19-نويابىر چۈشتىن كېيىن ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا «خوڭكوڭ كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نىڭ تەستىقتىن ئۆتكەنلىكى ئېلان قىلىندى.
مەزكۇر قانۇن لايىھەسىدە خوڭكوڭلۇقلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىدا مەسئۇلىيىتى بار بولغان خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى بىلەن خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ ئەمەلدارلىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش، رايوننىڭ ئالاھىدە سودا ئىمتىيازىنى ھەر يىلى سىستېمىلىق كۆزدىن كەچۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
مەزكۇر قانۇن لايىھەسىدە خوڭكوڭنىڭ سودا-سانائەت ۋە ئېكسپورت ساھەسىگە ئىلگىرى ئامېرىكا تەرىپىدىن بېرىلگەن ئېمتىيازلار بىلەن خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقى ئېتىراپ قىلىنغان مەزمۇنلار يەر ئالغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە «ئامېرىكانىڭ خوڭكوڭ سىياسىتى قانۇنى» غا ئۆزگەرتىش كىرگۈزىش ھەققىدىكى كونكىرېت مەزمۇنلارمۇ بار ئىكەن.
20-نويابىر كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ يەرلىك ھۆكۈمىتى، خىتاينىڭ «خەلق گېزىتى»، شىنخۇا ئاگېنتلىقى قاتارلىق ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ئارقا-ئارقىدىن نارازىلىق باياناتلىرى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكانى «خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش» بىلەن ئەيىبلىدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ 20-نويابىر نارازىلىق باياناتى ئېلان قىلىپ، مۇنداق دېگەن: «بۇ قانۇن لايىھەسى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى، خوڭكوڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە باياشاتلىقىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنغان. بۇ قانۇن لايىھەسى يەنە جۇڭگوغاغا قارشى ئەسەبىي ۋە زوراۋان كۈچلەرنى جاسارەتلەندۈرۈشنى نىشان قىلغان.»
خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتىدا ئامېرىكاغا قارشى نارازىلىق بىلدۈرۈلۈپ، مۇنداق دېيىلگەن: «بۇ خوڭكوڭ-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىگە شۇنداقلا ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئەتلىرىگە زىيان يەتكۈزىدۇ.»
خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكانى «خوڭكوڭنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشتى» دەپ بىئارام بولۇۋاتقان بىر مەزگىلدە ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق تاراتقۇلاردىن «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» 16-نويابىر كۈنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلارغا ئائىت 403 بەتلىك مەخپىي ھۆججىتىنى ئاشكارىلىدى. مەزكۇر خەۋەردە مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشىدا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بىۋاسىتە قولى بارلىقى خىتاينىڭ مۇتلەق مەخپىي ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرى بىلەن ئىسپاتلىنىشى خىتاينىڭ تېخىمۇ نېرۋىسىنى ئۆرلەتتى.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ئامېرىكىنىڭ خوڭكوڭ ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسىنىڭ خىتاينى بۇ قەدەر بىئارام قىلىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.
خۇ پىڭ ئەپەندى ئالدى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكانى «خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشتى» دەپ ئەيىبلىشىنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوقلۇقىنى، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ «خوڭكوڭ كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نى تەستىقلىشىنىڭ ئامېرىكانىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشتىن ئىبارەت قىممەت قارىشىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي ئامېرىكانى ‹خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشتى› دەپ ئەيىبلەۋاتىدۇ. بۇ خىتاينىڭ ئادەتلەنگەن سۆزى. بۇ خىل ئەيىبلەش پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. چۈنكى ئامېرىكانىڭ ‹خوڭكوڭ كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى› نى تەستىقلىشى ياكى شىنجاڭ مەسىلىسى ھەققىدە قارار چىقىرىشىنىڭ ھەممىسىنى ئەمەلىيەتتە ئامېرىكانىڭ ئىچكىي ئىشى دېيىشكە بولىدۇ. مەسىلەن ئالايلۇق، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغان ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ ئەمەلدارىغا ئامېرىكاغا كىرىش ۋىزاسى بەرمەسلىك پۈتۈنلەي ئامېرىكا ھۆكۈمەتىنىڭ قارارى بىلەن بولىدۇ. ئامېرىكانىنىڭ خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا بەرمەسلىكى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق ھىسابلانمايدۇ. بۇ ناھايىتى ئاددى بىر ئۇقۇم. ئۇندىن باشقا ئامېرىكانىڭ خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىشى ياكى خوڭكوڭغا قاراتقان سودىدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىگە قاراپ چىقىشى ئامېرىكانىڭ نورمال دۆلەت سىياسىتى. شۇڭا بۇ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشقانلىق ھېسابلانمايدۇ، دەپ قارايمەن.»
