بېرلىن ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ئېلان قىلىپ، خىتاينى قاتتىق تەنقىدلىدى

0:00 / 0:00

دوكلاتنىڭ «باستۇرۇش، نازارەت قىلىش ۋە كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش» ناملىق قىسمىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى مۇھىم تېما قىلىندى.

گېرمانىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2-دېكابىر كۈنى بېرلىن ھۆكۈمىتى «فېدىراتىپ ھۆكۈمەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى توغرىسىدىكى 14-دوكلاتى» نى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خوڭكوڭ مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى ئاشكارىلىغان. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 302 بەتلىك بۇ دوكلاتنىڭ خىتايغا ئائىت قىسمىدا خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى سىياسىتىنى قاتتىق تەنقىدلىگەن. بۇ گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تۇنجى قېتىم دۆلەت نامىدىن خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى باستۇرۇش، لاگېرلارغا قاماپ قىيناشتەك ئىنسانىيەتسىز سىياسەتلىرىنى رەسمىي يوسۇندا دوكلات ئېلان قىلىپ ئەيىبلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

گېرمانىيەلىك مۇخبىر مورىتىز كوخنىڭ 2-دېكابىر ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كەڭ تارقالغان «باستۇرۇش، نازارەت قىلىش ۋە كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش: بېرلىن بېيجىڭنى ئادەتتىن تاشقىرى قاتتىق تەنقىد قىلدى» ناملىق خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ھازىرغا قەدەر گېرمانىيە دۆلەت رەھبەرلىرى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، گېرمانىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان مىليونلىغان ئىنساننى جازا لاگېرلىرىغا قاماپ قىيناش ھەرىكەتلىرىنى دىپلوماتىك قائىدە-يوسۇنلار دائىرىسىدە ئېھتىيات بىلەن تەنقىدلەپ كەلگەن بولسىمۇ، بۇ قېتىمقىدەك گېرمانىيە ھۆكۈمىتى نامىدىن رەسمىي ئەيىبلەپ باقمىغان.

خەۋەر مۇنداق باشلىنىدۇ: «فېدىراتىپ ھۆكۈمەت خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئەيىبلىدى. خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋەزىيىتى گېرمانىيە ئىقتىسادى ئۈچۈنمۇ بىر مەسىلىگە ئايلانغان ئىدى. خىتاي مەسىلىسى ئۇزۇندىن بۇيان بېرلىننىڭ تاشقى سىياسىتىدىكى ئەڭ كۆپ مۇزاكىرە قىلىنغان تېمىلارنىڭ بىرى دائىرىسىدە بولسىمۇ، كىشىلەرنىڭ خالىمايدىغىنى بېيجىڭ ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ئاچچىقلىنىپ، گېرمانىيە سانائىتى مەنپەئەت ئېلىۋاتقان خىتاي بازارلىرىنى تاقىۋېلىشى ئىدى. ئەمما بېرلىندىن بۇ قېتىم باشقىچە بىر سادا چىقتى. فېدىرال ھۆكۈمەت چارشەنبە كۈنى كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى ئادەتتىن تاشقىرى قاتتىق تەنقىدلىدى.»

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، «فېدىراتىپ ھۆكۈمەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى توغرىسىدىكى 14-دوكلاتى» گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن، فېدېراتسىيە ئىچكى كابىنېتى تەرىپىدىن تەستىقلانغان. دوكلاتتىكى «باستۇرۇش، نازارەت قىلىش ۋە كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش» ناملىق بۆلەك ئۇيغۇرلارغا بېغىشلانغان. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، بۇ دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشىدىن خۇرسەن بولغانلىقىنى، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كەلگۈسىدە خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىگە قارىتا ئامېرىكا كەبى كەسكىن تەدبىرلەرنى ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.

دوكلاتنىڭ مۇقەددىمىسىدە خىتايدىكى ۋەزىيەت تەھلىل قىلىنىپ مۇنداق دېيىلگەن: «ئاللىقاچان نۇرغۇنلىغان چەكلىمىلەر بىلەن بوغۇلغان پۇقرالار جەمئىيىتىنىڭ بوشلۇق دائىرىسى تېخىمۇ تارايماقتا». «پىكىر ئەركىنلىكى، ئاخبارات ئەركىنلىكى، ئىلىم-پەن ۋە دىنىي ئەركىنلىكتىن ئىبارەت پۇقرالارنىڭ ئەقەللىي كىشىلىك ھەقلىرى ۋە سىياسىي ھوقۇقلىرى بارغانسېرى چەكلىمىلەرگە يولۇقماقتا». «خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنى تەشەببۇس قىلغانلارغا ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش پرىنسىپلىرىغا دائىما ھۆرمەت قىلىنمايدۇ. ئەدلىيە تارماقلىرى كومپارتىيەنىڭ كونتروللىرىدا، پارتىيە ئۇنىڭدىن ئۆز ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزۈشنىڭ بىر قورالى سۈپىتىدە پايدىلىنىدۇ».

