40 يىلدىن بۇيان خىتاي ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، چەت ئەل مەبلىغىنى كىرگۈزۈپ، كۆپلىگەن زاۋۇتلارنى قۇرۇپ، ئېگىز بىنالارنى سېلىپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللارنى ياساپ دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ ئىقتىسادىي گۈللىنىش خىتاينى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ۋە دۇنياغا ئەڭ كۆپ مال ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەتكە ئايلاندۇرغانىدى. ئەمما خىتاينىڭ سۈرئەت قوغلىشىپ مەيدانغا كەلتۈرگەن بۇ تەرەققىياتى بۈگۈنگە كەلگەندە توختاپ قالغان، چۈنكى بۇ خىل تەرەققىيات مودېلى ۋە ئىقتىساد ئەندىزىسى بۇزۇلۇپ، كارغا كەلمەس ھالغا كەلگەن.
يېقىندا «ۋال سترېت ژۇرنىلى» تورىدا ئېلان قىلىنغان «خىتاينىڭ 40 يىللىق گۈللىنىشى ئاياغلاشتى، ئەمدى نېمىلەر مەيدانغا كېلىدۇ؟ » ناملىق ماقالىدە بۇ مەسىلە ئەتراپلىق يورۇتۇلغان. ئۇنىڭدا بېرىلگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ نەچچە ئون يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن «تېز تەرەققىياتى» خىتاينىڭ ئېغىر قەرز پاتقىقىغا پېتىشى بىلەن تۇرۇپ قالغان، خىتاينىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدىكى ئايرودۇرۇملار تولۇق ئىشلىتىلمەي تاشلىنىپ قالغان، مىليونلىغان بىنا ئۆيلەر قۇرۇق قالغان، خىتاينىڭ سالغان مەبلىغىدىن قايتۇرۇپ ئالالىغان پايدىسى جىددىي تۆۋەنلىگەن.
ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ئىقتىسادشۇناسلار خىتاينىڭ ئىقتىساد تۆۋەنلەش دەۋرىگە كىرگەنلىكىنى، خىتاي نوپۇسىدىكى قېرىلىشىش ۋە ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئازىيىشى، شۇنداقلا ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي بىلەن سودا جەھەتتىكى مەنپەئەت سۈركىلىشلىرى ۋە زىددىيەتلىرى سەۋەبىدىن خىتاي ئىقتىسادىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ خارابلىشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ ئەمەلىيەتتە، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ قىسقا مۇددەتلىك چېكىنىش ۋەزىيىتىنى ئەمەس، بەلكى ئۇزۇن مۇددەتلىك خارابلىشىش دەۋرىنى بارلىققا كەلتۈرىدىكەن.
ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى ئاندېرس كور ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ چۆكۈشى شى جىنپىڭنىڭ مۇستەبىت، ئىغۋاگەر سىياسىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئۇنىڭ كوۋىدنى قامال قىلىش تەدبىرىمۇ خىتاي ئىقتىسادىغا ئېغىر زەربە بەردى. خىتاي ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىشى دۇنيا ئىقتىسادىدا ئىجابىي ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن، مەسىلەن، باشقا دۆلەتلەر خىتايغا تايىنىشتىن قۇتۇلىدۇ، خىتاي مونوپول قىلىۋالغان كەسىپلەرنى ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلدۇرۇپ كۆپلىگەن ئىش پۇرسىتى يارىتىدۇ.
ئۇ مۇنداق دېدى: «Goldman Sachs نىڭ مۆلچەرىچە، خىتاي ئەگەر ئامېرىكاغا كىرگۈزىدىغان مېلىنىڭ باھاسىنى 0. 25 پىرسەنت ئۆستۈرسە، ئامېرىكامۇ ئۇنىڭدىن ئالىدىغان تاموژنا بېجىنى 0. 25 پىرسەنت ئۆستۈرىدۇ. مەنچە پۇل پاخاللىقى ئۇنچە ناچار ئىش ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئىقتىسادتا پايدىغا مېڭىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەھەتتىكى تەسىرى ئامېرىكا ئىقتىسادى ۋە باشقا ئىقتىسادىي گەۋدىلەرگە پايدىلىق» .
«ياپونىيە ئىقتىساد خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 3-نويابىر كۈنى ئېلان قىلغان ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، 2023-يىل خىتايدىن چىقىپ كەتكەن مەبلەغ خىتايغا كىرگەن مەبلەغدىن تۇنجى قېتىم ئېشىپ كەتكەن. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان سودا سۈركىلىشى ۋە خىتاينىڭ «جاسۇسلۇققا قارشى ھەرىكەت» ئېلىپ بېرىپ، چەت ئەل كارخانىلىرىنى ئەنسىزلىككە سېلىشى ئىكەن.
