىيەلەش» نامىدىكى لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇرلار خىتاي تىلىنى مەجبۇرىي ئۆگىنىش ۋە ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلانغان بولسا؛ ئۇلارنىڭ بالىلىرى «خىتاي تىللىق يەسلىلەر» ۋە ئاتالمىش «پەرىشتىلەر مەكتىپى» نامىدىكى ياتاقلىق مەكتەپلەرگە، يەنى «بالىلار لاگېرلىرى» غا يىغىۋېلىنغان. بۇ سەبىيلەر «دۆلەت تىل مائارىپى» نامىدىكى خىتاي يەسلىلىلىردە كاللىسى يۇيۇلۇپ، ئاتا-بوۋىلىرىدىن قالغان دىنى ئېتىقادى ۋە مىللىي مەدەنىيەت ئادەتلىرىدىن ۋاز كېچىشكە، ئاتالمىش «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى» نى قوبۇل قىلىشقا زورلانغان. نەتىجىدە 2017-يىلدىن بۇيان، خىتاي تىلىدىكى سۆز-ئاتالغۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى سۆز ئادەتلىرىگىچە سىڭىپ كىرىپ، ئۇيغۇر ئېغىز تىلىنىڭ لۇغەت فوندىدا مەلۇم ئۆزگىرىشلەر ۋە ئەبجەشلىشىش ئالامەتلىرى بارلىققا كەلگەن.
بۇ خىل ۋەزىيەتتىن خەۋەردار شاھىتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى سالام-سەھەت سۆزلىرى، ئۆلۈم-يېتىم، نەزىر-چىراغ، نىكاھ-توي، خەتنە توي، ئىسىم قويۇش قاتارلىق مۇراسىملاردا ئېھتىيات يۈزىسىدىن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئومۇملىشىپ بولغان ئەسلىدىكى دىنىي ئاتالغۇلارنى قوللانماسلىق، ھەتتا بۇ ئاتالغۇلارنىڭ ئورنىغا يېڭىدىن سۆز ئىجاد قىلىپ ئىشلىتىش ئەھۋالى ئوتتۇرىغا چىققان.
نۆۋەتتە گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىم، ئىلگىرى ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ 2016-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئۆزى ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتە ئۆزئارا ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى، ھەتتا ئاتا-ئانىلار بىلەن بولغان سۆھبەتلەردىمۇ خىتايچە سۆزلەش تەشەببۇس قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
قەلبىنۇر خانىم يەنە 2017-يىلى 3-ئايدىن باشلاپ، ئۈرۈمچىدىكى «قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ ئاتالغان لاگېردا بىر مەزگىل ئىشلىگەن چاغدىكى ئەھۋاللارنى ئەسلەپ، شۇ يىللاردىن باشلاپلا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئاتالغۇلارنى قوللىنىشتىن ئېھتىيات قىلىدىغان ۋەزىيەتنىڭ ئومۇملىشىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رادىيومىزنىڭ ئىگىلىشىچە، 2017-2018-يىللىرى ئۇيغۇرلارنى لاگېرغا قاماش يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەندە، مەسچىتلەر تاقىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەسچىتلەرگە كىرىپ ناماز ئوقۇشى چەكلەنگەن. ئۇندىن باشقا روزا ھېيت، قۇربان ھېيتقا ئوخشاش دىنىي بايراملارنى ئۆتكۈزۈش، توي-تۆكۈن، ئۆلۈم-يېتىم قاتارلىق مۇراسىملارنى دىنىي ئۆرپ-ئادەتلەر بويىچە ئۆتكۈزۈش پۈتۈنلەي چەكلەنگەن. ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ سالام-سەھەت سۆزلىرىدىمۇ «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم»، «ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام»، «ئاللاغا ئامانەت» دېگەن سۆزلەرنىڭ ئورنىغا «ياخشىمۇسىز» «خەير-خوش»، «ئامان بولۇڭ» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلىتىدىغان ۋەزىيەت بارلىققا كەلگەن. مەسىلەن، دەپنە مۇراسىمىدا مۇسۇلمانلارغا خاس مېيىتنى يۇيۇپ نامىزىنى مەسچىتتە ياكى قەبرە بېشىدا چۈشۈرۈش، مېيىت ئۇزىتىلغاندىن كېيىن مەرھۇمنىڭ روھىغا ئاتاپ ئائىلىدە قۇرئان-تىلاۋەت قىلىش، ئۇرۇق-تۇغقانلار ۋە جامائەتنى چاقىرىپ نەزىر قىلىش، «ئاللاھ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلسۇن»، «ئاخىرەتلىكى خەيرلىك بولسۇن»، «ماكانى جەننەتتە بولسۇن!» دېگەندەك سۆزلەر ئارقىلىق مەرھۇمنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا تەسەللى بېرىش ئادەتلىرى چەكلەنگەن. مېيىت مەھەللە كومىتېتلىرىدىكى ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ نازارىتىدە مېيىت يۆتكەش ماشىنىلىرىدا قەبرىستانلىققا بىۋاسىتە ئاپىرىلىپ، نامىزى چۈشۈرۈلمەيلا دەپنە قىلىنىدىغان بولغان. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «نەزىر» نى «ئۇزىتىپ قويۇش» ياكى «ئۇزىتىپ قويۇش چېيى» دەپ ئاتاش، مەرھۇم ھەققىدە «ماكانى گۈزەل بولسۇن، گۈل-گۈلىستانلار ئىچىدە ياتسۇن!» دېگەن سۆزلەرنى قىلىش ئومۇملىشىشقا باشلىغان.
