دۇنيانىڭ نۇرغۇن دۆلەتلىرىگە، جۈملىدىن ئامېرىكاغا يامراپ، كۆپ ساندا ئادەمنىڭ يۇقۇملىنىشى ۋە ئۆلۈشى شۇنىڭدەك ئېغىر ئىقتىسادىي زىيانلارنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولغان كورونا ۋىرۇسى مەسىلىسىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينى ئەيىبلىشى ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقاندا، ئامېرىكانىڭ دىپلوماتىيە ساھەسىدىكى مۇھىم شەخسلەردىن بىرى بولغان خېنرى كىسسىنگېر ئەپەندى «ۋال-سىترېت ژۇرنىلى» گېزىتىدە: «كورونا ۋىرۇسى خەلقئارا تەرتىپنى ئۆزگەرتىدۇ» سەرلەۋھىلىك بىر ماقالە ئېلان قىلغان.
ئۇ، ماقالىسىدە دۇنياۋى يۇقۇملۇق كېسەلگە بىللە تاقابىل تۇرۇش، ئۈزلۈكسىز چېكىنىۋاتقان ئىقتىسادنى ياخشىلاش ۋە ئامېرىكانىڭ خەلقئارا تەرتىپتىكى ئورنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن «خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش كېرەك» دېگەن پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. كىسسىنگېرنىڭ ئۆزىنىڭ «مەغلۇپ بولغان سىياسەت» نى ياقىلاپ، يەنە «خەلقئارا تەرتىپتە خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشىمىز كېرەك» دېيىشى بىر قىسىم سىياسىي ئانالىزچىلار ئارىسىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا پەيدا قىلدى
كىسسىنگېرنىڭ پىكىرىنىڭ ئەكسىچە 28-ئاپرېل ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئامېرىكانىڭ خىتاينىڭ كورونا ۋىرۇسىنى كونترول قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرىدىغانلىقى، كورونا ۋىرۇسىنىڭ ئامېرىكىغا كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيىنى ئۈچۈن خىتاينى 130 مىليارد دوللار تۆلەم تۆلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيومۇ خىتاينىڭ ۋىرۇسقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى يوشۇرغانلىقىنى تەنقىد قىلدى.
تېكساس سان-ئانتونىيو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر پروفېسسورى بىرەدلىي زايىر ۋە خىتاي پۇقرالىرى ھوقۇقى تەشەببۇسچىسى لىيەن چاۋ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىدىغان «تۆپىلىك» (The Hill) گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، كىسسىنگېرنىڭ ماقالىسىدە دېيىلگەنلەرگە قارىتا ئۆزلىرىنىڭ ئوخشىمايدىغان كۆزقاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ماقالىدە: «كىسسىنگىېرنىڭ سىياسىتى داۋام قىلىپ، خىتاي مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئامېرىكانىڭ ئورنىنى ئېلىپ دۇنياغا خوجا بولسا، بۈگۈنكى خەلقئارا تەرتىپنىڭ قىممەت قارىشىنى تۈپتىن يوقىتىدۇ»، دېگەندەك قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
بۇ ماقالىنىڭ يازغۇچىلىرىدىن بىرى پروفېسسور بىرەدلىي زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز قاراشلىرىنى مۇنداق بايان قىلدى: «كىسسىنگېر ماقالىسىدە ‹خەلقئارانىڭ ئەركىن تەرتىپىنى قوغداش ئۈچۈن خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك›دەيدۇ، ئۇ داۋاملىق ئۆزىنىڭ مەغلۇپ بولغان سىياسىتىنى ياقىلاۋاتىدۇ. ھازىرقى ۋەزىيەتنىڭ تۈپتىن ئۆزگەرگەنلىكىنى تونۇپ يەتمەيۋاتىدۇ، نۇرغۇن ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى بار ئىدى، ئەسلى بۇنى بالدۇرراق تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك ئىدى».
