«8-مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى» ۋە خىتاينىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلانغان ئۇيغۇر ئاياللىرى

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىلمۇ «8-مارت ئاياللار بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان خەۋەرلىرىدە، خىتاي دۆلىتىدە ئاياللارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ تولۇق كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بازارغا سالماقتا. ھالبۇكى خىتاي ھۆكۈمرانلىقىدا ياشاۋاتقان ئاياللار بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە بولۇۋاتقانلىقى، يىللاردىن بۇيان خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە مۇستەقىل تاراتقۇلاردا دىققەت نۇقتىسى بولماقتا. 5-مارت كۈنى «زىمىستان» تورىدا رۇت ئىنگرام (Ruth Ingram) تەرىپىدىن يېزىلغان «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دىندار ئۇيغۇر ئاياللىرىغا ئاچقان ئۇرۇشى» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىنغان. ماقالە ئاپتورى رۇت ئىنگرام ئوتتۇرا ئاسىيا-كاۋكاز نەشرىياتى، ئۇرۇش ۋە تىنچلىق دوكلاتى ئىنستىتۇتى، «مۇھاپىزەتچىلەر ھەپتىلىك ژۇرنىلى» ، «دىپلومات» قاتارلىقلاردا ماقالە ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان تەتقىقاتچى بولۇپ، بۇ ماقالىسىدە ئۇ خىتاينىڭ زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ، بولۇپمۇ ئېتىقادلىق ۋە كۆپ پەرزەنتلىك ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ 2017-يىلى ئەۋجىگە چىققان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇندا ئاۋۋال لاگېرلارغا قامىلىش، كېيىن ئېغىرلىرىغا جازا ھۆكۈمى ئېلان قىلىنىپ تۈرمىلەرگە قامىلىش، يېنىكلىرىنىڭمۇ مەجبۇرىي تۇغماس قىلىنىش قاتارلىق تۈرلۈك جازالاشلارغا ئۇچرىغانلىقىنى تەپسىلىي بايان قىلغان. بۇ جەرياندا ئۇ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھۇجۇم نىشانى قىلىنغانلىقى ھەققىدە تەتقىقات دوكلاتلىرى ۋە خەۋەرلەردىن تولۇق پايدىلانغان.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئادرېئان زېنز قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدىكى دوكلاتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىدا بەرگەن گۇۋاھلىقلىرىدا، خىتاينىڭ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كەلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدا ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنىڭ ئەڭ ئېغىر بەدەل تۆلىگۈچىلەر بولغانلىقىنى تەكىتلىگەنىدى.

ئەمما خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مەركىزى تېلېۋىزىيەسى قاتارلىق ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى شى جىنپىڭنىڭ «8-مارت ئاياللار بايرىمى» نى تەبرىكلىگەنلىكىنى بەس-بەستە خەۋەر قىلغان بولۇپ، «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ 6-ۋە 7-مارت كۈنلىرىدىكى سانلىرىدا يەنە، ئاتالمىش «شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاياللىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانلىقى، ھەر قايسى ساھەلەردە خىزمەت قىلىش پۇرسەتلىرىگە ئېرىشىپ جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشۇۋاتقانلىقى» تەشۋىق قىلىنغان.

2017-يىلدىن باشلاپ «دىنىي ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش» نامىدا لاگېرلارغا قاماش دولقۇنىدا تۇتقۇن قىلىنىپ، بىر مەزگىل لاگېر ھاياتىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن لاگېر شاھىتلىرىدىن ئامېرىكىدىكى زۇمرەت داۋۇت، تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن خانىملار زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى تەشۋىقات خەۋەرلىرىنىڭ پۈتۈنلەي ئالدامچىلىق ئىكەنلىكىنى، ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇم سىياسىتىدە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھەر ۋاقىت زەربە ئوبيېكتى قىلىنغانلىقىنى ئۆز كەچمىشلىرى ئارقىلىق بايان قىلىپ ئۆتتى.

زۇمرەت داۋۇت خانىم ئالدى بىلەن، خىتاينىڭ تەشۋىقاتلىرىدا كۆرسىتىلگەن ئاتالمىش «ھەق-ھوقۇقلار» نىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا مەنسۇپ ئەمەسلىكىنى، ئۇلارنىڭ ھېچقاچان ئۆزلىرى تارتىۋاتقان زۇلۇملار ھەققىدە راست گەپ قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

زۇمرەت داۋۇت خانىم ئۆزى ۋە ئۆزىگە ئوخشاش نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مەجبۇرىي تۇغماس قىلىنىش، بالىلىرى مەجبۇرىي چۈشۈرۈۋېتىلىشتەك قىسمەتلەرگە يولۇققانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ نورمال ئايال بولۇپ ياشاش، ھەتتا تۇغۇش ئەركىنلىكىمۇ تارتىۋېلىنغان. ئۇ بىلىدىغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بالىلىرى مەجبۇرىي چۈشۈرۈۋېتىلىش قىسمىتىنى باشتىن كەچۈرگەن. ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرغا قامالغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئاتالمىش گۇناھى، ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى بولغانلىقى ياكى كۆپ پەرزەنتلىك بولغانلىقى. مەيلى لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇر ئاياللىرى بولسۇن ياكى لاگېر سىرتىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى بولسۇن، ئۇلار دۇچ كەلگەن پاجىئە ئوخشاشلا مەجبۇرىي تۇغماس قىلىنىش ۋە تېخى دۇنياغا كەلمىگەن پەرزەنتلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىش. زۇمرەت خانىمنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۇچراۋاتقان بۇ قىسمەتلەر، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىدە، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ پىلانلىق، سىستېمىلىق ھالدا، ئەڭ قەبىھ ئۇسۇلدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىنىڭ ئەڭ تىپىك مىساللىرى ئىكەن.

لاگېر شاھىتلىرىدىن تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «8-مارت ئاياللار بايرىمى» ئۇنىڭ خاتىرىسىدە ئەڭ زۇلمەتلىك بىر كۈن ئىكەن. ئۇ دەل 2018-يىل 8-مارت كۈنى ئۆزى تۇرۇشلۇق رايوندىكى ساقچىخانىغا چاقىرتىلغانلىقىنى ۋە 10-مارت كۈنى ئاتالمىش «تەربىيەلەش ئورنى» نامىدىكى لاگېرغا قامالغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

تۇرسۇنئاي خانىم ئەينى چاغدا ئۆزى بىلەن بىرلىكتە جازا لاگېرىغا قامالغان ئۇيغۇر، قازاق ئاياللىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، ئائىلىسى ۋە بالىلىرىدىن ئايرىۋېتىلىش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىنىش، خىتاي زاۋۇتلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچى قىلىنىشتىن باشقا، ئەڭ قەبىھ ۋاسىتىلەر ئارقىلىق جىنسى خورلۇققا ئۇچراۋاتقانلىقى، لاگېر سىرتىدىكى ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتاي ئەرلىرىگە تېگىشكە مەجبۇر قىلىنىۋاتقانلىقى قاتارلىقلارنى تىلغا ئالدى.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدا سىستېمىلىق ۋە قاراتمىلىق زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلار ئۇيغۇر ئاياللىرى بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەڭ قوغدىلىشقا موھتاج قىسمى بولغان ئاياللار ۋە بالىلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان. بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى قوغدىلىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، مىسلى كۆرۈلمىگەن خورلۇق ۋە قەبىھ مۇئامىلىگە ئۇچرىماقتا.