ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرىنىڭ رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدە ئاياللار تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان 32 ياشلىق ئالمىرە ئەركىن قەشقەردە لاگېرغا ئادەم تۇتۇشتا ئاكتىپ خىزمەت كۆرسەتكەن بىر ساقچى خادىمىنىڭ قىزى بولۇپ، ئۇ تۈركىيە كىنو فىلىمىنى كۆرگەنلىكىدەك ئاتالمىش جىنايىتى ئۈچۈن سوتقا تارتىلغاندا ساقچى دادىسىمۇ، يېقىن تۇغقانلىرىدىن بولغان-مەكىت ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى ئەنۋەر تۇرسۇنمۇ ئۇنى 10 يىللىق كېسلىشتىن قوغدىيالمىغان. مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقى دەلىللەندى.
2017-يىلدىن بۇيانقى چوڭ تۇتقۇندا، ئۇيغۇر رايونىدا ئەتىۋارلىنىپ خىزمەتكە سېلىنىۋاتقان ئەمەلدار ۋە خادىملارنىڭمۇ بىۋاسىتە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئېغىر جازالاردىن خالىي بولالمىغانلىقى كۆپلىگەن پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا چىقماقتا. رادىيومىزغا كەلگەن بىر ئىنكاستا بايان قىلىنىشىچە، ئەسلىدە قەشقەردىكى بىر دوختۇرخانىدا سېسترا بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئالمىرە ئەركىن، تۈركىيە كىنو فىلىمىنى قول تېلېفونىدىن كۆرگەنلىكى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇنىڭ تۇتۇلۇشىنى شۇ مەزگىلدە لاگېرغا ئادەم تۇتۇشتا ئەڭ ئاكتىپ خىزمەت كۆرسىتىۋاتقان، يەنى كېچىلىرى كىشىلەرنىڭ ئۆيىگە بېسىپ كېرىش، زوراۋانلىق بىلەن ئېلىپ مېڭىشتىكى غالجىرلىقى بىلەن تونۇلغان ساقچى دادىسىمۇ توسۇپ قالالمىغان. ئالمىرە سوتسىز ھۆكۈم بىلەن 10 يىللىق كېسىلگەندە، ئۇنىڭ قەشقەر ۋالىي مەھكىمىسىدىكى ھاممىسىمۇ ۋە بۇ ھاممىسىنىڭ مەكىتكە ھاكىم يولدىشى ئەنۋەر تۇرسۇنمۇ جازادىن قوغدىيالمىغان.
بىز ئىنكاستا قالدۇرۇلغان ئالاقە ئۇچۇرىغا ئاساسەن، ئالمىرەنىڭ دادىسى-مەزكۇر ئاكتىپ ساقچى خادىمىغا تېلېفون قىلدۇق. ئۇ ئۆزىنىڭ لاگېرغا ئادەم تۇتۇشتىكى ئاكتىپچانلىقىنى ماختىنىش بىلەن تىلغا ئېلىپ، دەسلەپكى بىر يىلدىلا 2000 چە كىشىنىڭ لاگېرغا ئاپىرىلىشىدا ئۆزىنىڭ سەپنىڭ ئالدىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ پەرزەنتلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى سورىغىنىمىزدا، قىزى ئالمىرەنىڭ ئۈرۈمچى ئاياللار تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقىنى دەلىللىدى. ئۇنىڭ دېىيىشىچىمۇ، ئالمىرە ئەركىن، تۈركىيە فىلىمىنى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان. ئەمما ئۇ قىزىنىڭ سوتى ئېچىلغان-ئېچىلمىغانلىقىدىن خەۋەرسىز قالغان، پەقەت قولىغا تەگكەن سوت ھۆكۈمىدىن قىزىنىڭ 10 يىللىق كېسىلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان. ئۇنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆزىنىڭ ئاكتىپچانلىقىنىڭ يۈز خاتىرىسى بولمىغاندىن كېيىن، قەشقەر ۋالىي مەھكىمىسىدىكى سىڭلىسى ۋە سىڭلىسىنىڭ يولدىشى-مەكىت ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى ئەنۋەر تۇرسۇندىن ياردەم كۈتكەن؛ ئەمما ئۇلارنىڭ ئەمىلىمۇ كارغا كەلمىگەن.
مەزكۇر ساقچى خادىمى قەشقەرنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ۋەكىللىرىنىڭ نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدە ئىكەنلىكى، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە قەشقەرگە كېلىدىغانلىقىدىن خەۋىرى بارلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە ئۆزى ۋە سەپداشلىرىنىڭ ب د ت ۋەكىللىرى كېلىشنىڭ ئالدىدا دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى قوغداش ھەققىدە ئاھالىلەرنى جىددىي ھالدا ئاگاھلاندۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. بىز ئۇنىڭدىن ئەگەر ب د ت ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ قالسا، قىزى ئالمىرەنىڭ ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىدىغان-قىلمايدىغانلىقىنى سورىغىمىزدا، بۇنى مۇمكىن بولسا دېمەيدىغانلىقى، ئەگەر دېيىشكە مەجبۇر بولۇپ قالسا، جازانى ھەقلىق دەپ ئىپادە بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ يەنە بىلدۈرىدىغان بۇ ئىپادىسىنىڭ سەمىمىي ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، قىزىنىڭ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە يۈز كېلەلمەيدىغان ئىش قىلىپ قويغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
ئۆزى بىر سابىق ساقچى ئائىلىسىدە چوڭ بولغان، نۆۋەتتە ياۋروپادا ياشاۋاتقان ئابلىمىت ئەپەندى، مەزكۇر ساقچى تىپتىكى ساقچى خادىملىرى ھەققىدە پىكىر بايان قىلىپ، خىتاي تەرەپكە شەرتسىز ساداقەتتىكى بۇ خىل ساقچىلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا بۇرۇندىنلا بەلگىلىك ساندا مەۋجۇت ئىكەنلىكى، ئەمما كۆپىنچىسىنىڭ 2009-يىلدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» دىن دەرس ئېلىپ ئۆزگەرگەنلىكىنى بايان قىلدى. بۇ خىل كىشىلەرنىڭ ھېلىھەم مەۋجۇتلۇقىدىن ئەجەپلەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئابلىمىت ئەپەندى، خىتاي تەرەپنىڭ ساقچى قوبۇل قىلىشتا، ئەقلىي ۋە ئەخلاقىي سۈپىتىنى ئەمەس، ئۆزلىرىگە ساداقىتىنى بىرىنچى شەرت قىلغىنى ئۈچۈن، غەيرىي ئىنسانىي ئىجرائاتلىرىنى ئوڭۇشلۇق ھالدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئابلمىىت ئەپەندى، ساقچى خادىملىرى ئىچىدىكى زور بىر تۈركۈمىنىڭ چارىسىزلىق ئىچىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتسە، يۇقىرىقىدەك شەرتسىز ساداقەتمەن ساقچىلاردىن خىتاي تەرەپنىڭ ھەم رايوندىكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە ھەم تەشۋىقات ئىشلىرىدا ئۈنۈملۈك پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.