پائالىيەتچىلەر خىتاينىڭ ئىيۇلدا خوڭكوڭدا ئېلىپ بارغان زور تۇتقۇنىغا قاتتىق ئىنكاس قايتۇردى

0:00 / 0:00

30-ئىيۇن خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭ ھەققىدە «خوڭكوڭ خەۋپسىزلىك قانۇنى»، يەنى «خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنىنىڭ خوڭكوڭ نۇسخىسى» نى ماقۇللىدى شۇنداقلا بۇ قانۇننىڭ 1-ئىيۇلدىن باشلاپ خوڭكوڭدا ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 1-ئىيۇل كۈنى 30 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئىوڭكوڭدا كوچىغا چىقىپ، «خوڭكوڭغا ئەركىنلىك» دېگەندەك نارازىلىق شوئارلىرىنى توۋلاپ نامايىشى قىلغان. شۇ كۈنى نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن.

نامايىشتىن كېيىن خوڭكوڭلۇق پائالىيەتچى جېسسىكا ئىنگىخام خانىم رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

جېسسىكا خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭدا يولغا قويۇشنى قارار قىلغان «خوڭكوڭ خەۋپسىزلىك قانۇنى» نىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئەينى ۋاقىتتا خوڭكوڭلۇقلارغا ۋەدە قىلغان «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم» سىياسىتىنىڭ ساختا نىقابىنى ئېچىپ تاشلىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ 1-ئىيۇل خوڭكوڭدا ئېلىپ بېرىلغان زور كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشىدا تۇتقۇن قىلىنغانلار ھەققىدە ئۆزى بىلگەن ئەھۋاللارنى ئاڭلاتتى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئايلاردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان خوڭكوڭلۇقلارنىڭ دېموكراتىيە، ئەركىنلىك تەلەپلىرى نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويماقچى بولغان «خوڭكوڭ خەۋپسىزلىك قانۇنى» غا خىلاپ دېگەن باھانىلەردە قاتتىق باستۇرۇلۇشقا باشلىغان. پەقەت 1-ئىيۇل كۈنىدىكى نارازىلىق تۇتقۇن قىلىنغانلار 300دىن ئاشقان. ئۇلاردىن 10 كىشىگە دەل مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلدى دېگەن جىنايەتلەر ئارتىلغان.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 1-ئىيۇل كۈنىلا ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلار370 تىن ئاشقان.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى تارقاتقان خەۋەرلەردە خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى شوئار توۋلىغان، خىتاي دۆلىتىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىگە قارشى لەۋھە-پىلاكاتلارنى ئېلىپ يۈرگەنلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى خەۋەر قىلىندى. مەلۇم بولۇشىچە، تۇتقۇن قىلىنغان بىرەيلەننىڭ سومكىسىدىن خوڭكوڭغا مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىنغان پىلاكات چىققانلىقى ئۇنىڭ «خوڭكوڭ خەۋپسىزلىك قانۇنى» غا خىلاپلىق قىلغان جىنايى پاكىتى قىلىنغان ئىكەن.

خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش «خوڭكوڭ خەۋپسىزلىك قانۇنى» ئېلان قىلىنىشى بىلەنلا بۇ قارار ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان ئىدى. 30-ئىيۇن كۈنى ئامېرىكا يەنە بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكانىڭ خوڭكوڭغا قاراتقان ئالاھىدە سىياسىتىنى توختاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو 1-ئىيۇل كۈنى خوڭكوڭ ھەققىدىكى باياناتىدا بېيجىڭنىڭ خوڭكوڭ ھەققىدىكى قارارلىرىنى يولغا قويغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭغا قاراتقان ئالاھىدە ئىمتىيازلىرىنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 1-ئىيۇل كۈنى خوڭكوڭدا ئېلىپ بارغان تۇتقۇنىدىن كېيىن ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى يەنە يېڭى باياناتلار ئېلان قىلىپ، تۇتقۇن قىلىنىش خەۋپىدىكى خوڭكوڭلۇق پائالىيەتچىلەرگە سىياسىي پاناھلىق بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدە يېڭى قانۇن بەلگىلىمىلەرنىڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. 1-ئىيۇل كۈنى بۇ ھەقتە توختالغان نەنسى پېلۇسې خانىم باياناتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭدا «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم» سىياسىتىنى ئاياغلاشتۇرغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن شۇنداقلا ئامېرىكانىڭ «خوڭكوڭ قانۇن لايىھەسى» نىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە بىردەك ئاۋازدىن ئۆتۈپ، پرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ئىمزا قويۇشىغا سۇنۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