«بلومبېرگ خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 1-نويابىر كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكادىكى ئەڭ چوڭ مەبلەغ سېلىش شىركەتلىرىدىن بىرى بولغان ئاۋانگارد گۇرۇھى (Vanguard Group) خىتايدىن 4 تىرىللىيون دوللارغا يېقىن مەبلىغىنى چېكىندۈرگەن ھەمدە شاڭخەيدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىنى تاقىغان.
خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدىكى ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى (GDP) نىڭ ئۆسۈش نىسبىتى 4 پىرسەنتتىن تۆۋەن بولىدىكەن. يەنى 40 يىلدىن بۇيانقى يىللىق ئۆسۈش نىسبىتىنىڭ يېرىمىغىمۇ يەتمەيدىكەن. خىتاينىڭ 2019-يىلدىكى يىللىق ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ ئۆسۈشى 5 پىرسەنتتىن 3 پىرسەنتكە چۈشۈپ قالغان بولۇپ، 2030-يىلىغا بارغاندا 2 پىرسەنت ئەتراپىدا بولىدىكەن. بۇنداق بولغاندا، خىتاي كومپارتىيەسى باش سېكرېتارى شى جىنپىڭنىڭ 2035-يىلىغا بارغاندا خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۆلىمىنى بىر قاتلاش، ئامېرىكادىن ئېشىپ چۈشۈپ دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇش پىلانى سۇغا چىلىشىدىكەن.
«ۋال سترېت ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلىنغان مەزكۇر ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئۆي-مۈلۈك بازىرى خىتاي ئىقتىسادىنىڭ 25 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، خىتاي بانكىلىرى قەرز بېرىشنى كېڭەيتىش ۋە ئۆسۈم نىسبىتىنى تەڭشەش ئارقىلىق بۇ بازارنىڭ گۈللىنىشىنى ساقلاشقا تىرىشىپ كەلگەن. ئەمما خىتاي ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىشى، غەرب ئەللىرىنىڭ خىتاي ماللىرىغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ ئازىيىشى، خىتاي بانكىلىرىنىڭ داۋاملىق قەرز بېرىشكە ئامالسىز قېلىشى سەۋەبىدىن خىتاينىڭ ئۆي-مۈلۈك «كۆپۈك ئىقتىسادى» مۇ ۋەيران بولۇشقا باشلىغان. خىتاينىڭ كۆپلىگەن ئۆي-مۈلۈك شىركەتلىرى ۋەيران بولغان. يەر سېتىپ پۇل تاپىدىغان يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ كاساتلىشىشى بىلەن تەڭ ئىقتىساد جەھەتتە قۇرۇپ كەتكەن. ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ خارابلىشىشى خىتاينىڭ باشقا ساھەلىرىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىغان. ياساش سانائىتى كۆلىمى كىچىكلىگەن، ئېكسپورت مىقدارى ئازلىغان، ياشلارنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى يېڭى تارىخىي رېكورت ياراتقان.
ئۆتكەن يىل خىتاي پۇقرالىرىنىڭ يىللىق كىرىمى 12 مىڭ 850 دوللارغا يەتكەن بولسىمۇ، دۇنيا بانكىسىنىڭ ئۆلچىمىدىكى «يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمى» بولغان 13 مىڭ 845 دوللارغا يەتمىگەن. خىتاينىڭ يېقىندا ئۆلگەن باش مىنىستىرى لى كېچياڭنىڭ ئاشكارىلىغىنى بويىچە ئېيتقاندا، ئەمەلىيەتتە، 600 مىليون خىتاي پۇقراسىنىڭ يىللىق كىرىمى 1000 دوللارغىمۇ يەتمەيدىكەن.
خەلقئارا ھېسابات بانكىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ 2022-يىلغىچە بوغۇلغان قەرزى، جۈملىدىن خىتاينىڭ يەرلىك ھۆكۈمەتلىرى ۋە دۆلەت كارخانىلىرى بوغۇلغان قەرزلەر خىتاينىڭ ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ 300 پىرسەنتىگە يەتكەن بولۇپ، ئامېرىكانىڭ قەرزدارلىق سەۋىيەسىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاسىتە قەرز بېرىدىغان تۈرلەرگە مەبلەغ ئاجرىتىدىغان مالىيە كۈچى چەكلىك بولغاچقا، پىلاندىن سىرت قەرز بېرىش ئۇسۇلىنى قوللانغان؛ خەلقئارا پۇل فوندىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاينىڭ بۇ ئۇسۇلدا بەرگەن قەرزى بۇ يىل 9 تىرىللىيون دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن.
