خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» يۈرگۈزگەنلىكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، كانادا، گوللاندىيە، ئەنگلىيە ۋە لىتۋا پارلامېنتى تەرىپىدىن بىردەك بېكىتىلگەن بىر پەيتتە تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىقى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا «خىيالىمدىكى خىتاي» تېمىسىدا رەسىم سىزىش مۇسابىقىسى باشلانغانلىقىنى جاكارلىغان ۋە بۇ ھەم تۈركىيەدە قاتتىق نارازىلىققا ئۇچرىغانىدى. تۈركىيەدىكى «ئىيى» پارتىيەسى بۇنىڭغا قارشى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى يەنى تۈركىيە ياشلار بايرىمى كۈنى «خىيالىمدىكى شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدا رەسىم سىزىش مۇسابىقىسى باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى. مەزكۇر مۇسابىقىگە تۈركىيە بويىچە باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى رەسىم سىزىپ 6-ئاينىڭ 14-كۈنىگىچە «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان شەھەر، ۋىلايەت، ناھىيە ۋە كەنتلەردىكى ئىشخانىلىرىغا تاپشۇرۇپ بەرسە بولىدىكەن.
بىز مەزكۇر رەسىم سىزىش مۇسابىقىسى توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ تۈرك دۇنياسى خىزمەتلىرىگە مەسئۇل خادىمى ئايتەن سويسال خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ، بۇ رەسىم سىزىش كۆرگەزمىسىنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ باشقارما پۈتۈن دۇنيادىكى تۈركىي خەلقلەرگە مەسئۇل بىر باشقارما. بىز خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى ئاڭلىتىدىغان كۆپ پائالىيەت ئۇيۇشتۇردۇق. سىزگىمۇ مەلۇم بولغىنىدەك يېقىندا تۈركىيە مىللىي مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ‹خىيالىمدىكى خىتاي› ماۋزۇلۇق رەسىم سىزىش مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرغانلىقى ئۈچۈن كۆڭلىمىز بەكلا يېرىم بولغانىدى. بىز بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ‹خىيالىمدىكى شەرقىي تۈركىستان› تېمىسىدا رەسىم سىزىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدۇق. بۇ پائالىيەت 6-ئاينىڭ 14-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ. 19-چېسلا مۇسابىقىدە نەتىجىگە ئېرىشكەنلەر ئېلان قىلىنىدۇ».
ئۇ، «ئىيى» پارتىيەسى ئۆتكۈزۈۋاتقان «خىيالىمدىكى شەرقىي تۈركىستان» ماۋزۇلۇق رەسىم سىزىش مۇسابىقىسىدە دەرىجىگە ئېرىشكەنلەرگە مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مۇسابىقىدە دەرىجىگە ئېرىشكەنلەرگە ماددىي مۇكاپات بېرىلىدۇ. 6-ئاينىڭ 19-كۈنى بۇ رەسىملەر قويۇلغان كۆرگەزمە ئاچماقچىمىز. بۇ مۇسابىقە توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەشنى خالىسىڭىز ‹ئىيى› پارتىيەسىنىڭ تور بېتىگە كىرسىڭىز بولىدۇ».
تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسى رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلخەمىت ئەپەندى «ئىيى» پارتىيەسى ئۇيۇشتۇرغان بۇ رەسىم سىزىش مۇسابىقىسىنىڭ تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۆتكۈزۈۋاتقان «خىيالىمدىكى خىتاي» ماۋزۇلۇق رەسىم سىزىش مۇسابىقىسىگە بېرىلگەن ئەڭ تەسىرلىك جاۋاب ئىكەنلىكىنى، زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، تۈركىيەدە ئاتا-ئانىلىرى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى خىتاي لاگېر ۋە تۈرمىلىرىدە تۇرۇۋاتقان كۆپ ئۇيغۇر ئۆسمۈر بارلىقىنى بۇلارنىڭ مەزكۇر پائالىيەتكە ئاكتىپ قاتنىشىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلدى.
گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان تونۇلغان ئۇيغۇر رەسسام مەرۋايىت ھاپىز خانىم پەرزەنتلەرنىڭ سەبىي يۈرىكىنىڭ ھەقىقىي ھېسسىياتىنى ئىپادىلەيدىغان رەسىملەرنى سىزىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ قوللىشى بىلەن ئەنقەرەدىكى خەلقئارا ئىلىم ۋە كۈلتۈر ۋەخپى 2016-يىلىدىن بۇيان ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا «خىيالىمدىكى خىتاي» ماۋزۇلۇق رەسىم سىزىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىلقىسى قاتتىق نارازىلىققا ئۇچرىماقتا. تۈركىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى، «كېلەچەك» پارتىيەسى رەئىسى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ باش بولۇپ، كۆپ ساندا سىياسەتچى، زىيالىي، ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە خەلق ئاممىسى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى سىزغان «خىيالىمدىكى شەرقىي تۈركىستان» ماۋزۇلۇق كۆك بايراق سىزىلغان رەسىملەرنى تارقاتماقتا. «كېلەچەك» پارتىيەسى رەئىسى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ فارۇق نازمى ئىسمىدىكى بىر ئوقۇغۇچىنىڭ «خىيالىمدىكى خىتاي» ماۋزۇلۇق رەسىم سىزىش مۇسابىقىسىگە ئەۋەتىش ئۈچۈن سىزغان كۆك بايراققا سالام بېرىۋاتقان بىر قىز ئوقۇغۇچىنىڭ رەسىمىنى ئۆزىنىڭ تۋىتتېر ئادرېسىدىن تارقاتقانىدى.