خوڭكوڭدىكى نامايىشقا غەرب دۆلەتلىرى ئىنكاس بىلدۈرمەكتە

0:00 / 0:00

9-ئىيۇن كۈنى خوڭكوڭدىكى مىليونلىغان كىشى يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قاچقۇنلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش قانۇن لايىھەسىگە قارشى نامايىش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇئاڭ 10-ئىيۇن كۈنى بېيجىڭدا مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ غەربتىكى يامان غەرەزلىك بەزى دۆلەتلەرنىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 10-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي باياناتچىسى گېڭ شۇئاڭ مۇخبىرلارغا يەنە «نامايىشچىلار سانىنى مىليون دەپ ئاتاشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى، بەزى ئاخبارات قاناللىرىنىڭ مىليون كىشىلىك نامايىش دەپ ئاتاپ خەلقنىڭ ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىشقا ئۇرۇنۇشىنىڭ قايىل قىلىش كۈچى يوقلىغىنى، يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان بەزى دۆلەتلەرنىڭ خوڭكوڭنىڭ نىزام ئۆزگەرتىش مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا مەسئۇلىيەتسىز سۆزلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى، بېيجىڭنىڭ تاشقى كۈچلەرنىڭ خوڭكوڭنىڭ قانۇن تۇرغۇزۇش ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى» بايان قىلغان.

خەۋەردە تىلغا ئېلىنىشىچە، خىتاينىڭ زۇۋانى بولغان «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» 10-ئىيۇن ئېلان قىلغان مۇناسىۋەتلىك ماقالىسىدە، بۇ قېتىمقى نامايىشنى خوڭكوڭدىكى ئەكسىيەتچى گۇرۇھلار بىلەن چەتئەل كۈچلىرىنىڭ بىرلىكتە تەشكىللىگەنلىكىنى، نامايىشچىلار سانىنىڭ مىليون كىشى ئەمەس، 240 مىڭ كىشى ئىكەنلىكنى ئىزاھلىغان.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 6-ئاينىڭ 20-كۈنى خوڭكوڭ پارلامېنتىدا ئاۋازغا قويۇلىدىغان «قاچقۇنلار نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى» ئىچىدە «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت شەكىللەندۈرگەنلەرنى خىتايغا ئەۋەتىپ سوت قىلىش» غا مۇناسىۋەتلىك بىر ماددا بولۇپ، بۇ ماددا خوڭكوڭدا زور ۋەھىمە پەيدا قىلغان. خوڭكوڭدىكى خەلق «خوڭكوڭلۇقلارنىڭ بېشىغا ئەڭ ئېغىر قارا كۈنلەر كەلمەكتە» دېيىشكەن. مۇبادا بۇ ماددا تەستىقتىن ئۆتسە، خوڭكوڭدا سۆز ئەركىنلىكى، يىغىلىش ئەركىنلىكى زور دەرىجىدە قامال قىلىنىپلا قالماي، خوڭكوڭنىڭ دېموكراتىيەسى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىمۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرايدىكەن.

تېخىمۇ خەتەرلىكى، يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ خوڭكوڭدىكى بېسىم سىياسىتى ۋە ئەركىنلىك، دېموكراتىيەگە بولغان چەكلىمىلىرىگە قارشى نامايىشلار ئۇيۇشتۇرۇپ قولغا ئېلىنغان كۆپلىگەن ياشلارغا خوڭكوڭنىڭ مۇستەقىل قانۇنى بويىچە «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە دەخلى-تەرز يەتكۈزۈش» جىنايىتى ئارتىلغان. ئەمما بېرىلگەن جازا مۇددىتى 6 ئاي بىلەن 5 يىل ئارىلىقىدا بولغان. ئەگەر بۇ خىلدىكى تۇتقۇنلار خىتايغا ئەۋەتىلىپ سوت قىلىنسا، خىتاينىڭ قانۇنى بويىچە ئاز دېگەندە 7 يىل كېسىلىدىكەن، كۆپ بولغاندا ئۆلۈم جازاسىغا ئۇچرايدىكەن. ھالبۇكى، خىتاي ھاكىمىيىتى خوڭكوڭدا «قاچقۇنلار نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشى» نى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا چىڭ تۇرماقتا ئىكەن.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا مىليون كىشىلىك لاگېرلارنى قۇرۇپ، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېغىر زۇلۇم سېلىۋاتقانلىقى ئالدىنقى ئايلاردا خوڭكوڭدىمۇ تېگىشلىك ئىنكاس قوزغىغان، خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى «جازا لاگېرلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلسۇن» دەپ نامايىش ئۆتكۈزگەنىدى. د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ «تاجاۋۇزچىلىق قارا نىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە جەنۇبىي موڭغۇلىيەدىن كېيىن، ئەمدى خوڭكوڭ ۋە تەيۋەنلەرگە قول سېلىۋاتقانلىقى» نى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ سۆزىدە، «خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ يالغۇز خوڭكوڭغا بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمايلا قالماستىن، ئىلگىرى ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە جەنۇبىي موڭغۇلىيەلىكلەرگە بەرگەن ئاپتونومىيە ۋەدىسىگىمۇ خىلاپلىق قىلغانلىقى» نى ئەسكەرتتى.

