خەلقئارا مەبلەغنىڭ خوڭكوڭ ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى سەلبىي رولى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021-09-23
Share
مەجبۇرىي ئەمگەك مەيدانىدا ئوتتا كۆيۈپ ئۆلگەن نەبىجان روزىنىڭ جەسىتى جەمئىيەتتىن خۇپىيانە ھالدا يەرلىككە قويۇلغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېردىكى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قىلمىشىغا توغرىلىق ئىشلەنگەن كارتون.
Yettesu

ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا جاۋابكار بىر قىسىم خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا ئېلان قىلغاندىن كېيىن ئوتتۇرىغا قويغان بىر قىسىم مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەرنىڭ ئىچىدە غەرب دۇنياسىدىكى سودا ساھەسىنىڭ خىتاي تەرەپ بىلەن بولىدىغان ئىقتىسادىي ئالاقىسى بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇنىڭدىكى «مەجبۇرىي ئەمگەك» تېمىسى ھازىر بارغانسېرى كۆپ ساھەنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە بايقۇت قىلىش چاقىرىقلىرىغا ئېرىشىۋاتقان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئاق تېررورلۇق» شەكلىدىكى زۇلۇمنى داۋام قىلدۇرۇشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىۋاتقان غەرب دۇنياسىنىڭ مەبلىغى دىققەتتىن ساقىت بولۇپ كېلىۋاتقانىدى.

باش شتابى ئەنگلىيەدىكى «خوڭكوڭنى كۆزىتىش» تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى بولغان جوننىي پەتتېرسون بىلەن مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ سىياسىي ئانالىزچىسى سام گۇدمەن بىرلىكتە تەييارلاپ چىققان 84 بەتلىك «مۇھىت، جەمئىيەت ۋە ھاكىمىيەت: خىتاي ۋە كىشىلىك ھوقۇق» تېمىسىدىكى مەخسۇس دوكلاتتا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتايغا سالغان مەبلىغىنىڭ خىتايدىكى زۇلۇم ۋە باستۇرۇشلارغا ۋاسىتىلىك ھالدا ھەمدەم بولۇۋاتقانلىقى ھەمدە خەلقئارانىڭ بۇ مەسىلىنى جىددىي ئويلىشىشى زۆرۈرلۈكى ئالاھىدە شەرھلىنىدۇ.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتايغا مەبلەغ سېلىشى ئ‍ۆتكەن ئون يىل ئىچىدە يىلسېرى ئۆسۈش ھالىتىدە بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، بۇنىڭغا يوشۇرۇنغان زۇلۇم ۋە باستۇرۇش ھادىسىسى كىشىلەرنىڭ دىققىتىدىن خالىي قالغان. بولۇپمۇ غەرب سودا ئەخلاقىدىكى مەبلەغ سېلىشتا رەزىللىكتىن ساقلىنىشتەك ئومۇمىي ئۆلچەم خىتايغا كەلگەندە ئۆز رولىنى يوقىتىشقا باشلىغان. بۇنىڭدىكى بىر مۇھىم سەۋەب غەرب جەمئىيىتىدىكى سودا ۋە باشقا ساھەنىڭ پۈتۈن دىققىتىنى خىتايغا مەبلەغ سېلىش ۋە سېلىنغان مەبلەغنىڭ كۆپىيىشىگە مەركەزلەشتۈرۈشى، ئەمما بۇ مەبلەغنىڭ نېمىگە ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى تەپتىش قىلماسلىقتا ئىكەن. بولۇپمۇ ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2015-يىلى ماقۇللانغان «زامانىۋى قۇللۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» دىكى «زامانىۋى قۇللۇق پائالىيەتلىرىدىن ھاسىل بولغان مەبلەغنى توڭلىتىۋېتىش» دېگەن ماددا بويىچە بولغاندا نۆۋەتتە خىتاي پۇل-مۇئامىلە بازىرىغا مەبلەغ قىلىپ سېلىنغان بىر قىسىم مەبلەغ ئەمەلىيەتتە دەل مۇشۇ خىل ئاقىۋەتكە ئۇچرىشى كېرەك ئىكەن. ئەمما بۇ ھال ھازىرغىچە يۈز بەرمىگەن. ئاپتورلار بۇنى مىسال قىلغان ھالدا مۇشۇ خىل مەبلەغ سېلىشنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان كۆپلىگەن قاباھەتلەرنىڭ بىر قىسمى ئۇيغۇر دىيارىدا ۋە خوڭكوڭ كوچىلىرىدا ئاللىقاچان كۆرۈلگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ. بولۇپمۇ «زامانىۋى قۇللۇق» تىن ھاسىل بولغان غايەت زور مەبلەغنىڭ خوڭكوڭنى مەركەز قىلغان ئىقتىساد سىستېمىسى ئارقىلىق خىتاي بازىرىدا ئايلىنىشى بۇ ھالنى تېخىمۇ زورايتىۋەتكەن.

