بىرقانچە ئايدىن بۇيان خوڭكوڭدا داۋاملىشىۋاتقان، خىتاينىڭ خوڭكوڭدا قانۇن ئۆزگەرتىشىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى، ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نامايىشچىلارغا قاراتقان قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش پوزىتسىيەسى، خوڭكوڭدا ۋەزىيەتنى جىددىيلەشتۈردى. ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر تىبەت تەيۋەن پائالىيەتچىلىرىمۇ ئۆتكەن ھەپتە ياپونىيەدىكى ساكۇرا تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭدىكى نارازىلىق نامايىشىغا قاراتقان قاتتىق قول پوزىتسىيەسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2009-يىلدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى ۋە 2008-يىلى ئولىمپىك مەزگىلىدە تىبەتلەرگە قاراتقان باستۇرۇشىنىڭ خوڭكوڭدا قايتا تەكرار يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.
مەزكۇر سۆھبەت پروگراممىسىغا قاتناشقان ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ: «بارغانچە جىددىيلەشكەن خوڭكوڭ ۋەزىيىتىنىڭ ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە تەيۋەن پائالىيەتچىلىرىنىڭ جىددىي ئىنكاسىنى قوزغىغان» لىقىنى بىلدۈردى.
بىرنەچچە ئايدىن بۇيان خوڭكوڭدا داۋاملىشىۋاتقان خوڭكوڭدا يولغا قويۇلماقچى بولغان «قاچقۇنلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش قانۇن لايىھەسى» گە قارشى نارازىلىق نامايىشىنىڭ بارغانچە يۇقىرى پەللىگە چىقىشى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭدا ساقچىلار ئارقىلىق نامايىشچىلارغا زوراۋانلىق قىلىشى ۋە ئۆتكەن ھەپتىدىن بۇيان بارغانچە كېڭەيگەن نامايىشچىلارنى تۇتقۇن قىلىش خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىماقتا.
ئۆتكەن ھەپتە ياپونىيەدىكى ساكۇرا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر سۆھبەت پروگراممىسىدا، خوڭكوڭنىڭ جىددىيلىشىۋاتقان ۋەزىيىتىگە بىرلەشتۈرۈلۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرگە قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش قىلمىشلىرى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە خوڭكوڭدا داۋاملىشىۋاتقان نارازىلىق نامايىشىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيەدىكى ۋەكىلى، ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ مەزكۇر سۆھبەت پروگراممىسىدا ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلىرىنى ئورتاقلاشتى.
ئىلھام مەخمۇت ئەپەندىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە: ئۇ مەزكۇر پروگراممىدا ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇندىن 10 يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن 2009-يىلدىكى «5-ئىيۇل نارازىلىق نامايىشى» نى قانلىق باستۇرۇش قىلمىشىنى ئەسلەپ ئۆتۈش ئارقىلىق، خوڭكوڭدا داۋاملىشىۋاتقان نارازىلىق نامايىشىنىڭ تەرەققىياتىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ نارازىلىق نامايىشىنى بىر تەرەپ قىلىشتا قانلىق باستۇرۇش ۋاسىتىسىنى قوللىنىشى مۇمكىنچىلىكىنى ئاگاھلاندۇرغان.
ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى يەنە خوڭكوڭ ۋەزىيىتى ھەققىدىكى سۆھبەت پروگراممىسىغا قاتناشقان تىبەت پائالىيەتچىسى ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەر ھەققىدىمۇ توختالدى. ئىلھام مەخمۇت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تىبەت پائالىيەتچىسى ئۆز بايانىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2008-يىلى 3-ئاي مەزگىلىدە، يەنى خىتايدا 2008-يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈشى ھارپىسىدا يۈز بەرگەن تىبەتلەرنىڭ نارازىلىق نامايىشىنى باستۇرۇشتا قوللانغان نامايىشچىلار ئارىسىغا ئۆز ئادەملىرىنى كىرگۈزۈپ، قەستەن قالايمىقانچىلىق چىقىرىش قاتارلىق رەزىل ۋاسىتىلەرنى نۆۋەتتە خوڭكوڭدا داۋاملىشىۋاتقان نامايىشتىمۇ ئەينەن قوللىنىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئىلھام مەخمۇت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە ساكۇرا تېلېۋىزىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتكە تەكلىپ قىلىنغانلار ئىچىدە گەرچە خوڭكوڭلۇق ۋەكىل بولمىسىمۇ ئەمما، شېخۇيجى خانىم قاتارلىق تەيۋەنلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بار ئىكەن. ئىلھام ئەپەندىنىڭ قەيت قىلىشىچە، سۆھبەت پروگراممىسىدا پىكىر بايان قىلغان تەيۋەنلىك پائالىيەتچىلەر يېقىندىن بۇيان، خوڭكوڭدا بارغانسېرى يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقان ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىق قىلمىشلىرىدىن ئەندىشىگە چۈشكەنلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىللە خىتاي ئاسارىتى ئاستىدا قاتتىق ئېزىلىشكە ئۇچرىغان ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ بۈگۈنكى قىسمىتىدىن تەيۋەنلىكلەرنىڭمۇ خىتاي تەشۋىقاتىدىكى «ئاتالمىش «ئاپتونومىيە» ۋە «بىر دۆلەت ئىككى خىل تۈزۈم» ۋەدىسىنىڭ ئالدامچىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
خوڭكوڭدا داۋاملىشىۋاتقان نارازىلىق نامايىشى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر نامايىشنى باستۇرۇش ھەرىكىتى ھەققىدە ئۆتكەن ھەپتىدىن بۇيان تارقىلىۋاتقان ئەڭ يېڭى مەلۇماتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خوڭكوڭ ساقچى دائىرىلىرى، ئۆتكەن ھەپتە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ خوڭكوڭدىكى ئۆكتىچى تەشكىلاتلارنىڭ 31-ئاۋغۇست شەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلغان ئومۇمىي خەلق تىنچلىق نارازىلىق نامايىشىنى تەستىقلىمىغان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 1-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە خوڭكوڭ ۋالىسى لىن جىڭيۆنىڭ ئىستېپا بەرمەكچى بولغانلىقى ھەققىدىكى ئاۋازلىق خاتىرىسى ئاشكارىلاندى. ئارقىدىن خىتاينىڭ خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق ئالاقە ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى ياڭگۇاڭ خوڭكوڭدىكى نارازىلىق نامايىشىنى: «سىياسىي قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇش» دەپ ئەيىبلىگەن ۋە ئەگەر خوڭكوڭدا قالايمىقانچىلىق داۋاملاشسا ھۆكۈمەتنىڭ جىددىي تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.
ئامېرىكا ئاۋازى رادىيوسىنىڭ 3-سېنتەبىر تەيبېيدىن بەرگەن خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، 3-سېنتەبىر كۈنى خوڭكوڭدىكى ئۆكتىچىلەردىن خۇاڭ جىفىڭ قاتارلىق پائالىيەتچىلەر تەيۋەنگە بېرىپ، تەيۋەن ھۆكۈمىتى ۋە تەيۋەندىكى تەشكىلاتلاردىن خوڭكوڭلۇقلارنىڭ «خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭدا يولغا قويماقچى بولغان قاچقۇنلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش قانۇنىغا نارازىلىق ھەرىكىتىنى قوللاش» نى تەلەپ قىلغان.
خوڭكوڭ ساقچىلىرى يەنە 31-ئاۋغۇست شەنبە ۋە 1-سېنتەبىر يەكشەنبە ئىككى كۈن ئىچىدىلا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلىپ، كوچىلارغا چىققان ياش ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خوڭكوڭ ئاھالىسىنى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان.
3-سېنتەبىر سەيشەنبە كۈنى تەيۋەندە مۇخبىرلارغا بايانات بەرگەن خۇاڭ جىفىڭ، بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئىككى كۈن ئىچىدىلا ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان نامايىشچىلارنىڭ 1100 دىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، تەيۋەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ خوڭكوڭ ۋەزىيىتى تەرەققىياتىغا جىددىي دىققەت قىلىشقا چاقىرغان.
0:00 / 0:00