قەلبىنۇر سىدىق خانىم ئەينى چاغدا لاگېردا ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئائىلىسىگە قايتۇرۇلغان بىر ئۇيغۇرنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرى ھەققىدە ئۆزى كۆرگەن ئەھۋاللارنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن تىك-توك، ئۈندىدار قاتارلىقلاردا تارقالغان بىر قىسىم سىن كۆرۈنۈشلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، دىنىي ئاتالغۇلارنى ئىشلىتىشتىن مەھرۇم قالغان ۋە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىش چەكلەنگەن ئۇيغۇرلار، بەزى يېڭى ناملار ئارقىلىق ئۆز مەقسىتىنى بىلدۈرۈشكە ئادەتلەنگەن. مەسىلەن «ئاللا بۇيرۇسا»، «ئاللا خالىسا»، «ئاللاھ نېسىپ قىلسا»، «ئاللاھ بەركىتىنى بەرسە»، «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەن» دېگەندەك سۆزلەرنىڭ ئورنىغا «پارتىيە بۇيرۇسا»، «پارتىيە-ھۆكۈمەت خالىسا»، «پارتىيەنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەن» دېگەندەك سۆزلەرنى ئىشلىتىش ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بارغانچە ئومۇملاشقان. قىز-يىگىتلەرنىڭ توي مۇراسىمىدىكى دىنىي نىكاھ مۇراسىمى ئەمەلدىن قالغان بولۇپ، «نىكاھ قىلىش» دېگەن سۆزنىمۇ ئىشلىتىش چەكلەنگەن. ئوغۇللارنىڭ خەتنە توي مۇراسىمىدىكى بارلىق دىنىي قائىدىلەر ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولۇپ، تەكلىپنامىلەرگە «ئۆسمۈرلۈك مۇراسىمى» دەپ يېزىلىدىغان بولغان.
ئامېرىكادىكى لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت خانىم، خىتاينىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرىدە تارقالغان بۇ ھەقتىكى سىن كۆرۈنۈشلىرىنى تېپىپ، فېيسبۇك قاتارلىق ئالاقە مۇنبەرلىرىگە ئەڭ كۆپ يوللىغان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىرىدۇر.
زۇمرەت داۋۇت خانىم 2017-2018-يىللىرى ئۆزى كۆرگەن ئەھۋاللارنى تىلغا ئېلىپ، خەتنە توي مۇراسىمىنىڭ «ئۆسمۈرلۈك تويى» دەپ ئاتىلىدىغانلىقى، ھەتتا بۇ مۇراسىمنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئاھالىلەر كومىتېتىدىن مەخسۇس رۇخسەت ئېلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
زۇمرەت خانىم يەنە 2017-يىلدىن باشلاپ، ھەرقانداق ئۇيغۇرنىڭ تېلېفونىغا مەخسۇس «سەزگۈر سۆزلەرنى سۈزۈش» يۇمتالى قاچىلانغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئۇ، تېلېفوندا «سەزگۈر دىنىي ئاتالغۇلار» بايقالغان ھامان ساقچىلارنىڭ يېتىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
زۇمرەت داۋۇت خانىم نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتا دائىم ئىشلىتىدىغان دىنىي ئاتالغۇلارنى ئىشلىتىشتىن ئېھتىيات قىلىدىغان ھالەتكە يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا يۈرگۈزگەن يۇقىرى بېسىملىق باستۇرۇش سىياسىتى نەتىجىسىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك سۆز ئىستېمالىدا مىڭ يىللاردىن بۇيان قوللىنىپ كېلىۋاتقان دىنىي ئاتالغۇلارنىڭ غايىب بولغانلىقىنى بىلدۈردى.