ئورتاق ئىنكاس: ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنى خىتايلار بىلەن ئۆيلىنىشكە مەجبۇرلاش ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بىر شەكلى

0:00 / 0:00

تارىختىن بۇيان، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك ۋە دىنىي ئۆرپ-ئادەتتىكى زور پەرقلەر ھەمدە چوڭقۇر تارىخىي ۋە سىياسىي سەۋەبلەر ئىككى مىللەتنىڭ ئارىلىشىپ توي قىلىشىنى توسۇپ قالغان ۋە بۇ ئامىللار ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت سۈپىتىدە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىشىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى قالقان بولۇپ كەلگەن. بۇنىڭدا ئۇيغۇر ئاياللىرى ئىنتايىن ھالقىلىق رول ئوينىغۇچىلاردۇر. 2014-يىلى 2-سېنتەبىر، خىتاينىڭ «جۇڭگودىكى مىللەتلەر ۋە دىنلار» تورىدا ئېلان قىلىنغان تەكشۈرۈش دوكلاتىدا «نۆۋەتتە شىنجاڭدا ئۇيغۇر بىلەن خەنزۇنىڭ نىكاھلىنىش سانى بىرقەدەر ئاز، 2000-يىلى 5-قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، مەملىكىتىمىزدىكى 56 مىللەت ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا مىللەت بىلەن نىكاھلىنىش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن بولۇپ 1.50% بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئەرلەر 0.996% نى، ئاياللار 0.994% نى ئىگىلىگەن» دەپ كۆرسىتىلگەنىدى.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ھەر ساھەدە، ھەر خىل شەكىلدە ئېلىپ بارغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش سىياسەت تەدبىرلىرىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلار بىلەن ئارىلىشىپ كېتىپ نىسبىتىگە تەسىر كۆرسىتەلمىگەندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر بىلەن خىتاي توي قىلغان ئائىلىنى مۇكاپاتلاش سىياسىتىنىمۇ ئاشكارا يولغا قويۇپ، ئۇيغۇر رايونىدا مىللىي سىڭىشىش دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە يۇمشاق تەدبىر قوللىنىپ باقتى. 2014-يىلى سېنتەبىردە چەرچەندە يولغا قويۇلغان «مىللىيلار بىلەن خەنزۇلار تويلاشقان ئائىلىلەرنى مۇكاپاتلاش» بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىقتىسادىي تەسىر ئارقىلىق سىياسىي ۋە مىللىي مەسىلىلەرنى ياخشىلاش ۋە ھەل قىلىش تەدبىرىنىڭمۇ ئۈنۈمىنى كۆرەلمىگەندىن كېيىن تىبەتتە تىبەت-خىتاي تويلىشىش نىسبىتىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن چېن چۇەنگونى 2016-يىلى يازدا ئۇيغۇر دىيارىنى باشقۇرۇشقا يۆتكەپ كەلگەن ئىدى. ئۇ ئۇيغۇر دىيارىغا كەلگەندىن بۇيان بىر تەرەپتىن لاگېر سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن يەنىمۇ كۆپ خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچۈپ كېلىشىنى تېزلىتىدىغان پىلانلىق سىياسەتلەرنى يولغا قويماقتا. ھەتتا ئۇلارنى، ئۆي-ماكان، ئىقتىسادى ياردەمدىن باشقا ئاشكارا ھالدا ئۇيغۇر ئاياللىرى ئارقىلىق جەلپ قىلىشقا باشلىدى.

ئۇيغۇرلار بىلەن توي قىلغان خىتايلارغا بېرىلىدىغان ئىقتىسادىي كاپالەت ۋە ھەر تۈرلۈك مەنپەئەتلىك سىياسەتلىرى كەڭ تەشۋىق قىلىندى. ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتايلار بىلەن توي قىلغان ۋىدىيولىرىمۇ كۆپىيىشكە باشلىغانىدى.

يېقىندا خىتاينىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا «پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بىزگە گۈزەل تۇرمۇش يارىتىپ بەرگىنىگە رەھمەت. ھۆكۈمەتنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزولارنىڭ توي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن 100 نەپەر كېلىنچەككە جىددىي ئېھتىياج بار،» دېيىلگەن بىر ئېلان ئاشكارا تارقىتىلغانىدى. ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، قەشقەر شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى خادىمىنىڭ 100 كېلىن پىلانىغا ئائىت ئۇچۇرلارنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكى ياتىدىغانلىقىنى بايان قىلىشى ئارقىلىق، مەزكۇر ئېلاننىڭ قەشقەر تەۋەلىكىدە چىقىرىلغانلىقى دەلىللىگەنىدى.