ئاندېرىس كور ئەپەندىمۇ خىتايدىكى قەرز مەسىلىسىنىڭ ئېغىرلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
«نۇرغۇن سانلىق مەلۇماتلار شۇنى كۆرسىتىۋاتىدۇكى، خىتاي ئىقتىسادى ھازىر ناھايىتى ناچار. خىتاي بانكىلىرى ناچار قەرز پاتقىقىغا پاتتى، ئۆي-مۈلۈك كەسپىدە قەرزگە بوغۇلۇش ئەھۋالى ئېغىر. يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قولىدا تۈزۈك پۇل يوق، خىتاي تەرەپ دوللارنى كۆپلەپ سېتىپ، خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتىنى ساقلاشقا ئۇرۇنماقتا، ئۇنداق قىلمىسا خىتاي پۇلى پاخال قىلىپ سېتىلىدۇ» .
ئىقتىسادشۇناسلار خىتاينىڭ ئىقتىسادىنى جانلاندۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى خىتايدىكى ئىستېمالنى ئاشۇرۇش، مۇلازىمەت كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش دەپ كۆرسەتكەن.
ئامېرىكادىكى رەند سىياسەت تەتقىقات ئورنىنىڭ ئىستراتېگىيە ۋە خەۋپسىزلىك مۇتەخەسسىسى رايموند كو مۇنداق دېدى: «مەنچە خىتاي قەرز ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلما جەھەتتە نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدى. بۇنىڭ خېلى ئۇزۇن مەزگىل داۋاملىشىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا. مەبلەغ سېلىش ۋە ئېكسپورتقا تايىنىپلا ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرگەن ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئىقتىسادىي تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىيالمىغاچقا، مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن تەرەققىياتى ئاستىلاپ قالدى. قىزىقارلىق يېرى شۇكى، خىتايمۇ ھازىر ئاشۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كەلدى ۋە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنى خالىمىدى. شۇنى بىلىمىزكى، بۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى ئىستېمالچىلارنى پۇل خەجلىگۈزۈش. سىز بۇنىڭ بىر ئامالىنى چوقۇم تېپىشىڭىز كېرەك، يا دۆلەتنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق سىستېمىسىنى قوللىنىسىز، ياكى پۇلنى بىۋاسىتە پۇقرالارنىڭ قولىغا بېرىسىز، شۇ ئارقىلىق ئىستېمالچىلارنىڭ ئىشەنچىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى ئىستېمالغا ئۈندەيسىز» .
دۇنيا بانكىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، خىتاي ئىستېمالچىلىرىنىڭ خىتاي ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى 38 پىرسەنت بولسا، ئامېرىكادا 68 پىرسەنت ئىكەن. ئەمما شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ مەسلىھەتچىلىرى ئامېرىكاچە ئىستېمالنىڭ ئىقتىسادتىكى رولىغا گۇمان بىلەن قارىغان. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھازىر سانائەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، غەرب دۆلەتلىرى بىلەن بولىدىغان توقۇنۇشقا ھازىرلىنىۋاتقان پەيتتە، ئامېرىكاچە ئىستېمال يولىنى تۇتۇش بىر خىل ئىسراپچىلىق.
ئامېرىكادىكى خىتاي ۋەزىيىتى ئانالىزچىسى خۇ پىڭ ئەپەندى ئامېرىكا ۋە باشقا كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ئىستېمالنى جانلاندۇرۇش يولى بىلەن ئىقتىسادنى گۈللەندۈرىدىغانلىقىنى، ھازىرقى خىتاينىڭ بولسا، ئىستېمالنى ئازايتىپ، دۆلەتنىڭ كۈچىنى كېڭەيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ دۆلەت كۈچىنى ئاشۇرۇشنى خەلقنىڭ ئېھتىياجىنى قامداشتىن ئۈستۈن كۆرىدۇ. بۇ خىتايدەك مۇستەبىت بىر ھاكىمىيەتنىڭ ئالاھىدىلىكىدۇر. بۇنداق ئىقتىسادنىڭ ماختىغۇچىلىكى يوق، بەلكى ئۇ خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات شەكلىدىكى ئېغىر مەسىلىنى ئاشكارىلاپ بېرىدۇ» .
