مەلۇم بولغىنىدەك، 2023-يىلىدىكى ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى، ئىسرائىلىيە-غەززە ئۇرۇشى ۋە ئافرىقا ئەللىرىدە يۈز بەرگەن ئىچكى توقۇنۇشلار دۇنيا جامائىتىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە مەركەزلەشتۈرگەن مۇھىم ۋەقەلەر بولدى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى 2023-يىلىمۇ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىنىڭ بۇ ئۇرۇشلارنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن چامىنىڭ يېتىشىچە ھەرىكەتلەر ئېلىپ بېرىپ، بەلگىلىك نەتىجىلەرنى ۋۇجۇدقا چىقارغان.
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 31-دېكابىر ئېلان قىلغان يېڭى يىللىق نۇتۇقىدا بۇ ھەقتە توختىلىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ 2023-يىلىدىكى مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەتتە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىغىنلىرىدا ئاڭلىتىش، 460 تىن ئارتۇق خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە قارشى قوزغىتىش، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى توغرىسىدا دوكلاتلار ئېلان قىلىش، ئامېرىكا، ياۋروپا، ئاسىيا ئەللىرىدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى كەڭ تەشۋىق قىلىش ۋە تۈرلۈك خەلقئارالىق چوڭ يىغىنلارنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى خەلقئارا كۈنتەرتىپتە تۇتۇپ تۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئۇنىڭ تىلغا ئېلىشىچە، ئۆتكەن بىر يىلدا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ چەت ئەل دىپلوماتلىرى ۋە تەتقىقاتچىلىرىنى شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلدۇرۇش، بەزى دۆلەتلەرگە قارىتا ۋىزانى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ساياھەتكە يول ئېچىش، ئىسلام ئەللىرى تەشكىلاتلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا مەخسۇس ساياھەتكە تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئاغزى ئارقىلىق خەلقئارادا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىش ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى پەردازلاپ ئىپادىلەشتەك ساختا تەشۋىقاتىمۇ زور دەرىجىدە كۈچەيتكەن. ئۇ سۆزىدە يەنە، خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئالدامچىلىق سىياسىتىنىڭ 2024-يىلى ھەسسىلەپ كۈچىيىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.
بۈگۈن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، خىتاينىڭ 2023-يىلى مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ياللانما چەت ئەل كۈچلىرىنىڭ تەشۋىقات تىلى بىلەن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇش يولىدا زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، 2024-يىلى خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى ئالدامچىلىق سىياسىتىگە تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ سۆزىدە، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ «ئۆز يېغىدا ئۆز گۆشىنى قورۇش» تاكتىكىسى بويىچە چەت ئەلدىكى بىر قىسىم ئىرادىسىز ئۇيغۇرلارنىمۇ سېتىۋېلىش ياكى تەھدىت قىلىش بىلەن ئىشقا سېلىپ، مۇھاجىرەتتىكى مىللىي دەۋا ساھىبلىرىغا، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئالدىمىزدىكى يىللاردا بۇ خىل ھۇجۇملارنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىنى ئىپادە قىلدى.
ئاخىرىقى بىرقانچە يىلدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرىدا ئېتىراپ قىلىنىشى بىلەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادا پاكىتلىق بىر مەسىلە ھالىغا كېلىشىدىن خىتاينىڭ قاتتىق چۆچۈگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى غەيۇر قۇربان ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن پۈتۈن چارىلەرگە مۇراجىئەت قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە، خىتاينىڭ 2024-يىلىمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى داۋاملىشىۋاتقان يۇقىرى تېخنولوگىيەگە تايانغان قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ پائال ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
نورۋېگىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ ئىپادە قىلىشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتى ھازىر بىر تەرەپتىن ۋىزانى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى يىمىرىلىشلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئۇرۇنسا، يەنە بىر جەھەتتىن چەت ئەلدىن تۇغقان يوقلاش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستانغا كېلىدىغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ساياھەت يولىنى ئېچىپ بېرىپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى مۇشۇ خىلدىكى ئۇيغۇرلار ئارقىلىق يوققا چىقىرىشتەك قوش تاكتىكىنى قوللىنىۋاتماقتا ئىكەن. ئۇ سۆزىدە يەنە، خىتاينىڭ بۇ چارىنى 2023-يىلى سىناق قىلغانلىقىنى، 2024-يىلى ئۇنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ يولغا قويۇشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىدى.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى، ئىسرائىلىيە-غەززە ئۇرۇشى، خىتاي-تەيۋەن سۈركىلىشى، ئافرىقا ئەللىرىدىكى ئىچكىي توقۇنۇشلار ۋە دۇنيا مىقياسىدا ئەۋج ئېلىۋاتقان كۆچمەنلەر دولقۇنى قاتارلىق زور ۋەقە-ھادىسىلەر يەنىمۇ داۋاملىشىدىغان 2024-يىلىدا، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىنى خەلقئارا كۈنتەرتىپتە تۇتۇپ تۇرۇش ئېغىر خىرىسقا دۇچ كېلىدىكەن.