«قاچقۇنلار نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە قارشى تۇرۇش» ياكى «خىتايغا ئەۋەتىشكە قارشى تۇرۇش» دەپ ئاتالغان خوڭكوڭدىكى بۇ نامايىشلار تۇنجى بولۇپ تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېننىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. ئۇ 9-ئىيۇن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە قىلغان سۆزىدە «خوڭكوڭنى قوللاپ، تەيۋەننى قوغداش» نى تەشەببۇس قىلغان ھەمدە «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم» سىياسىتىنىڭ تەيۋەنگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى، بۇ سىياسەتنىڭ خوڭكوڭدا ئاللىقاچان مەغلۇپ بولغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

10-ئىيۇن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مورگان ئورتاگۇس مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم» ۋە خوڭكوڭنىڭ خەلقئارادىكى ئالاھىدە ئورنىنىڭ تەھلىكىگە يولۇقۇۋاتقانلىقىدىن ئۆزلىرىنىڭ خوڭكوڭ خەلقىگە ئوخشاشلا ئەندىشە تۇيۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «قاچقۇنلار نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش» نىڭ «خوڭكوڭنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى زەئىپلەشتۈرۈشىدىن، خوڭكوڭدا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان بەرپا قىلىنغان كىشىلىك ھوقۇق كاپالىتىنىڭ، ئەقەللىي ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىك قىممەت قارىشىنىڭ زەربىگە ئۇچرىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقى» نى بايان قىلغان.

10-ئىيۇن كۈنى ئەنگلىيە پارلامېنتىمۇ «قاچقۇنلار نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش» مەسىلىسىدە جىددىي سوئالغا دۇچ كەلگەن. پارلامېنت تاشقى ئىشلار كومىتېتى خادىمى كاتېرىنا ۋېست بۇ ھەقتە توختالغاندا، ھۆكۈمەتتىن «قاچقۇنلار نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش» ئىشىنىڭ 1997-يىلى ئىمزالانغان «خىتاي-ئەنگلىيە ئورتاق باياناتى» غا كۆرسىتىدىغان تەسىرىگە جاۋاب تەلەپ قىلغان. ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خادىمى مارك فىئەلد ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن جاۋاب بېرىپ: «ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭ ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە خەلقئارانىڭ ‹بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم›گە بولغان ئىشەنچىسىنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىشنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقى» نى، خوڭكوڭنىڭ چوقۇم «خىتاي-ئەنگلىيە ئورتاق باياناتى» غا ۋە خوڭكوڭ ئاساسىي قانۇنىنىڭ كاپالىتى ئاستىدىكى يۈكسەك ئاپتونومىيە بىلەن قانۇن تۈزۈمنى داۋاملاشتۇرۇشى تەكىتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئالدىنقى ئاي ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەكىلى جەرەمىي ھۇنت بىلەن كانادا تاشقى ئىشلار ۋەكىلى كىرستىئا فرېلاند ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، مۇبادا خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى «قاچقۇنلار نىزامى» غا تۈزىتىش كىرگۈزسە، خوڭكوڭنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي، «خىتاي-ئەنگلىيە ئورتاق باياناتى» دا تىلغا ئېلىنغان ھەق-ھوقۇقلار ۋە ئەركىنلىككىمۇ سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىپادە قىلىشقانىدى.

جەنۇبىي موڭغۇلىيە مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ گېرمانىيەدىكى ۋەكىلى تەمسىلتون مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشىنىڭ خىتاينى ۋەيران قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى، مەيلى جەنۇبىي موڭغۇلىيەلىكلەر بولسۇن، تىبەتلىكلەر بولسۇن، ئۇيغۇرلار بولسۇن ياكى خوڭكوڭ، تەيۋەنلىكلەر بولسۇن، بۇ مۇستەبىت ھاكىمىيەتنى يالغۇز يوقىتالمايدۇ. خىتاي پەقەت بىزنىڭلا ئەمەس، دۇنيانىڭمۇ ئورتاق دۈشمىنى. خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىق قارا نىيىتىنى غەرب ئەللىرى ئاستا-ئاستا چۈشىنىپ يېتىۋاتىدۇ. دۇنيا ئەللىرى بۇ تاجاۋۇزچىغا ئورتاق قارشى تۇرۇشنى ۋەزىپە بىلىدىغان زامان كەلدى. خوڭكوڭدىكى قارشىلىقنى شۇ سەۋەبتىن كۆپلىگەن دۆلەتلەر قوللىماقتا.»

خوڭكوڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئالدىمىزدىكى بىرقانچە كۈندە خوڭكوڭدا كۆلىمى تېخىمۇ زور بولغان نامايىشلار ئېلىپ بېرىلىدىكەن. 12-ئىيۇندىن باشلاپ خوڭكوڭدىكى 3 چوڭ ساھە ئىش تاشلايدىكەن. بۇنىڭ بىرى، خوڭكوڭدىكى ئەڭ چوڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بولغان ‹مائارىپ ئۇيۇشمىسى»، ئىككىنچىسى خوڭكوڭدىكى 7 چوڭ ئالىي، كەسپىي مەكتەپ، ئۈچىنچىسى، خوڭكوڭدىكى پاراۋانلىق تەشكىلاتلىرى، كەسپىي تەشكىلاتلار ۋە جەمئىيەتلەر. نامايىشچىلار خوڭكوڭ قانۇن تۇرغۇزۇش كومىتېتى ئالدىدا «قاچقۇنلار نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش» كە قارشى پائالىيەت ئېلىپ بارىدىكەن.