خىتاينىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكىگە قاراتقان قوش ئۆلچىمى غۇلغۇلا قوزغىدى
2024.04.16
شىۋېتسىيە تاراتقۇلىرىدىن «گوتېبورگس پوچتىسى» (Göteborgs-Posten) گېزىتى يېقىندا 2022-يىلى 10-ئايدا جاسۇسلۇق گۇماندارى بىلەن تۇتۇلغان خىتاي مۇخبىر چېن شۆفېينىڭ شىۋېتسىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلماقچى بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتى 2010-يىلى خىتاي «خەلق گېزىتى» نىڭ بىر مۇخبىرىنى جاسۇسلۇق قىلمىشى بىلەن ئەيىبلەپ چېگرادىن قوغلاپ چىقارغانىدى. خەۋەردە يەنە ئەگەر بۇ قېتىم 6 ئايدىن بىرى شىۋېتسىيەدە قاماقتا تۇرۇۋاتقان چېن شۆفېي چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلسا شىۋېتسىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىگە تەسىر يېتىشى مۇمكىنلىكى كۆرسىتىلگەن.
بۇ تۈردىكى خەۋەرلەر 2020-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» ، «ۋال-سېترىت گېزىتى» ۋە «ۋاشىنگتون پوچتىسى» قاتارلىق خەلقئارالىق مەتبۇئاتلارنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرلىرىدىن ئاز دېگەندە 18 نى قوغلاپ چىقارغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى قايتا ئەسكە سالدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللىك مۇخبىرلارنى ھەيدەپ چىقىرىشى پەقەت يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغانلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغان. 2016-يىلى خىتاينىڭ ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش سىياسىتى» نى تەنقىد قىلغان فىرانسىيەلىك مۇخبىر ئۇرسۇلا گوتىيىر (Ursula Gauthier) خانىم ۋىزىسى ئۇزارتىلماسلىق ئۇسۇلى بىلەن خىتايدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. «بازفىد خەۋەرلىرى» (Buzzfeed News) تورىنىڭ بېيجىڭدىكى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى مېگا راجاگوپالان (Megha Rajagopalan) خانىممۇ 2017-يىلى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قىلغان بىۋاسىتە زىيارىتى ئاساسىدا يازغان «21-ئەسىردىكى ساقچى دۆلىتى مانا مۇشۇنداق بولىدۇ» ماۋزۇلۇق ماقالىسى سەۋەبلىك 2018-يىلى ئوخشاش ئۇسۇلدا خىتايدىن ھەيدەلگەن.
«تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن مۇھەررىرى جەيمىس پالمېر (James Palmer) بېيجىڭدا 15 يىل تۇرغان بولۇپ، 2017-يىلى خىتايدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان. ئۇ 2018-يىلى ئۆكتەبىردە ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدە «خىتاي ئارخىپلىرى» ژۇرنىلى ۋە نيۇ-يوركتىكى يورك ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتىنىڭ ئورتاق ساھىبخانىلىقىدا «شىنجاڭدىكى ۋەزىيەت» ناملىق بىر سۆھبەت يىغىنىدا كۆز يېشى قىلىپ تۇرۇپ ئۇيغۇر دوستلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ بىردىن-بىردىن غايىب بولغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلالمىغانلىقىنى ئېيتقان.