ئاندېرس كور ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ھازىر دۆلەتنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشى ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يولىدا ماڭغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. مەيلى سىتالىن ياكى ماۋ زېدۇڭ بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى دۆلەتنى كۈچلۈك قىلىشنىلا كۆزلىگەن، خەلقنىڭ قولىغا ھېچنېمە بەرمىگەن، ھەتتا ئۇلارنى ئاچ قويۇپ ئۆلتۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «ماۋ زېدۇڭ، سىتالىن دېگەنلەر خەلقنىڭ ئىستېمالىنى قىسىپ قويغان، چۈنكى ئۇلار ئارمىيە قۇرۇش، باشقا دۆلەتلەرگە ياردەم بېرىش ئارقىلىق ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتىش بىلەن بولۇپ كەتكەن. شى جىنپىڭمۇ ھازىر شۇنداق قىلىۋاتىدۇ، ئۆز پۇقرالىرىغا سەل قاراۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىستېمالىنى ئازايتىپ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچىدىنلا پايدىلىنىۋاتىدۇ؛ شۇ ئارقىلىق دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە ياردەم قىلىۋاتىدۇ، مەنچە بۇلار خىتاي پۇقرالىرىغا زىيانلىق» .
شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى خىتاي ھازىر «دۆلەت كۈچى بىرىنچى مەسىلە، خەلق تۇرمۇشى ئىككىنچى مەسىلە» دېگەن يۆنىلىشتە كېتىۋاتقان بولۇپ، نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر خىتاينى تېخىمۇ كۈچلۈك سانائەت دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇش، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ تېخنىكىسى، توكلۇق ئاپتوموبىل تېخنىكىسى ۋە سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىدا دۇنيانىڭ ئالدىغا ئۆتۈشكە ھەرىكەتلەنمەكتە ئىكەن. ئەمما خىتاي بۇ ساھەدە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرىگە تايىنىدىغان بولۇپ، غەرب ئەللىرى خىتاينى بۇ خىل ئىلغار تېخنىكا بىلەن تەمىنلەشنىڭ خەتىرىنى ئاللىقاچان تونۇپ يېتىپ، زۆرۈر تەدبىرلەرنى ئېلىشقا باشلىغان. يەنە بىر جەھەتتىن، خىتاي ئىقتىسادىي جەھەتتە چۆكسە، ئۇنىڭ بۇ تېخنىكىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتىمۇ چەكلىمىگە ئۇچرايدىكەن.
خىتاي ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىشى شى جىنپىڭغا بولغان نارازىلىقنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولغان. شۇ سەۋەبتىن، شى جىنپىڭ دۆلەت ئىچىدە باستۇرۇشنى كۈچەيتىش، خەلقئارادا بولسا چىل بۆرە دىپلوماتىيەسى قوللىنىش ئارقىلىق، ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلىشىدىن پەيدا بولغان جەمئىيەت مۇقىمسىزلىقىنى تىزگىنلىمەكچى بولغان. 8-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدىن «خىتاينىڭ ئىقتىسادى قەرەللىك پارتلايدىغان بىر بومبىغا ئوخشاپ قالدى» دېيىش ئارقىلىق، بۇ ئىقىتىسادىي كىرىزىس پارتلىغاندا خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ نىيەتنى بۇزۇپ، خەتەرلىك ئۇرۇشقا تەۋەككۈل قىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
خۇ پىڭ ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «پىرېزىدېنت بايدىننىڭ بۇنداق دېگىنى خىتاينى بۇنداق قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇرغىنى. كۆپلىگەن مۇستەبىت دۆلەتلەرنىڭ كاتتىباشلىرى دۆلەت ئىچىدە چاتاق چىققاندا سىرتقا ھەربىي ھۇجۇم قوزغاش ئارقىلىق پۇقرالىرىنىڭ دىققىتىنى بۇراشقا ئۇرۇنىدۇ. مۇستەبىتلەر دائىم مۇشۇنداق ئۇسۇلنى قوللىنىدۇ. جوۋ بايدىننىڭ بۇ گەپنى دېيىشى شى جىنپىڭ چوقۇم تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىدۇ دېگەنلىك ئەمەس، شى جىنپىڭ ئۇ مەسىلىنى ھەر تەرەپتىن ئويلايدۇ. جوۋ بايدىن پەقەت شى جىنپىڭنى ئاگاھلاندۇرۇپ، «بىز سېنىڭ تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىش نىيىتىڭنى بىلىمىز، دۆلەت ئىچىدىكى مەسىلەڭدىن پۇقرالىرىڭنىڭ دىققىتىنى بۇراش ئۈچۈن شۇنداق قىلىدىغانلىقىڭنىمۇ بىلىمىز، ئەگەر خەلق سېنىڭ بۇ نىيىتىڭنى بىلسە، ساڭىمۇ زەربە بولىدۇ، ئۇ چاغدا سېنىڭ ئۇنى قىلىشىڭ تەس بولىدۇ» دېمەكچى. بۇ گەپنىڭ ئاشۇنداق رولى بار» .