دوكلاتتا ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان يەنە بىر نۇقتا غەرب دۇنياسىدىكى كۆپلىگەن شىركەتلەرنىڭ «پېنسىيە فوندى» نى خىتايدىكى پاي چېكى بازىرىغا مەبلەغ قىلىپ سېلىشى ھېسابلىنىدۇ. 2021-يىلى 14-ئىيۇلغا قەدەر غەرب دۇنياسىدىكى پېنسىيە فوندىدىن 800 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى خىتاينىڭ پاي چەكلىرىنى ۋە زايوملىرىنى سېتىۋېلىشقا سەرپ قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ خىتايغا مەبلەغ سېلىشىدىكى كۆپلىگەن توسۇقلارنى ۋە چەكلىمىلەرنى بىكار قىلىپ، بۇنى تېخىمۇ ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگەن. بۇنىڭغا ماس ھالدا خەلقئارادىكى كۆپلىگەن قۇدرەتلىك مەبلەغ سېلىش شىركەتلىرى «خىتايغا مەبلەغ سېلىپ باي بولۇش» ھەققىدىكى چاقىرىقنىڭ ئاۋانگارتلىرىغا ئايلىنىپ قالغان.

ئاپتورلارنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى خىتايغا مەبلەغ قىلىپ سېلىنغان غەرب مەبلىغىنىڭ خىتايدا بارغانسېرى زورىيىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش ۋە زۇلۇمنى قانۇنلاشتۇرۇش قىلمىشىغا ئارقا تىرەك بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن. بولۇپمۇ مەبلەغ قىلىپ سېلىنغان سوممىنىڭ يۇقىرىلىقى يەنە بىر ياقتىن ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ خارابلىشىشىنى تېزلەتكەن، بۇنىڭ بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئەڭ ئەقەللىي دەرىجىدىمۇ ئەمەلگە ئاشماس بولۇپ قالغان. ئەنگلىيە، كانادا ۋە بىر قىسىم ياۋروپا شىركەتلىرىنىڭ پاي مەبلىغىگە ئىگە بولغان خىتاي شىركەتلىرى بىۋاسىتە ھالدا مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ باستۇرۇش قىلمىشلىرىغا يانتاياق بولغان. بولۇپمۇ بۇ خىل مەبلەغنى تاپشۇرۇۋالغان خىتاي پەن-تېخنىكا شىركەتلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېر سىستېمىسى ۋە تورلاشقان نازارەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە بىۋاسىتە ئىشتىراك قىلغان. يەنە بىر ياقتىن پۈتكۈل خىتاينىڭ ئىقتىسادىي غول سىستېمىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللۇقىدا بولغاچقا «يانچۇقى تومپايغان» مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشتىكى خورىكى ھەسسىلەپ ئاشقان. بۇ خىل ھاڭنىڭ پەيدا بولۇشى نۆۋەتتە خوڭكوڭ ۋە ئۇيغۇر دىيارىدا ئەڭ روشەن ھالدا ئەكس ئەتمەكتە ئىكەن.

دوكلاتتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جازا ئېلان قىلغان «داخۇا»، «Hikvision» قاتارلىق خىتاي شىركەتلىرىنىڭ، شۇنداقلا «ئالى بابا»، «تېڭشۈن»، «خىتاي بىرلەشمە تېلېگرافى» قاتارلىقلارنىڭ زور بىر قىسىم مەبلىغىنىڭ غەرب دۆلەتلىرىدىكى پېنسىيە فوندىنى مەنبە قىلىدىغانلىقى، بۇ مەبلەغنىڭ ئاشۇ شىركەتلەرنىڭ پاي چېكىنى سېتىۋېلىش بەدىلىگە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋە خوڭكوڭدىكى باستۇرۇشقا ۋاسىتىلىك ھالدا خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى كۆپلىگەن ماددىي ئىسپاتلار بىلەن كۆرسىتىلىدۇ.

دوكلاتنىڭ ئاخىرىدا سودا ۋە كىشىلىك ئەخلاققا پۈتۈنلەي خىلاپ بولغان مۇشۇ خىلدىكى مەبلەغ سېلىش پائالىيىتىنى چەكلەش ئۈچۈن ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ۋە باشقا ھۆكۈمەتلەرگە بىر قىسىم تەۋسىيەلەر تەقدىم ئېتىلىدۇ. شۇنداقلا ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ۋە باشقا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرگە شېرىك بولۇۋاتقان خىتاي شىركەتلىرىگە بەلگە قويۇپ چىقىشى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى مەنئى قىلىشى لازىملىقى، جۈملىدىن ھەرقايسى دۆلەت سودا شىركەتلىرىنىڭ خىتايغا مەبلەغ سېلىشىغا ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بەلگىلىك دەرىجىدە ئارىلىشىشى، شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى مۇناسىۋەتلىك قىلمىشلىرىنى قەرەللىك ھالدا سودا دۇنياسىغا ئاڭلىتىپ تۇرۇشى، شۇنداقلا زۆرۈر بولغاندا بۇ ھەقتىكى سودا نىزامىنى تۈزۈپ ئېلان قىلىشى لازىملىقى دېگەنلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ «مۇشۇ ئارقىلىق شىركەتلىرىمىزنى قىرغىنچىلىققا، ئىرقىي تازىلاشقا، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرگە ۋە زامانىۋى قۇللۇققا شېرىك بولۇپ قېلىشتىن ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ» دەپ كۆرسىتىدۇ.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشى ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش مەسىلىسىگە دائىر تولىمۇ ئەجەللىك، ئەمما ئۇزۇندىن بۇيان سەل قارىلىپ كېلىنىۋاتقان بىر مەسىلىنى سىستېمىلىق ھالدا بايان قىلىپ بەرگەن بولۇپ، كۆپلىگەن ھۆكۈمەتلەرنىڭ بۇ مەسىلىدىكى تونۇشىنى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك مەبلەغ سېلىش سىياسەتلىرىنى ئۆزگەرتىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ، دەپ قارالماقتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت