2024-يىلى كىرىشى بىلەن تەڭ ئىستانبۇلدىكى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكى يىغىن چاقىرىپ، 2023-يىللىق خىزمەت-پائالىيەتلىرىنى خۇلاسىلەپ 2024-يىللىق خىزمەت پىلانى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.
4-يانۋار پەيشەنبە كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلدىكى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 2023-يىللىق خۇلاسە دوكلاتى يىغىنى ئېچىلدى ۋە 2024-يىللىق يېڭى خىزمەت پىلانلار توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.
يىغىنغا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكىنىڭ ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىرى، جامائەت ئەربابلىرى، دىنى ئۆلىمالار، زىيالىيلار ۋە تەشكىلات مەسئۇللىرىدىن تەركىب تاپقان بىرلىكنىڭ كېڭەيتىلگەن ئالىي كېڭەش ھەيئىتى ئەزالىرى بولۇپ 100 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.
بىرلىكنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆز قىلىپ خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكىنىڭ 2023-يىللىق خىزمەت-پائالىيەتلىرى توغرىسىدا دوكلات بەردى ۋە بىرلىكنىڭ غايە-مەقسەتلىرىنى تەكىتلىدى.
ئۇ سۆزىدە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكىنىڭ ئاساسلىق كۈچىنى تۈركىيە ۋە تۈركىيە سىرتىدىكى دۆلەتلەردە لوبىيچىلىك پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشقا قاراتقانلىقى، خەلق دىپلوماتىيەسى پىلانى بويىچە ئىسلام دۇنياسى ۋە بىر قىسىم ئاسىيا دۆلەتلىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكىنىڭ تاشقى سىياسەتتىكى ئىستراتېگىيەسىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ بىرلىكىمىزنىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتى ئاساسىدا ئېلىپ بارىدىغان ئىستراتېگىيەسى ئاساسەن تاشقى ئىشلارغا، دىپلوماتىيە سىياسىتىگە كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، كۈچنىڭ 80% قىسمىنى تۈركىيە سىرتىدا ئىسلامىي قىممەت قاراش بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ بايراقنى خەلقئارالاشتۇرۇش، قانۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت دائىرىمىزنى بىرىنچى بولۇپ ئىسلام دۇنياسىدا كېڭەيتىش ۋە ئۇنىڭدىن باشقا غەرب ۋە شەرقتە بىزنىڭ چامىمىز يەتكەن ھەر قايسى ئەللەردە مۇشۇ شوئارنى ناھايىتى دادىل ۋە ئوچۇق شەكىلدە كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈپ بۇنى قوللايدىغان دۆلەت ۋە تەشكىلات-پارتىيلەرنىڭ ھىمايىسىگە ۋە ئۇلارنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىشىگە ئېرىشىشنى ئاساس قىلغان بىر سىياسەتكە يۈزلىنىدىغانلىقىمىزنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدۇق. ئاللاھقا شۈكۈرلەر بولسۇن، بىرلىكىمىز بىرىنچى دەرىجىدە ئومۇمىي غەرب ۋە شەرقنى ئاساس قىلغاندا مۇشۇ چۈشەنچىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئارقىلىق خەلقئارالىق بىر ھەرىكەت دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئېلىپ باردۇق، خۇسۇسەن ئىسلام دۇنياسى ۋە بىزنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە خىتاي تېررىتورىيەسىنى چۆرىدىگەن بىر ئىستراتېگىيەگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە، مالايسىيا، ھىندۇنېزىيە، فىلىپپىن، ياپونىيە، ھىندىستان، پاكىستان ۋە تۈرك دۇنياسى ئاساس قىلىندى».
ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە يەنە، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكىنىڭ تاشقى ئالاقە ۋە سىياسىي ھەرىكىتىدە، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى، مالايسىيا ۋە پايونىيە قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەردىكى مۇناسىۋەتلىك شەخس ۋە دۆلەت ئورگانلىرى بىلەن كۈچلۈك بىر مۇناسىۋەت قۇرۇپ كەلگەنلىكىنى ھەم ئۇلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى، مالايسىيانىڭ پايتەختى كۇئالالۇمپۇردا «ئۇيغۇر مالايشىيا مۇناسىۋەتلىرى» نامدا بىر تەشكىلات قۇرۇلغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مەزكۇر دۆلەتلەردە خەلقئارالىق يىغىن ۋە پائالىيەتلەر ئۇيۇشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە «مالايشىيا، ھىندونېزىيە، پايونىيە، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئىزچىل ھالدا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشكە تىرىشىمىز»، دېدى.
خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇرېشىت ئىمىن رىياسەتچىلىك قىلغان بۇ يىغىندا يەنە بىرلىكنىڭ 2023-يىللىق خىزمەت-پائالىيەتلىرى تونۇشتۇرۇلغان ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى.
يىغىندا ئابدۇرېشىت ئىمىن سۆز قىلىپ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ بىر تەرەپتىن ياشلارنى تەربىيىلەش كۇرسلىرى ئورۇنلاشتۇرۇپ ياشلارنى يېتىشتۈرۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر ياشلىرىنى دەۋا سېپىگە قوشۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ جەھەتتە ھازىر كۆرۈنەرلىك نەتىجە قازانغانلىقىنى، دەۋا ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدىغان ياشلار قوشۇنىنىڭ مەيدانغا چىققانلىقىنى تەكىتلىدى.
يىغىندا، بىرلىكنىڭ كېڭەش ھەيئىتى ئەزالىرى 2024-يىللىق ئېلىپ بارماقچى بولغان خىزمەت-پائالىيەتلەر توغرىسىدىكى تەكلىپ ۋە پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بىرى قىسىم ئەربابلار سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىشى كېرەكلىك دەپ قارالغان مۇھىم خىزمەت نۇقتىلارنى تەكىتلىدى ۋە تەنقىد ۋە تەكلىپلىرىنى سۇندى.
بىرلىكنىڭ تەپتىش ھەيئىتى ئەزاسى ئابدۇسالام ئالىم بىر قىسىم تەنقىدى پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ خىزمەت-پائالىيەتلەردە ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.
بىرلىكنىڭ كېڭەش ئەزاسى بۇرھان قاۋۇنجى ئەپەندى تەكلىپ سۇنۇپ، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ كەلگۈسى ئىز-باسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن مەخسۇس پروگرامما تەييارلاش ۋە ئۇلارنى كىچىكىدىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلى، مەدەنىيىتى ۋە تارىخى بىلەن تونۇشتۇرۇش كېرەكلىكىنى، بۇ جەھەتتە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ئىگە چىقىدىغان ئاڭ-چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.