12-سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشى ھەققىدە ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىننىڭ باش تېمىسى خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان تەھدىتىگە قارشى سەپەرۋەرلىككە كېلىش، خىتاينى چەكلەيدىغان قانۇن تۈزۈپ ماقۇللاش ۋە ئامېرىكانىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىمۇ بۇ سەپكە قېتىلىشقا چاقىرىشتىن ئىبارەت بولدى.
يىغىندا كانادا پارلامېنت ئەزاسى مايكول چوڭ، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى باشلىقى روشەن ئابباس خانىم قاتارلىقلار خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان قارا قولى، جۈملىدىن خىتاينىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنى قورقۇتۇشى، تەھدىت سېلىشى، قەستلىشى، باشقا دۆلەتلەرنىڭ قولى بىلەن تۇتۇپ جازالىشى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى.
يىغىندا ئالدى بىلەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى، خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى كرىس سىمىس (Chris Smith) سۆز قىلىپ، كوممۇنىست خىتاينىڭ يۈكسىلىشى بىلەن تەڭ دۇنيانى ئۆز چاڭگىلىغا ئېلىش غەرىزىنىڭ تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكىنى، دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىنى رەت قىلىپ، مۇستەبىتلىك ۋە زومىگەرلىكنى بازارغا سالغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتا ئەزاسى، خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى بىرلەشمە رەئىسى جېف مېركلى (Jeff Merkley) پىكىر بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش كوممۇنىست خىتاينىڭ ئۆزىگە قارشى چىققانلارنى دۇنيا مىقياسىدا باستۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ تۈپ نۇقتىسىدۇر. بىز دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رەھىمسىز باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. ‹ئەركىنلىك سارىيى› تەشكىلاتىنىڭ ئېيتقىنىدەك، بۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ مۇرەككەپ، ئەڭ كەڭ كۆلەملىك دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش ھەرىكىتىدۇر. ‹قوغدىغۇچى› تەشكىلاتى ئاشكارىلىغان ۋە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر ئۇچۇردا ئېيتىلغىنىدەك، خىتاي ھازىر 53 دۆلەتتە ئاز دېگەندە 102 تاشقى ئىشلار مۇلازىمەت پونكىتى قۇرغان بولۇپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا چېقىلغان ھەمدە ئۇ يەردە ياشاۋاتقان خىتايلارنى قايتۇرۇپ ئېلىپ كېتىپ سوراققا تارتقان. شۇڭا مەن بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئىككى پارتىيەنىڭ قوللىشى، سېناتور ماركو رۇبىيو قاتارلىق دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ قېتىلىشى بىلەن، ‹دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش سىياسىتى قانۇن لايىھەسى› سۇندۇم. بۇ ئارقىلىق، مۇساپىر خەلقنى قورقۇتۇپ يۈرگەن ۋە ئۇلارغا ھۇجۇم قىلغان چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرى ۋە شەخسلەردىن ھېساب سوراشنى تەلەپ قىلدىم» .
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى جىم مەكگاۋرېن (Jim McGovern) كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى «ئەركىنلىك سارىيى» نىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشقا دائىر سانلىق مەلۇماتلىرىنى تىلغا ئېلىپ، 2014-يىلدىن بۇيان دۇنيا بويىچە 38 ھۆكۈمەت ۋە 91 دۆلەتنىڭ 864 قېتىم شەخسلەرگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى سادىر قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە خىتاينىڭ 253 ۋەقە سادىر قىلغانلىقىنى، ئومۇمىي نىسبەتنىڭ 30 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەنلىكىنى، بۇ نىسبەتنىڭ كىشىنى چۆچۈتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى، خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى ئەزاسى دان ساللىۋان (Dan Sullivan) كوممۇنىست خىتاينىڭ سىرلىق ۋە قورقۇنچلۇق بىر ھاكىمىيەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «بىز خىتايدا يۈز بەرگەن بىر قاتار غەلىتە ئىشلارغا قارىساقلا ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلىمىز. ئۆتكەن بىر نەچچە ئايدا ئۇلارنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، ئامېرىكادا تۇرغان سابىق ئەلچىسى يوقاپ كەتتى؛ ئۇ تېخى شى جىنپىڭنىڭ يېقىن ئادىمى ئىدى. يېقىندا خىتاي ئارمىيەسى راكېتالىق بومبا ئېتىش قىسمىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى يوقاپ كەتتى؛ ئەمدى قوپۇپ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يوقاپ كەتتى، ئۇ يەردە نېمە ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقىنىنى كىم بىلىدۇ؟ ئەمما شۇنىسى ئېنىقكى، بىزنىڭ قارشىمىزدا ئەمەلدارلىرى يوقاپ كېتىدىغان ۋە بۇنىڭغا ھېچقانداق چۈشەنچە بەرمەيدىغان بىر ھاكىمىيەت تۇرۇپتۇ» .

يىغىندا كانادا پارلامېنت ئەزاسى مايكول چوڭ (Michael Chong) خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان تەھدىتى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىپ مۇنداق دېدى: «مەن كانادا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىغا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېتىراپ قىلىش توغرۇلۇق تەكلىپ سۇندۇم. بۇ يىل 5-ئايدا مەن، خىتاينىڭ تورونتو كونسۇلخانىسىدا ئىشلەيدىغان بىر دىپلوماتىنىڭ 2020-يىلدىن بۇيان مەن ۋە خوڭكوڭدىكى ئائىلەم ھەققىدە ئۇچۇر توپلاپ يۈرگەنلىكىنى بىلدىم؛ ئالدىنقى ئايدا بىلدىمكى، بۇ يىل 5-ئايدا مەن خىتاينىڭ ۋىچات ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا بىر مەيدان ساختا ئۇچۇر تارقىتىش نىشانىغا ئايلىنىپتىمەن. مەن ھازىر خوڭكوڭدىكى ئائىلەم بۇ يەردىكى خىزمىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىسۇن دەپ ئۇلار بىلەن ئالاقەمنى ئۈزدۈم. كانادا ۋە ئامېرىكادىكى مۇھاجىرلار بىلەن پاراڭلىشىپ شۇنى بىلدىمكى، ئۇلارمۇ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ماڭا ئوخشاش ئالاقە قىلمايدىكەن. مانا بۇ كوممۇنىست خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشىنىڭ نەتىجىسى» .
مايكول چوڭ يەنە دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، خىتاينىڭ خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىدىن قانداق پايدىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنىڭ خىتاينىڭ ئادەم تۇتۇش ۋاسىتىسىگە ئايلىنىپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. كانادالىق ھۈسەيىن جېلىل خىتاينىڭ چېگراسى سىرتىدا قانۇنسىز تۇتۇلۇپ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنىدى. ھازىرغىچە ئۇنىڭ ئىز-دېرىكى يوق. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ قايسى تۈرمىدە ئىكەنلىكى، ھەتتا ئۆلۈك ياكى تىرىك ئىكەنلىكىنىمۇ كانادا ھۆكۈمىتىگە مەلۇم قىلمىدى. خىتاينىڭ بۇ تاكتىكىسى ناھايىتى قەبىھ، خىتاي مۇشۇ ئارقىلىق كانادالىقلارغا كىمكى خىتايغا قارشى سۆزلىسە ياكى ھەرىكەت قىلسا، چېگرا سىرتىدا بولسىمۇ خىتايغا قايتۇرۇلىدۇ دېگەن ئۇچۇرنى بەرمەكچى» .
يىغىندا گۇۋاھلىق بەرگەن «ئەركىنلىك سارىيى» تەشكىلاتى ئىستراتېگىيە ۋە پىلان تەتقىقاتى دىرېكتورى يانا گوروكوسكايا (Yana Gorohkosvskaia) خىتاينىڭ تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەر بىلەن «جىنايەتچى ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى» ئىمزالاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئىدرىس ھەسەن خىتاينىڭ تۇتۇش بۇيرۇقىغا ئاساسەن، 2021-يىل 3-ئايدا كاسابلانكا ئايرودۇرۇمىدا تۇتۇلدى. ئارىدىن ئىككى يېرىم يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا تۈرمىدە يېتىۋاتىدۇ. ماراكەش بىلەن خىتاينىڭ ئوتتۇرىسىدا كېلىشىم بولغاچقا، ئۇ ھازىر ھەر كۈنى خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەتىرىگە دۇچ كەلمەكتە. كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغىنى شۇكى، خىتاي ھازىر تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەر بىلەن ‹جىنايەتچى ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى› ئىمزالاشقا پائال ھەرىكەت قىلماقتا» .

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى باشلىقى روشەن ئابباس خانىم خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان تەھدىتى، ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنى تۇتقۇن قىلىشى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى. ئۇ يولدىشى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئائىلىسى كوللېكتىپ تۇتقۇن قىلىنغاندا، خىتاينىڭ مىڭلىغان، مىليونلىغان ئۇيغۇرنى جازا لاگېرىغا سولاۋاتقانلىقى ھەققىدە خۇدسون ئىنستىتۇتىدا سۆز قىلغاندىن كېيىن، ھەدىسى گۈلشەن ئابباسنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ 5 يىلدىن بېرى تۈرمىدە يېتىۋاتقانلىقىنى، قېيىنئاتىسى ئابدۇلكەرىم زىكرۇللاھ ئىدرىس بۇ يىلنىڭ بېشىدا ۋاپات بولغاندا 7 ئايدىن كېيىن خەۋەر تاپالىغانلىقىنى، بۇ قېتىم قازاقىستانغا بارغاندا بەزى پائالىيەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىقىنى بايان قىلدى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان بېسىمى ۋە زىيانكەشلىكىگە ئەڭ كۆپ ئۇچرىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكادا نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى كىرىزىسقا دۇچ كەلدى، مېنىڭ ھەدەم بىلەن قېيىنئاتا ۋە قېيىنئاناملار شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى. ھالبۇكى بىزدىكى كۆپ ئىنسانلار ئوتتۇرىغا چىقىپ سۆزلەشتىن قورقىدۇ، چۈنكى ۋەتەندىكىلەرنىڭ تۇرمۇشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ، دەيدۇ» .
ئاخىرىدا روشەن ئابباس خانىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكىلەرگە خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن مەن سىلەرنى بارلىق ئامېرىكالىق ئۇيغۇرلارنى قوغداشقا چاقىرىمەن، بۇ چاقىرىق يازمىچە ۋە ئېغىزچە بەرگەن ئىسپاتلىرىم، سىياسىي تەكلىپلىرىم ئارقىلىق كۈچكە ئىگە بولسىكەن دەيمەن. دۇنيادىكى بارلىق ئۇيغۇرلار ھازىر ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بىۋاسىتە قۇربانلىرى. ھەدەمنى، قېرىنداشلىرىمنى ۋە مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى قوغداشلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيانى قوغداش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەتلىنىش لازىم. ئەگەر بىز بۈگۈن كوممۇنىست خىتايدىن ھېساب ئالمىساق، ئەتە بۇ ئىمكانىيەتتىنمۇ قۇرۇق قالىمىز» .