خىتاينىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى تىۋىتتېردىكى رەسمىي ھېسابىدا ئۇچۇر تارقىتىپ بىر ياقتىن ئۆزىنىڭ لاگېر سىياسىتىنى ئاقلىسا، يەنە بىر ياقتىن «ئۇيغۇر ئاياللىرىنى بالا تۇغۇش ماشىنىسى،» دەپ ھاقارەتلىگەن ئىدى. ئۇلار تىۋىتتېردىكى ئۇچۇرىدا: «تەتقىقاتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئاشقۇنلۇقنى يوقىتىش جەريانىدا، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئىدىيەسى ئازاد قىلىندى، جىنسىي باراۋەرلىك ۋە كۆپىيىش ساغلاملىق ئېڭى ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئۇلار ئەمدى بالا تۇغۇش ماشىنىسى بولۇش قىسمىتىگە خاتىمە بەردى. ئۇلارنىڭ ھازىر ئۆزىگە ئىشىنىش ۋە مۇستەقىللىق تۇيغۇسى ئاشتى،» دېگەن.
ئامېرىكادىكى خىتاي ئەلچىخانىسى بۇ ئۇچۇرىدىن كېيىن ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىقىنىڭ باياناتچىسى مورگان ئورتاگۇس خانىم تىۋىتتېردا بۇنىڭغا دەرھال ئىنكاس قايتۇردى. ئۇ تىۋىتتېردىكى ئىنكاسىدا مۇنداق دېدى:

«خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغاقاراتقان شوۋىنىزىمىۋە ئىرقچىلىقىنىڭ چېكى يوق. بىز خىتاينىڭ قىلىۋاتقىنى ئەمەلىيەتتە نېمە بولسا ئۇنى شۇ بويىچە ئاتايلى-ئۇ بولسىمۇمەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، ناھەق تۈرمىگە سولاش ۋە قىيناش ئارقىلىق بىر مەدەنىيەتنى يوقىتىشتىن ئىبارەت.»
شۇ كۈنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ۋە باشقا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بۇ ئۇچۇرى پۈتۈن مىللەتكە قىلىنغان ھاقارەت بولۇپلا قالماي، لاگېرلارنى قۇرۇشتىن ئىبارەت بىر جىنايەتنى ئاقلىغانلىق، دەپ قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىدى. تونۇلغان خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسسى گوردون چاڭ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە: «خىتاي ئەلچىخانىسى خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق خاراكتېرلىق سىياسەتلىرىدىن ماختىنىۋاتىدۇ. بۇ ئورۇننىڭ ئامېرىكادا ئورنى بولماسلىقى كېرەك. بىز خىتاي ئەلچىخانىسىنى تاقىشىمىز ۋە دېپلوماتىك خادىملىرىنى قوغلاپ چىقىرىشىمىز كېرەك. چۈنكى ئۇلارنىڭ بۇ ئۇچۇرى كىشىنى تولىمۇ غەزەپلەندۈرىدۇ،» دېدى.
تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز بولسا تىۋىتتېر ئىنكاسىدا «خىتاينىڭ تەشۋىقات ئاپاراتلىرى ئۆز ئاغزى بىلەن ئەمەلىيەتنى ئېتىراپ قىلىۋاتىدۇ، بىزنىڭ بۇ ھەقتە ئىسپات يىغىپ دوكلات ئېلان قىلىشىمىزنىڭمۇ ھاجىتى قالمىدى،» دەپ كىنايە قىلدى.
«ب د ت كۆزىتىش» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى خىللېل نيۇئېر تىۋىتتېر ئىنكاسىدا: «بىر مىليوندىن ئوشۇق ئۇيغۇرنى لاگېرغا قامىغان ۋە ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تۇغماس قىلىش بىلەن ماختىنىۋاتقان خىتاي ھاكىمىيىتى تېخى يېقىندا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئەزالىقىغا سايلاندى، بۇ بىر رېياللىق،» دەپ نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، شۇ كۈنى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بۇ ھاقارەت خاراكتېرلىق ئۇچۇرى كەڭ كۆلەمدە ئەيىبلەنگەندىن سىرت، تىۋىتتېر شېركىتىگە بۇ ئۇچۇرنى ئۆچۈرۈۋېتىش ھەققىدە بېسىم قىلىنغان. تەلەپتە خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئۇچۇرىنىڭ تۋىتتېر شىركىتىنىڭ «دىنى، ئىرقى ۋە مىللىي كىملىكىگە ئاساسەنخەلقلەرنىڭ بىر پۈتۈن ھالدا ئادىمىيلىكىنى ئىنكار قىلىش» قا قارشى تۇرۇشتەك پرىنسىپىغا ماس كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىكەن. بىراق تىۋىتتېر شېركىتى دەسلەپتە بۇ ئۇچۇرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ بۇ قائىدىسىگە مۇخالىپ ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، ئارىدىن بىر كۈن ئۆتكەندىن كېيىن قارارىنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى جاكارلىدى.
تۋىتتېر باياناتچىسى ئارس تېخنىكا خەۋەر تور بېكىتىگە مۇنداق دېدى: «يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرگەندىن كېيىن، بىز بۇ ئۇچۇرنىڭ شىركىتىمىزنىڭ قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى بېكىتىپ، شۇنىڭغا مۇناسىپ ھەرىكەت قوللاندۇق. بىز بىر پۈتۈن توپلۇق ياكى ئادەملەرنىڭ دىنى، ئىرقى، مىللىتى ۋە ياكى باشقا كاتېگورىيەگە ئاساسەن ئادىمىيسىزلەشتۈرۈلۈشىگە يول قويمايمىز.»
تۋىتتېر شىركىتىنىڭ بۇ قارارى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلگۈچىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.
تەتقىقاتچى ۋگوردون چاڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خىتاي ھاكىمىيىتى بىلەن خەلقئارا جامائەت ئالاقە قىلماسلىقى كېرەك،» دەپ ئەسكەرتتى. گوردون چاڭ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ. خەلقئارا جامائەت بۇنداق بىر ھاكىمىيەت بىلەن ھېچقانداق يوسۇندا ئالاقە قىلماسلىقى كېرەك. بىز ئۇلارنىڭ ئەلچىخانىلىرىنى، كونسۇلخانىلىرىنى تاقىشىمىز ۋە دېپلوماتلىرىنى قوغلاپ چىقىرىشىمىز كېرەك. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى بىلەن ماختىنىدىغان ھالەتكە يېـتىپ كەلدى. بىز ئەمدى چوقۇم ھەرىكەت قوللىنىشىمىز كېرەك.»
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى كومىسسارى نۇرىي تۈركەل تىۋىتتېر ئارقىلىق قايتۇرغان ئىنكاسىدا خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئۇچۇرىنى «كىشىنى چۆچۈتىدىغانۋە نومۇس قىلارلىق،» دەپ باھالىدى. ئۇ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئاقلاۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «مەن خەلقئارا جەمئىيەتنى بىزگە ئورتاق بولۇپ، خىتاي كومپارتىيەسىنى ئەڭ كۈچلۈكشەكىلدە ئەيىبلەشكە چاقىرىمەن،» دېدى.