خوڭكوڭلۇق نامايىشچىلار: «ئۇيغۇرلاردەك كۈنگە قالماسلىق ئۈچۈن قارشىلىقىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز!»

0:00 / 0:00

خەلقئارادىكى مۇستەقىل تاراتقۇلارنىڭ خوڭكوڭدىن بەرگەن نەق مەيدان خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندىن بۇيان خوڭكوڭلۇقلارنىڭ نارازىلىق نامايىشى ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئارىسىدىكى توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كەتكەن. ساقچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتلارغا بېسىپ كىرىپ، ياش ئوقۇغۇچىلارنى تۇتقۇن قىلىش ۋەقەلىرى بارغانچە كۆپەيگەن.

ئىگىلىنىشىچە، 11-نويابىر دۈشەنبە كۈنى خوڭكوڭ ساقچىلىرى خوڭكوڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا باستۇرۇپ كىرىپ، ئوقۇغۇچىلارنى تۇتقۇن قىلغان. ۋەقەدىن كېيىن خوڭكوڭدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇش توختىغان.

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى، «ئامېرىكا ئاۋازى» قاتارلىق ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خىتايچە بۆلۈملىرىنىڭ 14-نويابىر خوڭكوڭدىن بەرگەن نەق مەيدان خەۋەرلىرىدە ساقچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتلارغا كىرىپ ئوقۇغۇچىلارنى تۇتقۇن قىلىۋاتقانلىقى، بۇنىڭغا قارىتا خوڭكوڭلۇق ئوقۇغۇچىلارمۇ تەدبىر ئېلىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان. خەۋەردە يەنە ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ ئىچىدە ۋە خوڭكوڭدىكى بەزى ئاساسلىق كوچىلاردا ساقچىلارنىڭ ھۇجۇملىرىغا قارشى ئۆزلىرىنى قوغداش ئۈچۈن مۇداپىيە توساقلىرىنى ياسىغان.

تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان نامايىشچى ئوقۇغۇچىلار يەنە ساقچى دائىرىلىرىنىڭ تۇتقۇنى داۋاملىشىۋاتقان ئەھۋالدىمۇ ئۆزلىرىنىڭ نامايىشنى داۋاملاشتۇرۇشىغا خوڭكوڭنىڭ دېموكراتىيەسىنى قوغداش ئارزۇسىنىڭ سەۋەپ بولىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

12-نويابىر كۈنى «ئاتلانتىك خەۋەر تورى» دا ئېلان قىلىنغان خوڭكوڭ ھەققىدىكى ماقالىدە خوڭكوڭلۇق نامايىشچىلارنىڭ تىلى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدە «ئۇيغۇرلارنىڭ كۈنىگە قالماسلىق ئۈچۈن قارشىلىقنى داۋاملاشتۇرۇش» ئىرادىسى ئىپادىلەنگەن.

مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئوقۇغۇچىلار ئاۋۋال ئۆزلىرىنىڭ ھەر ۋاقىت تۇتقۇن قىلىنىشىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نارازىلىق نامايىشىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىسىنى ئىپادىلەپ، مۇنداق دېگەن: «بىز قورقىمىز، ئەمما بۇ بىزنىڭ ئاخىرقى پۇرسىتىمىز. ئەگەر بىز تىك تۇرالمىساق، بەرداشلىق بېرەلمىسەك، بىزنىڭ، يەنى خوڭكوڭنىڭ خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن ھېچقانداق پەرقى قالمايدۇ.»

نامايىشچىلاردىن بىرى مۇخبىرغا ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىدىن ئالغان تەسىراتىنى ئىپادىلەپ، مۇنداق دېگەن: «ئۆتكەن بىر نەچچە ئايدا بىز ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلىدۇق. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر خوڭكوڭدىمۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا ئوخشاش مودېلنى تىكلەشكە، ئوخشاش يوسۇندا باستۇرۇشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ. ئەمما بىز خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىن ئالغان ساۋىقىمىز دەل بۇنىڭ ئەكسىچە يول تۇتۇشتۇر. يەنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قارشىلىق قىلىشتۇر. چۈنكى سىز مەغلۇپ بولسىڭىز، يەنى ئارقىغا چېكىنسىڭىز، خەلقىڭىزگە ئاپەت ئېلىپ كېلىسىز، دۇنيامۇ سىز بىلەن كارى بولمايدۇ.»

خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن جېسسىكا ئىنگىخام خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خوڭكۇڭلۇقلارنىڭ دېموكراتىيەنى تەلەپ قىلىش نامايىشىنىڭ زوراۋانلىق بىلەن باستۇرۇلۇشىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە ئۆز خەلقىگە قاراتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىلىكىنىڭ نەقەدەر ئېغىرلىقىنى دۇنياغا تونۇتقانلىقىنى بىلدۈردى.

