«خىتاي» تارىخىدا خىتاي خانىدانلىقلىرى كۈچەيگەن دەۋرلەردە، خىتاي ئىمپېراتورلىرىنىڭ قوشنا دۆلەتلەرنىڭ ئۆزلىرى بىلەن تىجارەت قىلىشىغا رۇخسەت بېرىش باھانىسى بىلەن ئۇلارنى ئىمپېراتورغا ئولپان تاپشۇرۇشقا مەجبۇر قىلغانلىقى ئېيتىلىدۇ. تارىخشۇناسلار ۋە خىتاينى كۆزەتكۈچىلەر «خىتاي ھۆكۈمىتىنى» قەدىمدىن ھازىرغىچە بۇ ئادالەتسىز ئولپان تۈزۈمىنى سۇيىئىستېمال قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئەلۋەتتە خىتاي باشتىن ئاخىرى ئۆزلىرىنى قۇدرەتلىك، باشقا ھەممە مىللەتلەرنى ئىدارە قىلغان، ھەممە ئۆزلىرىگە بېقىنغان دەپ قارايدۇ. بۇنداق بايانلارنى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بەزى ئىدىيەۋى ئەسەرلىرىدە كۆرگىلى بولىدىكەن.
تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئولپان تۈزۈمىنىڭ كېلىشى مەنبەسى ۋە خىتايدا ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ھەققىدە سۆز قىلىپ بۇ ئولپان تۈزۈمنىڭ خىتايغىلا خاس ئۇقۇم بولۇپلا قالماستىن قەدىمكى ھون ۋە تۈرك ئىمپېراتورلۇقلىرىدىمۇ خىتايدىن بۇرۇن ئولپان تۈزۈمنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى. ئۇ، بۇ تۈزۈمنىڭ خىتايدا 2000 يىلدىن كۆپ داۋام قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، «خىتايدا ئىمپېراتورلۇق كۈچەيگەن مەزگىلدە، قوشنا دۆلەتلەر خىتاينىڭ سىياسىي ئۈستۈنلۈكىنى قوبۇل قىلىپلا قالماستىن، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئىمپېراتورغا ئولپان تۆلەشكە مەجبۇر بولغان» دېدى.
خىتاينىڭ بۇ ئادالەتسىز سىستېمىنىڭ مەركىزىدە تۇرىدىغان ئۈستۈن دۆلەت ئىكەنلىكى، بىر قىسىم قوشنا دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن سودا قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا باش ئېگىپ، ئۇنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقى مەلۇم. پېنسىلۋانىيە شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقىي ئاسىيا تەتقىقاتى ئىنستىتۇتىنىڭ سابىق پىروفېسسورى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق ئەمەلدارى ۋىليام دايكىر (William Duiker) بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:
«خىتاي چېگراسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئولپان تاپشۇرۇشى ئۇ خانىدانلىقىنىڭ ئۆز چېگراسى ئەتراپىدا ئۆزىگە قارشى ياكى ياقتۇرمايدىغان دۈشمەن دۆلەت بولۇشىنى خالىمىغانلىقى ئۈچۈن بولغان. لېكىن ئۇلار ئولپان تۈزۈمى ئارقىلىق ھۆرمەتكە سازاۋەر بولدى ۋە پەرقلىق مەنپەئەتلەرگە ئېرىشتى. بولۇپمۇ، چېگرا بىخەتەرلىكىگە ئېرىشتى. خىتاي ئىستراتېگىيەلىك ھالدا ئولپان تۈزۈمىنى مۇشۇنداق سۇيىئىستېمال قىلدى. ئولپان تۈزۈمىنىڭ بىلىنمىگەن تەرىپى شۇكى، كىچىك ئولپان تاپشۇرغۇچى دۆلەت ئولپان تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلالمىسا، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ خىتاينى قوللايدىغان گەپ ئاڭلايدىغان بىرىنى تەيىنلەيتتى» .
بۇرۇن «خىتاي» نىڭ چېگراسىدىكى دۆلەتلەر خىتاي بىلەن تىجارەت قىلىش ۋە «ئىناق ياشاش» ئۈچۈن خىتاي ئىمپېراتورىغا ئولپان تاپشۇرۇشقا مەجبۇر بولغان بولسا، ھازىرقى كۈندىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئولپان تۈزۈمىنىڭ پەرقلىق شەكىلدە داۋام قىلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.
ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى شۇ قاراشتىكى تەتقىقاتچىلاردىن بولۇپ، ئۇ ئولپان تۈزۈمى، خانلىق تۈزۈمى قاتارلىقلا ھازىر ئىستراتېگىيەلىك ھالدا خىتاي ئالىملىرى تەرىپىدىن سۇيىئىستېمال قىلىنىپ خىتاينىڭ يەنى شى جىنپىڭنىڭ دۇنيانى باشقۇرۇش ۋە تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن نەزەرىيەۋى ئاساس ياراتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ۋىليام دايكىر بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرمۇ ئولپان تۈزۈمىنى سۇيىئىستېمال قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ خىتاينىڭ ئولپان تۈزۈمى بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى:
«ئېنىقكى ماڭا ئوخشاش كۆپلىگەن خىتاينى كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرمۇ ئولپان تۈزۈمىنى سۇيىئىستېمال قىلىدۇ دەپ قارايدۇ. خىتاي ئولپان تاپشۇرۇش سىستېمىسىنىڭ ئامىللىرىنى ئىشلىتىپ، بولۇپمۇ خىتاي غەربى رايون دەپ ئاتىغان جايلاردىكى ئۇيغۇر ۋە تاجىك قاتارلىق مىللەتلەر بىلەن بولغان دىپلوماتىيە سىياسىتىدە ئىشلىتىپ كەلگەن. خىتاي بۇ مىللەتلەرنىڭ كۆپ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. خىتاي ئولپان تۈزۈمىنى ۋە نورمال تىجارەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش باھانىسى بىلەن ئۇلارنى تىنچلاندۇرغان (باستۇرغان) . بۇ بولۇپمۇ، شەرقىي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئالاھىدە ھەققىدە گەۋدىلىك بولغان. تارىختىن بۇيان خىتاينىڭ شىمالىدىكى ۋە غەربىدىكى دۆلەتلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقى خىتاي ئۈچۈن سەزگۈر مەسىلە بولغان. نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتساق، ھازىر بۇ شىنجاڭدا بولۇۋاتقانلارمۇ خىتاينىڭ تارىختا يۈرگۈزگەن ئولپان تۈزۈمى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. »
جورجىتوۋىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، چىڭ سۇلالىسى، خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلى تارىخى تەتقىقاتچىسى جەيمىس مىللۋارد (James A. Millward) نىڭ قارىشىچە، ئولپان تۈزۈمىنىڭ بېشارەتلىرىنى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بەزى ئىدىيەۋى ئەسەرلىرىدىن كۆرۈلگىلى بولىدىكەن. ئۇ «بىر بەلباغ ۋە بىر يول» قاتارلىق تۈرلەردە ئۇنىڭ ئولپان تۈزۈمىنىڭ تەسىرى ۋە بېشارەتلىرىنىڭ ئېنىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.