خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى ئاتالمىش «شىنجاڭ تەشۋىقاتى» ۋە بىرلىك سەپ خىزمەتلىرى (2)

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2021.03.23
خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى ئاتالمىش «شىنجاڭ تەشۋىقاتى» ۋە بىرلىك سەپ خىزمەتلىرى (2) چېخ پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىسى، نۆۋەتتە مەخسۇس ئۇيغۇر رايونى ۋە خىتاي سىياسىتى ھەققىدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان ئاندىرى كىلىمەس ئەپەندى.
Social Media

چېخ پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىسى، نۆۋەتتە مەخسۇس ئۇيغۇر رايونى ۋە خىتاي سىياسىتى ھەققىدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان ئاندىرى كىلىمەس ئەپەندى ئالدىنقى ھەپتە تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئىككى پارچە ماقالە ئېلان قىلغان ئىدى.

جېيمىس توۋن فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئىلمىي ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان مەزكۇر ماقالىنىڭ بىرىنچى قىسمىدا ئاپتور خىتاينىڭ تۈركىيەگە قاراتقان سىياسىتىنى «ۋىرۇس دىپلوماتىيەسى» دەپ ئاتىغان. بىز بۇ ھەقتە ئالدىنقى پروگراممىمىزدا مەخسۇس توختالغان ئىدۇق. مەزكۇر ماقالىنىڭ ئىككىنچى قىسىمىدا بولسا خىتاينىڭ مەخسۇس تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى يوققا چىقىرىش ئۈچۈن ئىشقا سېلىۋاتقان بىرلىك سەپ سىياسىتى ۋە ئۇلارنىڭ تەشۋىقاتلىرى ھەققىدە توختالغان.

ماقالىدە: «خىتاي كومپارتىيەسى خىتاينىڭ دىپلوماتىيە ئاپپاراتلىرىدىن پايدىلانغاندىن باشقا يەنە تۈركىيەدە ھەر تۈرلۈك تەشۋىقات پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ‹شىنجاڭ› غا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرىدۇ. بۇ خىل تەشۋىقات خىزمەتلىرى تۈركىيەدىكى ئاممىۋى مۇنازىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن سىياسەتلىرىنى ‹قانۇنلۇق› دەپ تەشۋىق قىلىدۇ،» دېيىلگەن.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى ئەلچىخانىسى ۋە ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىنىڭ تور بېكەتلىرى ئاساسلىق تەشۋىقات قوراللىرى ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. تۈركىيەدە قۇرۇلغان «ئۇيغۇر سودىگەرلەر جەمئىيىتى» ۋە ھەر خىل بايرام باھانىسىدە ئەلچىخانا، كونسولخانىلارغا چاقىرىلىدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلىك سەپ تەشۋىقاتىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، خىتاي ئۇلارنى «خەلق دىپلوماتى» ۋە «خىتاينىڭ بۈيۈك گۈللىنىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم يېڭى قوشۇن» دەپ ھېسابلايدىكەن.

خىتاي تۈركىيەدىكى بەزى سىياسىي پارتىيەلەر ۋە سىياسىئونلار بىلەنمۇ يېقىن مۇناسىۋەت ئورناتقان. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى ئەڭ يېقىن سىياسىي ئىتتىپاقدىشى «ۋەتەن» پارتىيەسى ۋە بۇ پارتىيەنىڭ رەئىسى، خىتاينىڭ «شىنجاڭ سىياسىتى» نىڭ كۈچلۈك قوللىغۇچىسى دوغۇ پېرىنچەك ئىكەن.

تۈركىيە ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاي يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق تۈركىيەگە «ئۇيغۇرلار خۇشال، خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىكى خەۋەرلەر غەربنىڭ ئويۇنى» دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «خىتاي ھەتتا تۈركىيەنىڭ شەرقى تۈركىستانغا تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتسە بولىدىغانلىقىنى ئېيتىۋاتىدۇ. ئەمما تۈركىيە تەرەپتىن كىملەرنىڭ بېرىپ، خىتاي تەرەپتىن كىملەر بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى ھەققىدە بىرلىككە كېلەلمىگەچكە، تەكشۈرۈش تېخى ئەمەلىيلەشمىدى.»