خەۋەردە تىلغا ئېلىنىشىچە، مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئۇيغۇرلارغا بېغىشلانغان «ھالقىلىق قىسمى» دا «فېدىراتىپ ھۆكۈمەت خىتاينىڭ شىنجاڭدا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش، نازارەت قىلىش، كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش قىلمىشلىرىدىن قاتتىق نارازى بولغان».

خەۋەردە تەكىتلىنىشىچە، مەزكۇر دوكلاتتا جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىدىن باشقا، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش مەسىلىسىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ۋە مەدەنىيىتىنى خىتايچىلاشتۇرۇشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەدەنىيەت نەزەرىيىسى ۋە كۆرسەتمىلىرىگە ئۇيغۇنلىشىشقا قىستىلىۋاتقانلىقىمۇ بىر مەزمۇن قىلىنغان. دوكلاتتا «خىتاي ھاكىمىيىتى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ رايوندا ئاپتونومىيە ياكى مۇستەقىللىققا بولغان ئۇرۇنۇشلىرىنى قاتتىق باستۇرىدۇ، ئۇ بىر ئارزۇ بولغان تەقدىردىمۇ» دېگەنلەرمۇ تىلغا ئېلىنغان.

د ئۇ ق نىڭ پروگرامما يېتەكچىسى زۇمرەتئاي ئۇيغۇر بۇ ھەقتە توختالغاندا، «گەرچە بۇ دوكلات ئانچە مۇكەممەل بولمىسىمۇ، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ساھەدە باسقان بىر ئىجابىي قەدىمى دېيىشكە بولىدۇ،» دېگەنلەرنى تىلغا ئالدى.

«باستۇرۇش، نازارەت قىلىش ۋە كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش: بېرلىن بېيجىڭنى ئادەتتىن تاشقىرى قاتتىق تەنقىد قىلدى» ناملىق خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ھەر قېتىم گېرمانىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى توغرىسىدا توختالغاندا خىتاينىڭ بېرلىندىكى ئەلچىلىرى «جۇڭگولۇقلار كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتە تارىختىكى ئەڭ گۈزەل بىر دەۋردە ياشىماقتا» دەپ جاۋاب بېرىدىكەن ۋە گېرمانىيە سىياسەتچىلىرىدىن «ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى قالايمىقانلاشتۇرماسلىق» نى تەلەپ قىلىدىكەن ھەمدە ئاخبارات ۋاننىلىرىدا ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق ئېلان قىلىنىۋاتقان «ئۆسەك سۆزلەرگە، يالغان-ياۋىداقلارغا ئالدانماسلىق» نى تەكىتلەيدىكەن.

گېرمانىيە پارلامېنتى ئەزاسى مىخائېل براند بۇ دوكلات ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتى خەلقئارا مۇقىملىققا ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كەلمەكتە. ياۋروپا ئىتتىپاقى چوقۇم كەلگۈسىدىكى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدىن بىلەن ھەمكارلىشىپ، خىتاي مۇستەبىتلىكىنى چەكلەش يولىدا باسىدىغان كونكرېت قەدەملەر ئۈستىدە ئىزدىنىشى لازىم».

گېرمانىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى گۇيدى يەنسېن خانىم بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «بۇ يېڭى كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنىڭ نەقەدەر ئېغىرلىقىنى چۈشىنىپ يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەمما بۇ چۈشىنىش دۆلەتنىڭ تاشقى سىياسىتىدە روشەن ئەكس ئەتمىگەنلىكى ئۈچۈن، يەنىلا تەنقىدلەرگە سەۋەب بولىدۇ. ئۇزۇندىن بۇيان خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى تەنقىدلىنىپ ۋە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى دىيالوگلاردا تىلغا ئېلىنىپ كەلگەن بولسىمۇ، گېرمانىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان تىجارىتى ئوخشاشلا داۋام قىلدى، بۇ ھالدا گېرمانىيە ئۆزىنىڭ خەلقئارالىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغان ھېسابلانمايدۇ.»

«باستۇرۇش، نازارەت قىلىش ۋە كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش: بېرلىن بېيجىڭنى ئادەتتىن تاشقىرى قاتتىق تەنقىد قىلدى» ناملىق خەۋەرنىڭ خاتىمىسىدا ئەسكەرتىلىشىچە، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھايكو ماس خىتاينىڭ بۇ دوكلاتتىن قاتتىق بىئارام بولىدىغانلىقىنى بىلىدىكەن. تېخى ئالدىنقى ئايلا خىتاينىڭ بېرلىندىكى باش ئەلچىلىكى گېرمانىيە ھۆكۈمىتىدىن «كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى، ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسىنى، دىنىي سىياسەتنى ۋە خوڭكوڭ مەسىلىسىنى تۇتقا قىلىپ، خىتاينى مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن ئورۇنسىز ئەيىبلىمەسلىكنى تەلەپ قىلغان».