جەيمىس پالمېر بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا خىتايدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەينى ۋاقىتتا خىتاينىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى بەك جىددىيلىشىپ كەتتى. ئۇ يەردە مۇخبىرلىق قىلىش تېخىمۇ تەسكە چۈشتى. مېنىڭ ئۇيغۇر دوستلىرىم تۇيۇقسىز غايىب بولۇشقا باشلىدى. ھەتتا خىتاي مۇخبىر دوستلىرىممۇ تەھدىت ھېس قىلىۋاتقانلىقنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، بۇ يەردە ئەمدى تۇرۇشقا بولمايدىكەن، دەپ خىتايدىن چىقىپ كېتىشنى قارار قىلدىم. »
ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، غەرب دۇنياسىدىكى مۇخبىرلار ھەممىلا كىشىگە مەلۇم بولغىنىدەك مۇستەقىل ئاخبارات ئورگانلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە پۈتۈن دۇنيانىڭ خىزمەت تەرتىپى ۋە فۇنكسىيەسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭكىدىن پەرق قىلمايدۇ. ئۇلار ئاشۇ خىل مەنتىق ئاساسىدا غەرب مۇخبىرلىرىنى ھەرقاچان «دۈشمەن كۈچلەرنىڭ بىر قىسمى» دەپ قاراشقا ئادەتلەنگەن. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا خىتاينىڭ مۇخبىرلىرىغا خىتاينىڭ ئامېرىكا مۇخبىرلىرىغا ۋىزا بېرىشىدىن نەچچە ھەسسە ئاسانلا ۋىزا بېرىدۇ. چۈنكى ئامېرىكا خىتاينىڭ ئەكسىچە ئاخبارات ئەركىنلىكىگە ئىشىنىدۇ. خىتايدا ئاخباراتنىڭ ئەھۋالى مۇنداق. شىنخۇا ئاگېنتلىقى خىتاي ئىستىخبارات ئورگانلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلار خىتايدىكى چەتئەل ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ مۇستەقىل ئورگان ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيدۇ. باش ئىشتابى ئامېرىكادا بولغان ئاخبارات ئورگانلىرىنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ئىشلەيدۇ، دەپ قارايدۇ. مەسىلەن ‹نيۇ-يورك ۋاقتى› گېزىتىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرلىرىنى بىۋاسىتە ئامېرىكا مەركىزى ئىستىخبارات ئىدارىسى (CIA) غا دوكلات قىلىدۇ، دەپ ئويلايدۇ. شۇڭا خۇلاسە قىلغاندا خىتاي ئۆزىنىڭ سايىسىدىن ئۆزى قورقۇپ، ئەندىشە بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. »
ئەنگلىيەدىكى شېفىلد ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقىي ئاسىيا تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ لېكتورى دېيۋىد توبىن (David Tobin) ئەپەندى خىتاينىڭ چەتئەللىك «دۈشمەن كۈچلەر» نى چەكلەش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ قۇربانلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئەينى ۋاقىتتا تەتقىقات ئۈچۈن ئۈرۈمچىدە تۇرغان ھەمدە 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» ھەققىدە نۇرغۇن ماقالىلەرنى يازغان. 2016-يىلى ئەنگلىيەگە قايتقاندىن كېيىن قايتا بارمىغان. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن 2016-يىلى ئۈرۈمچىدە بىر ئۇيغۇر دوستۇم بىلەن قەھۋەخانىدا ئولتۇرۇپ پاراڭلاشقان ۋاقتىمدىلا ئۇ يەرگە قايتا بارمايدىغانلىقىمنى بىلگەن. ئەينى ۋاقىتتا ئۇ دوستۇم بىر تېلېفون تاپشۇرۇۋالدى. تېلېفون قىلغان كىشى ھۆكۈمەتتە ئىشلەيدىغان بىرى ئىكەن. ئۇنىڭدىن نەدە، نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى سورىدى. ئۇ بىر چەتئەللىك دوستى بىلەن قەھۋە ئېچىپ ئولتۇرغانلىقىنى ئېيتتى. باشقا ئارتۇق گەپ بولمىدى. لېكىن دوستۇم ماڭا ئەگەر راست گەپ قىلمىسا ئىز-دېرەكسىز غايىب بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئاشۇ ۋاقىتتا مەن ئۇيغۇر دوستلىرىمنى ئۇلار ھەققىدىكى تەتقىقاتىم تۈپەيلى خەتەرلىك ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغانلىقىمنى ھېس قىلدىم. يەنە كېلىپ ئۇ ۋاقىتلاردا خىتاي ھۆكۈمىتى چىراي تونۇش تېخنىكىسى ئارقىلىق نازارەتنى تازا كۈچەيتكەن ئىدى. مەن دوستلىرىمنىڭ مەن تۈپەيلى نازارەت ئاستىغا ئېلىنىشىنى خالىمىغاچقا مېنى رەسمىي قوغلاپ چىقىرىۋېتىشتىن بۇرۇن خىتايدىن كېتىشنى قارار قىلدىم.»