مۇشۇ خىل سىياسەت تەدبىرلەر نەتىجىسىدە خىتايلار بىلەن توي قىلىۋاتقان ئۇيغۇر قىزلارنىڭ ئاقىۋىتىنى ئاشكارىلايدىغان ئاقسۇلۇق ئىككى ئۇيغۇر ئايالنىڭ بەختسىز ئاقىۋەتلىرى ھەققىدىكى ئۆز-ئارا پاراڭلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ۋىدىيولارمۇ تورلاردا تارقالدى. بۇ خىل خىتاي بىلەن توي قىلىشنى ماقۇل كۆرگەن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئامالسىزلىقتىن، ھىمايىسىزلىقتىن ۋە ھەر خىل بېسىملاردىن ھەتتا بەزىلىرىنىڭ لاگېرلارغا قامالغان ئاتا ياكى ئاكا ئىنىلىرىنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىش بەدىلىدە مىللەتلەر ئارا توي قىلىش سىياسىتىدە رول ئوينىغانلىقىنى ئاشكارىلىسا، ھەممىدىن مۇھىمى يەنە خىتاي كۈچمەنلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە پەقەت دۆلەت ھۆددە قىلغان ئىقتىسادىي كاپالەتكە ئېرشىشتەك نىيىتى ئۈچۈن ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت قىزلىرى بىلەن توي قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاپ كۆرسەتتى.

ھالبۇكى ئەرلىرى، ئاتىلىرى، ھەتتا پەرزەنتلىرىمۇ لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تاللاش ياكى رەت قىلىش ھوقۇقىمۇ قالمىغان، ھەر قانداق بىر خىتاينىڭ خالىغانچە توي قىلىشقا تاللاش ئوبيېكتىغا ئايلانغان بىر ۋەزىيەتتە، خىتاي ئەرلىرى ئۆزلىرىنىڭ چىرايلىق ئۇيغۇر قىزلارنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئۇلارنى خوتۇن قېلىپنى خالايدىغانلىقىدەك ئىستىكىنى ھاياسىز ھالدا ئاشكارا بايان قىلالايدىغان بىر ھالغا يەتكەن.

ئانچە مۇنچە ئۇيغۇرچە سۆزلەرنى ئۆگىنىۋالغان بۇ بەد-بەشىرە خىتاي ئەرنىڭ «مەن ئۇيغۇر خوتۇن ئالىمەن» دېگىنى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يىرگىنىشى ۋە غەزىپىنى قوزغىدى.

ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ چارىسىز ۋەزىيىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بۇ خىل ۋىدىيولارنىڭ تارقىلىشى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ غۇرۇرى ۋە روھىغا ئېغىر زەربە ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىكى نۇرغۇن ئىنكاسلاردىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

ئۆزىنىڭ فەيسىبوك قاتارلىق شەخسى بەتلىرىدە بىرقەدەر يۇقىرى ئىنكاس قوزغىغان ۋىدىيولارنى ھەمبەھىرلەپ كېلىۋاتقان لاگېر شاھىتى، ئامېرىكادىكى زۇمرەت داۋۇت خانىم، ئۆزىنىڭ 2016-يىلىدىن بۇيان ئۈرۈمچىدە ۋە لاگېردا شاھىت بولغانلىرىنى ئاشكارىلاش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ قانچىلىك ئامالسىز بىر ھالدا ئىكەنلىكىنى، ھېچ بولمىغاندا بۇ ۋەزىيەتنى دۇنياغا ئاڭلىتىشنى ئۆزىنىڭ بۇرچى دەپ بىلىپ، بۇ خىل ئۇچۇر ۋە ۋىدىيولارنى تارقىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

خىتاي بىلەن ئۇيغۇردىن ئىبارەت ئىككى مىللەت توي قىلغان بۇنداق ئائىلىلەرنى خىتاي «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئۈلگىلىك ئائىلە» دەپ ئالاھىدە تەشۋىق قىلىپ كەلمەكتە ئىدى. ئۇيغۇر ئەرلىرىنى ئاساس قىلغان مىليونلىغان كىشىنىڭ لاگېرلارغا تۇتۇلۇشى بىلەن ماس قەدەمدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بۇ ھادىسە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى ھەم شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىۋاتقان كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىردەك دىققىتىنى قوزغىغان مەسىلە.

ئامېرىكالىق ئانتروپولوگ دەررىن بايلىر بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان بىر ماقالىسىدە ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئەرلىرىگە ياتلىق بولۇشقا مەجبۇرلاۋاتقان سىياسەت ۋە جەمئىيەت ئامىللىرىنى ئانالىز قىلغان. ئۇ ماقالىسىدە «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە مەخسۇس ئۇيغۇر ئاياللىرىنى نىشان ئالغان جىنسىيەت سىياسىتى يۈرگۈزمەكتە، تارىختا تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر ئاياللىرى دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ جىنسىي نىشانىغا ئايلاندى،» دەپ كۆرسەتكەنىدى.