ئاندىرى كىلىمەس ئەپەندى خىتاينىڭ چەت ئەللىك مۇخبىرلارنى ئۇيغۇر رايونىغا تەكلىپ قىلىپ ئىشلىگەن خەۋەرلىرىنى خىتاينىڭ «ئاخبارات ساياھىتى» دەپ ئاتىغان. ئۇ خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنى خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى ئاتالمىش «شىنجاڭ تەشۋىقاتى» ۋە بىرلىك سەپ خىزمەتلىرىنىڭ بىر تۈرى، دەپ كۆرسەتكەن.

ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «شىنجاڭنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا ‹شىنجاڭلىق› ئارتىسلارنى تەشكىللەش ئارقىلىق ‹ئاخبارات ساياھىتى› ئورۇنلاشتۇرۇش، ئاتالمىش ‹شىنجاڭ تەشۋىقاتى› ۋە بىرلىك سەپ خىزمەتلىرىنىڭ بىر تۈرىدۇر. بۇ زىيارەتلەردە ئالدىن تەييارلانغان سېنارىيە ئوينىلىدۇ. خەۋەرگە چىققان ئۇچۇرلار بولسا غەربنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان چۈشەنچىسىنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ. تۈركىيەنىڭ مۇخبىرلىرىمۇ مۇشۇ ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان سېنارىيەگە ئاساسەن تۈركىيە ئاخباراتلىرىدا خەۋەر يېزىشقا باشلايدۇ. نەتىجىدە خىتاينىڭ تەشۋىقاتلىرى تۈركىيەدە ئۈنۈمىنى كۆرسىتىشكە باشلايدۇ.»

ئاندىرى كىلىمەس ئەپەندى يەنە خىتاينىڭ ھەرخىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ئۆزىنىڭ سىياسىتىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنۇشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «چۈنكى ئۇيغۇر مەسىلىسى دۇنيادا ناھايىتى كۈچلۈك تەسىر قوزغىماقتا. بۇ تەسىر خىتاينىڭ تاشقىي سىياسىتى ۋە خەلقئارادىكى ئوبرازىغا خەتەر ئېلىپ كەلدى. بىر قانچە دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ ئېلان قىلدى. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرگە يۈرگۈزگەن سىياسىتى سەۋەبلىك خىتايغا تۇتقان پوزىتسىيەسى خىتاينىڭ مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان سالدى.»

2016-يىلىدىن باشلاپ خەلقئارا مەتبۇئاتلار لاگېرلار ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى ئاشكارىلاشنى داۋام قىلغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازى خۈنۈكلىشىشىكە باشلىغان. خىتاي دەرھال خەلقئاراغا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىغا لاگېرلارنى ئىنكار قىلىدىغان تەشۋىقاتلارنى كۈچەيتكەن. تەخمىنەن 50 مىڭ ئۇيغۇر ياشايدىغان تۈركىيە بولسا خىتاينىڭ ئاساسلىق تەشۋىقات نۇقتىسى بولغان.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئامېرىكادىكى زىيارىتىدىن كېيىن، 25-مارت تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدىكەن. تۈركىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشئوغلۇ زىيارەتنىڭ كۈنتەرتىپىدە ئىككى تەرەپلىك، رايون خاراكتېرلىك ۋە ياۋرو-ئاسىياغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر بارلىقىنى ئېيتقان.

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان تۈركىيە ۋە خىتاينىڭ دىپلوماتىيە ساھەسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى سۆھبىتى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «بۇ ئۇچرىشىشتا تۈركىيە-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ۋە تۈركىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا تۈزۈلگەن ‹جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى› نىڭ تۈركىيەدىكى ئەھۋالى ئاساسلىق تېمىلار بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر بۇ سۆھبەت كۆڭۈلدىكىدەك بولۇپ قالسا، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ بىۋاسىتە كۆرۈشۈش ئېھتىماللىقى بار.»

ئاندىرى كىلىمەس ئەپەندى ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارغا يۈرەك سۆزى بارلىقىنى ئېيتتى ۋە ئۇيغۇر تىلىدا مۇنداق دېدى: «تاما-تاما كۆل بولار، ھەممىمىز تىرىشايلى! ھەقىقەت ھامىنى غالىپ كېلىدۇ.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.