پروفېسسور بىرەدلىي يەنە مۇنداق دېدى: «كورونا ۋىرۇسى ئاپىتىنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىدىن بىرى مۇشۇ قېتىم كىشىلەر خەتەرنى تونۇشى مۇمكىن. كىشىلەر بۇ قانداق يۈز بەردى: ؟، دەپ سوراشقا باشلايدۇ، بۇنىڭ جاۋابى ئەمەلىيەتتە مۇنۇ ئۈچ تۈرلۈكتۇر، يەنى: شى جىنپىڭ كورونا ۋىرۇسى ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىدۇ، قاچاندىن باشلاپ بىلگەن؟ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى كورونا ۋىرۇسى ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىدۇ؟ قاچاندىن باشلاپ بىلگەن؟ دۇنيا ئۇلارنى قانداق ھېسابقا تارتىدۇ؟ مۇشۇ سوئاللارغا جاۋاب چىققاندا ھېساب توغرا چىقىدۇ».
پروفېسسور بىرەدلىي زايىر ۋە لىيەن چاۋ ئۆز ماقالىسىدە يەنە: «دۇنيا خىتاينىڭ قانداق قىلىپ دۇنيا جامائىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىۋاتقانلىقىغا شاھىت بولدى. خىتاي مۇسۇلمان ئاممىسىنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولاش ئارقىلىق دۇنيادا ئىككىنچى قېتىم يىغىۋېلىش لاگېرىنى پەيدا قىلدى. بۇنى كۆرگەن ئاز ساندىكى خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى، سودىگەرلەر، تاشقى سىياسەت ئانالىزچىلىرى ۋە ئىستراتېگىيەچىلەرنىڭ خىتاينىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكى ۋە دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ بولۇش خەۋپىنى تونۇپ يېتى» دېگەنلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق قانۇنشۇناس، ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندىمۇ خېنرىي كىسسىنگېرنىڭ ئىلگىرى ئېلىپ بارغان خىتاي سىياسىتى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: «خېنرى كىسسىنگېر خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغان شەخس، لېكىن ئۇنىڭ بەزى تارقاتقان ئىدىيەلىرى ۋە يۈرگۈزگەن سىياسەتلىرىنىڭ بەدىلىنى ئامېرىكا بۈگۈن ئۆتەۋاتىدۇ».
خېنرى كىسسىنگېر خىتايدا ۋە ئامېرىكادا ئىنستىتۇتلارنى قۇرغان بولۇپ، خىتاينىڭ غەرب دۇنياسىغا كىرىشىگە يول ئاچقان. پروفېسسور بىرەدلىي كىسسىنگېرنىڭ بۇ جەرياندا يۈرگۈزگەن سىياسەتلىرى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ بۇنداق يۈكسىلىپ كېتىشى پەقەت خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ ھەرىكىتى بىلەنلا بولۇپ قالماستىن بەلكى، غەربتىكى نۇرغۇن داڭلىق شەخسلەرنىڭ خىتاينى قوللىغانلىقىدىن بولغان. كىسسىنگېر كومپارتىيەنىڭ باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەردە مۇدىر بولغان. بۈگۈنكى كۈندە كىسسىنگېرغا ئوخشاش نۇرغۇن سىياسەت ۋە پۇل-مۇئامىلە ساھەسىدىكى شەخسلەرنىڭ خىتاينى ياقىلاپ يۈرگۈزگەن سىياسەتلىرىنىڭ ئامېرىكا ئىستراتېگىيەسىدە خاتا ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ. ئۇلار ئۇزۇن يىللاردىن بىرى خىتاينى غەرب بىلەن ھەمكارلىشىدۇ، خەلقئارانىڭ ئەركىن تەرتىپىگە قېتىلىدۇ، دەپ ئويلىغان. رېئاللىق بۇنىڭ ئەسلى بىر خاتالىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى».