جېسسىكا ئىنگىخام خانىم «خوڭكوڭ خەۋپسىزلىك قانۇنى» ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ خوڭكوڭنىڭ دېموكراتىك ھەرىكەتلىرىنى قوللاش پوزىتسىيەسىنى ۋە چەتئەللەردىكى تىبەت، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ خوڭكوڭلۇقلارنى قوللاش ھەققىدىكى چاقىرىق باياناتلىرىنى مەدھىيەلىدى.

ئۇ ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ خوڭكوڭدا تۇتقۇن خەۋپىدە تۇرۇۋاتقان پائالىيەتچىلەرگە سىياسىي پاناھلىق بېرىش ھەققىدىكى قارارى ھەققىدە توختىلىپ، بۇنىڭ خوڭكوڭدا ئايلاردىن بۇيان ئۆز ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئېلىنغان ئەمەلىي قارار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

جېسسىكا خانىم يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «خوڭكوڭ خەۋپسىزلىك قانۇنى» ئىجرا قىلىشى، خوڭكوڭدا «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم» سىياسىتىنىڭ بەربات بولغانلىقىنىڭ ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەركىنلىك، دېموكراتىيە تەلەپ قىلغان خوڭكوڭلۇقلارغا باشقا تاللاش يولى قويمىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

جېسسىكا خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۇتقۇنىدىن قېچىپ خوڭكوڭدىن ئايرىلغان، غەرب دۆلەتلىرىدە پاناھلىنىشقا مەجبۇر بولغان خوڭكوڭلۇقلار بۇندىن كېيىنمۇ كۈرەشنى داۋام قىلىدىكەن. ئۇلار غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئەركىنلىك ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خىتايدا دېموكراتىيە تەلەپ قىلىۋاتقان بارلىق تەشكىلاتلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، خوڭكوڭنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىدىكەن.

گوللاندىيەدىكى ئاسىيە ئۇيغۇر خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «خوڭكوڭ خەۋپسىزلىك قانۇنى» نىڭ خوڭكوڭدا ئىجرا قىلىنىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭغا ۋەدە قىلغان «خوڭكوڭدا ‹بىر دۆلەتتە ئىككى خىل دۆلەت تۈزۈم› سىياسىتى 50 يىلغىچە ئۆزگەرمەيدۇ» دېگەن ئالدامچىلىق نىقابىنىڭ 23 يىلدىلا ئېچىۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئاسىيە خانىم يەنە خوڭكوڭنىڭ كەلگۈسى ۋەزىيىتى ۋە خوڭكوڭدا دېموكراتىيە تەلەپ قىلىپ كۈرەش قىلغان پائالىيەتچىلەرنىڭ بۇندىن كېيىنكى تاللىشى ھەققىدىمۇ توختالدى.

ئاسىيە خانىم بايانىدا نۆۋەتتىكى كەسكىن ۋەزىيەت تۈپەيلىدىن خوڭكوڭلۇقلار گەرچە ۋاقتىنچە خوڭكوڭدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ چەتئەللەردە كۈرەش قىلىۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەت پائالىيەتچىلىرى سېپىگە قوشۇلۇپ، خىتايغا قارشى زور بىرلىكسەپ قوشۇنى ھاسىل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.