جېسسىكا خانىم مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، خوڭكوڭدىكى بۇ قېتىمقى نارازىلىق نامايىشىنىڭ يەنە بىر مۇھىم تەرىپى شۇكى، بۇ نامايىش غەرب دۆلەتلىرىنى خىتايدا دەپسەندە قىلىنىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە نىسبەتەن يېڭىچە بىر تونۇشقا ئىگە قىلدى. ئىلگىرى ئۇيغۇر ۋە تىبەت ۋەزىيىتى ھەققىدە كۆپ ئەھۋاللار ئاڭلىتىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلىي ماتېرىياللار ئاز ئىدى. خوڭكوڭدىكى باستۇرۇش ھەقىقەتەنمۇ كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا يۈز بەردى. ھازىر بۇنداق پاكىتلار، يەنى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان مەسىلىلەر يۈز بەرگەن ئىكەن، بۇ ئەھۋاللار تاشقىي دۇنياغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى ياكى خىتاينىڭ ئىچكىي ئۆلكىلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى تونۇپ يېتىش پۇرسىتى بېرىدۇ، دەپ قارايمەن.»

تەيۋەن شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، ئادۋوكات خې چاۋدۇڭ ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خوڭكوڭ ۋەزىيىتى كەسكىنلىشىۋاتقان شارائىتتىمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ نامايىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

ئۇ ئالدى بىلەن ساقچىلارنىڭ خوڭكوڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغۇچىلارنى تۇتقۇن قىلىش قىلمىشلىرىنى ئەيىبلەپ، مۇنداق دېدى: «خوڭكوڭدىكى ساقچىلار ئۇنىۋېرسىتېتلارغا بېسىپ كىرىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى تۇتقۇن قىلىۋاتىدۇ. بۇ بەك ئېغىر بىر ئەھۋال. ئىلگىرى تەيۋەندىمۇ ‹28-فېۋرال نارازىلىق نامايىشى› نى باستۇرۇشتا ئوخشاش ئەھۋاللار يۈز بەرگەن ئىدى. ئەمما ھازىر خوڭكوڭ ساقچىلىرى مەكتەپ دائىرىلىرىنىڭ رۇخسىتىسىز مەكتەپكە باستۇرۇپ كىرىپ، ئوقۇغۇچىلارنى تۇتقۇن قىلىۋاتىدۇ. بۇ قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان بىر ئىش. شۇڭا تەيۋەندىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردىمۇ خوڭكوڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى قوللاش ھەركىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.»

خې چاۋدۇڭ ئەپەندى يەنە خوڭكوڭلۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ نامايىشنى داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىسىنىڭ بۇ قەدەر كۈچلۈك بولۇشىغا نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنىڭ تەسىر كۆرسەتكەنلىكى، ئۇلارنىڭ خوڭكوڭنىڭ تەقدىرىنىڭ ئۇيغۇرلاردەك ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەۋاقتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ قارىشىمچە، خوڭكوڭ مەسىلىسى بىلەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئەمەلىيەتتتە ئوخشاش مەسىلە. بۇلارنى خىتاينىڭ ئىچكىي مەسىلىسى دەپ قاراشقا بولمايدۇ. ئۇيغۇرلار، يەنى شەرقىي تۈركىستان ئەسلىدىنلا بىر مۇستەقىل دۆلەت. خوڭكوڭ بولسا 1997-يىلدىن كېيىن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلدى. خىتاي ئۇلارغا ‹بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم› ۋەدىسىنى بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما 30 يىل توشمايلا خىتاي خوڭكوڭنىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇندى. ھازىر خىتاي خوڭكوڭغا ئەسكەر كىرگۈزمىگەندەك كۆرۈنۈش ياساۋاتىدۇ. يەنى خوڭكوڭ ساقچىلىرى ئارقىلىق نامايىشچىلارنى باستۇرۇۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋال ئەلۋەتتە خوڭكوڭلۇق ئوقۇغۇچىلارنى ئەنسىرىتىۋادۇ. ھازىر شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتالمىش ‹قايتا تەربىيىلەش مەركەزلىرى›، يەنى لاگېرلاردا 3 مىليون كىشىنىڭ قامالغانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا. ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدىن رايوندىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ داۋاملىق كېڭەيتىلىۋاتقانلىقىنى بىلىۋاتىمىز. بۇنداق ئەھۋالدا ئىلگىرى ئەنگىلىيەنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان خوڭكوڭدەك بىر جايدا ساقچىلارنىڭ قانۇنى بۇزۇپ ئادەم تۇتۇشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى بۇ جايدىمۇ يۈرگۈزۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا خوڭكوڭلۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەندشىسىمۇ دەل مۇشۇ سەۋەپتىن بولىۋاتىدۇ.»