يېقىنقى مەزگىللەردىن باشلاپ دۇنيا مەتبۇئاتىدا گۇۋاھلىق بېرىشكە باشلىغان لاگېر شاھىتلىرىدىن سابىق لاگېر ئوقۇتقۇچىسى، گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان قەلبىنۇر سىدىق خانىم، چېن چۈەنگو ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا پارتكوم سېكرېتارى بولۇپ كەلگەندىن بۇيان يولغا قويۇلۇۋاتقان «قوشماق تۇغقان سىياسىتى» نىڭ، خىتايلارنىڭ ھىمايىسىز قالغان ئۇيغۇر قىز-چوقانلىرىغا خالىغانچە باسقۇنچىلىق قىلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن قەبىھ سىياسەت ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ مەيلى لاگېردا ۋە ياكى سىرتتا بولسۇن ئوخشاشلا خىتايلار تەرىپىدىن ئاشكارا باسقۇنچىلىقلارغا ئۇچراش ئەھۋاللىرىنىڭ سادىر بولۇۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىق ئاڭلىتىپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىگە مەركەزلەشتۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىغانىدى.

ئۇ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بۇ روھي ۋە جىسمانىي جەھەتلەردىكى تەسۋىرلىگۈسىز ئېغىر زلۇملارغا ئەمدى بەرداشلىق بەرگىدەك مادارى قالمىغانلىقىنى تەكرارلايدۇ:

ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى خەلقئارادىكى تەسىرى كۈچلۈك كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن لانتوس كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئادالەت فوندىنىڭ رەئىسى كاترىنا لەنتوس خانىمنى قاتتىق چۆچۈتكەن بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلىنىشىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېرىي قىرغىنچىلىقىنىڭ بىر شەكلى دەپ باھا بەردى:

گەرچە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ تويلىشىش مەسىلىسىگە ئائىت ئېنىق سانلىق مەلۇماتمۇ يوق بولسىمۇ، ئەمما بۇ مەسىلە يەنىلا ئامېرىكا يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسىي ئەربابلىرىنىڭ جىددىي جىددىي ئىنكاسىنى قوزغايدىغان دەرىجىدىكى ئېغىر بىر مەسىلە ئىكەنلىكى مەلۇم. ئامېرىكانىڭ يەرشارى ئاياللار مەسىلىسى ئالاھىدە ئەلچىسى كەللي كۇرېي ۋە دىنىي ئىشلار ئالاھىدە ئەلچىسىنىڭ ئاياللار جىسىي قۇل قىلىش ۋە ئادەم بېدىكچىلىكىنىڭ قۇربانى قىلىنىش ساقلاش ھەققىدە 8-دېكابىر بەرگەن مەخسۇس باياناتىدا، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەجبۇرىي نىكاھ ۋە جىنسىي قۇللۇقنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى ھەم دۇنيا جامائەتچىلىكىنى بۇ مەسىلىگە بىرلىكتە خاتىمە بېرىشكە چاقىرغانىدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان بۇ خىل «يىرگىنچلىك سىياسىي نىكاھ» قا ئومۇميۈزلۈك ئىنكاسلىرى شۇنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتىكى، بۇنى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى دۇچ كېلىۋاتقان ئۆتكۈر ئىجتىمائىي پاجىئەلەرنىڭ بىرى دەپ تونىماقتا. ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر، بۇ ئەندىشىلىك ۋەزىيەتتىن قۇتۇلۇشنىڭ يولى پەقەت ھەر بىر ئۇيغۇر، ھەر بىر ئائىلە چارە-تەدبىر قوللىنىپ، مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتى، ئۆز نەسلىنى ساقلاپ قېلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش كېرەك دەپ تەشەببۇس قىلىپ كەلمەكتە.

دېمەك خىتايلارنىڭ ئاشكارا ھالدا ئۇيغۇر ئاياللىرىنى خوتۇنلۇققا ئېلىش ئارزۇسىنى ھاياسىزلارچە تەشۋىق قىلىشى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق ئەھۋاللارنى ئاشكارا قوللىشى ھەم تەشەببۇس قىلىشى ئۇيغۇرلارنى سەسكەندۈرۈپلا قالماي، ئۇلارنىڭ ئۆز مىللىي كىملىكىنى ساقلاش ۋە قوغداش ئىستىكىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋاتقانلىقى مەلۇم.