پروفېسسور بىرەدلىي خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەبىئىتىگە سەل قارىلىۋاتىدۇ. ئۆتكەن يىلى نويابىردا ‹نيۇ-يورك ۋاقتى› گېزىتى ‹شىنجاڭ ھۆججەتلىرىنى ئېلان قىلدى، بۇ خېلى دىققەت قوزغىدى دەپ قارايمەن. بۇ ئەھۋالنى شى جىنپىڭ ‹لايىھەلىگەن›. بۇ تاسادىپىي بولۇپ قالغان ئىش ئەمەس. مۇسۇلمانلارنى باستۇرۇش شى جىنپىڭنىڭ سىياسىي تاللىشى».
پروفېسسور بىرەدلىينىڭ كۆزدە تۇتقىنى، 2019-يىلى 16-نويابىر، «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتى ئېلان قىلغان 400 بەتتىن ئاشىدىغان «شىنجاڭ ھۆججەتلىرى» ھەققىدىكى «قەتئىي رەھىم قىلىشقا بولمايدۇ: خىتاينىڭ مۇسۇلمانلارنى قانداق باستۇرۇۋاتقانلىقىغا ئائىت ئاشكارىلانغان ھۆججەت» سەرلەۋھىلىك ماقالە ئىدى.
ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندى ئاخىرىدا كىسسىنگېرنىڭ خىتايغا قوللانغان سىياسىي ئىستراتېگىيەسىنى خۇلاسىلەپ مۇنداق دېدى: «كىسسىنگېر ئامېرىكانىڭ دۆلەت ئەھۋالى جىددىي بولۇۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردىمۇ خۇددى ئامېرىكا خاتا سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتقاندەك، خىتاي بىلەن نورمال ھەمكارلىقىنى ساقلاشنى تەشەببۇس قىلماقتا».
خېنرى كىسسىنگېر (Heinz Alfred Kissinger) 1923-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى گېرمانىيەدىكى باۋارىيە شتاتىنىڭ فۇرىز شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1938-يىلى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ناتسىست گېرمانىيەسىنىڭ باستۇرۇشىدىن قېچىپ چىققان بىر يەھۇدىي مۇساپىرى ئىدى. ئۇ رىچارد نىكسون ۋە گېرالد فوردنىڭ پرېزىدېنت ۋاقتىدا ئۇ 1969-يىلىدىن 1975-يىلىغىچە دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى، 1973-يىلىدىن 1977-يىلىغىچە ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بولغان. ئۇ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئامېرىكانىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى، خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەرگە قاراتقان سىياسىتىدە ھالقىلىق رول ئوينىغانىدى. ئۇ، ۋىيېتنامدا ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەنلىكى ئۈچۈن 1973-يىلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1972-يىلى، خىتاي كومپارتىيەسى رەھبىرى ماۋ زېدۇڭ ۋە جۇ ئېنلەي بىلەن كۆرۈشۈپ، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر دەۋرىدىكى ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئاساسىنى سالغانىدى
2008-يىلى كىسسىنگېر نامىدا خىتاي ۋە ئامېرىكادا خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان ئىنستىتۇتلار قۇرۇلغان. باش مەركىزى ۋاشىنگتوندا بولغان بۇ ئىنستىتۇتلار ھازىرغىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ، نۆۋەتتىكى ئىنستىتۇت دىرېكتورى روبېرت دەلىيدۇر.
بىز روبېرت دەلىي ئەپەندى بىلەن ئېلېكترونلۇق خەت ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ، كىسسىنگېرنىڭ بۇ ئىنستىتۇتلار ئارقىلىق خىتايغا قارىتا يۈرگۈزگەن سىياسىتى ھەققىدە زىيارەت قىلىش مەقسىتىمىزنى ئېيتقىنىمىزدا، ئۆزىنىڭ كىسسنگېر ھەققىدە زىيارەت قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
0:00 / 0:00