خۇ پىڭ ئەپەندى يەنە 16-نويابىر كۈنى «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» دە ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلارغا ئائىت 403 بەتلىك مەخپىي ھۆججەتنىڭ ئاشكارىلىنىشىنىڭ خىتاينى بىئارام قىلىشىدىكى سەۋەب ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.
ئۇ سۆزىدە ئىككى يىلدىن بۇيان ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى قاتارلىق خەلقئارا تاراتقۇلاردا شاھىتلارنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشى بىلەن دۇنياغا مەلۇم بولغان ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار ھەققىدىكى ئەھۋاللارنىڭ ئەمدىلىكتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆججەتلىرى ئارقىلىق يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «‹نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى› ئېلان قىلغان ماتېرىياللارنىڭ ھەقىقىي پاكىتلار ئىكەنلىكى ئېنىق تۇرۇپتۇ. بۇ مەسىلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ پۈتۈنلەي ئىنكار قىلالمىدى. خىتاي ئامېرىكىنى بۇ ھۆججەتلەرنى ئەسلىدىكى تولۇق ھۆججەتلەردىن كېسىپ ئېلىش ئارقىلىق ھۆججەتلەرنىڭ ئەسلى كونتېكىستىنى بۇرمىلاپ، يامان غەرەزدە تەشۋىق قىلدى دەپ ئەيىبلەۋاتىدۇ. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھۆججەتلەرنىڭ تولۇق نۇسخىلىرىنى ئاشكارىلاشقا جۈرئەت قىلالمىدى. شۇڭا خىتاي ئەمەلىيەتتە بۇ ماتېرىياللارنىڭ راستلىقى ۋە ئىشەنچلىكلىكىنى ئېتىراپ قىلدى دېسەكمۇ بولىدۇ. بۇ ئەھۋاللار ئىلگىرى تاراتقۇلاردا ۋە گۇۋاھچىلار ئارقىلىق ئاشكارىلىنىپ بولغان ئىدى. ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان ئېتنىك قىرغىنچىلىقىنى بۇنىڭدىنمۇ دەھشەتلىك دېسەك ئاشۇرۇۋەتكەن بولمايمىز. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆججەتلىرىدە ئۆزى سىياسىتىنى پەردازلاپ كۆرسىتىش ئادەتكە ئايلانغان. ئەينى ۋاقىتتىكى ناتسىستلار گېرمانىيەسىمۇ يەھۇدىيلارنى قىرغىن قىلغان چاغدا ‹يەھۇدىيلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى ئاخىرقى قارار› دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتكەن. خىتايمۇ ھازىر ئوخشاش ئۇسۇلنى قوللىنىۋاتىدۇ. شۇڭا لاگېرلارغا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنىڭ ئاشكارىلىنىشى خىتاينى بىئارام قىلىۋاتىدۇ ۋە نارازى قىلىۋاتىدۇ.»
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «خوڭكوڭ كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نىڭ ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدىن ئۆتۈشى ۋە «نيو-يورك ۋاقىت گېزىتى» دە ئاشكارىلانغان ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلارغا ئائىت 403 بەتلىك مەخپىي ھۆججەتلەر ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكانى يالغانچىلىق بىلەن ئەيىبلىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنىڭ دۇنياغا ئاشكارىلىنىشىدىن قورقۇۋاتقانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
ئېلشات ھەسەن ئەپەندى زىيارىتىمىز ئاخىرىدا يەنە «خوڭكوڭ كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نىڭ ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدىن ئۆتۈشى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. ئۇ بۇنىڭ خوڭكوڭدا ئايلاردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان نارازىلىق نامايىشى ۋە خوڭكوڭ ياشلىرىنىڭ خوڭكوڭ دېموكراتىيەسىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن پىداكارلىقىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نىڭمۇ پات ئارىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەستىقلىنىشىدىن ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
0:00 / 0:00