ھالبۇكى شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتى قوغلاپ چىقارماقچى بولغان چېن شۆفېينىڭ ئەھۋالى بىز يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىدىن ئاسمان-زېمىن پەرق قىلىدۇ. چېن شۆفېينىڭ باشقۇرۇشىدا شىۋېتسىيەدە نەشر قىلىنىپ كەلگەن «يېشىل پوچتا» گېزىتى خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىۋېتسىيەدىكى بىرلىك سەپ بۆلۈمى بىلەن يېقىن ئالاقىنى ساقلاپ كەلگەن. چېن شۆفېي بۇ گېزىتتىن پايدىلىنىپ «شىنجاڭ فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى» ۋە باشقا مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قەبىھ سىياسەتلىرىنى ئاقلايدىغان تەشۋىقاتلارنى كۆپلەپ بازارغا سالغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى غەرب دۇنياسىدا ئەنە شۇ خىلدىكى «مۇخبىرلار» ئارقىلىق ئۆز تەشۋىقاتىنى توختاۋسىز داۋام قىلدۇرۇش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي يەنە غەربىنىڭ مائارىپ سىستېمىسى ئارقىلىقمۇ ئۆزلىرىنىڭ كوممۇنىستىك دۇنيا قاراشلىرىنى تەدرىجىي سىڭدۈرۈش ۋە تارقىتىشقا زېھىن قويۇپ كەلگەن. داۋىد توبىن خىتاينىڭ مەكتەپلەردىكى جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەرگە ئوقۇش ئۈچۈن كەلگەن خىتاي ئوقۇغۇچىلار مەكتەپلەردە جاسۇسلۇق قىلالمايدۇ. چۈنكى مەكتەپلەردە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تاقىلىدىغان ئۇچۇرلارنى توپلىيالمايدۇ. لېكىن مەكتەپلەرگە ئوقۇش ئۈچۈن تىزىمغا ئالدۇرغان ئاتالمىش خىتاي ئوقۇغۇچىلار يەرلىك ئوقۇغۇچىلار ۋە باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيەسىنى بۇرمىلاشقا تىرىشىدۇ. ھەتتا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ لېكسىيەسىنىڭ يۆنىلىشىگە، ئۇلارنىڭ ئوي-پىكرىگە تەسىر قىلىشقا كۈچەيدۇ. يەنى بۇ ئاتالمىش خىتاي ئوقۇغۇچىلار دۆلەت بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئۇچۇر توپلىمىغىنى بىلەن، خىتايغا بېرىپ تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانماقچى بولغان چەتئەللىك تەتقىقاتچىلار ئاللىقاچان ئاشۇ خىل كوممۇنىستىك تەسىرنىڭ تۈرتكىسىدە خىتايغا بارغاندا خىتاينىڭ سىياسەتلىرىنى ئەيىبلىمەيدىغان ياكى تەنقىدلىمەيدىغان بولۇپ چىقىدۇ. بەزىلىرى ھەتتا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سىياسىي كۈچىگە دائىر تەكشۈرۈشلەرنى قىلماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدۇ.»
نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەلقئارالىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى مۇخبىرلىرى ۋە ئانالىزچىلىرى شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي مۇخبىرنى قايتۇرماقچى بولغانلىقىنى «ئاخبارات ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلمىغانلىق» دەپ ئەيىبلىگەن. ئەمما ئۇلار خىتاينىڭ قوغلاپ چىقىرىۋەتكەن خەلقئارالىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى ھەققىدە ھېچنېمە دېمىگەن. شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ خىتايدا تۇرغان ۋاقىتلىرىدا نېمىلەرنى يازغانلىقى توغرىسىدىمۇ لام-جىم دېمىگەن. ئۇلارنىڭ بۇ خىلدىكى قىلمىشلىرى بىردەك «خۇپسەنلىك بىلەن ئۆز پايدىسىغا ئىش كۆرۈش» دەپ قارىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.