خوڭكوڭ خەلقى ئۇيغۇرلارنى قوللاپ نامايىش قىلدى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2019.12.22
Xongkong-Namayish-1222-01.jpg خوڭكوڭدا ئۆتكۈزۈلگەن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 22-دېكابىر. خوڭكوڭ.
Social Media

22-دېكابىر خوڭكوڭ خەلقى نامايىش قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى. خوڭكوڭ ساقچىلىرى تىنچ يوسۇندا نامايىش قىلىۋاتقان ئامما بىلەن توقۇنۇشتى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن مىڭدىن ئارتۇق نامايىشچى خوڭكوڭدىكى ئېندىنبۇرگ مەيدانىدا ئۇيغۇرلارنى قوللاپ تىنچ يوسۇندا نامايىش ئۆتكۈزدى.

نامايىشچىلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى، ئامېرىكانىڭ، ئەنگلىيەنىڭ، تەيۋەننىڭ دۆلەت بايراقلىرىنى كۆتۈرۈشكەن بولسا، بەزىلىرى خىتاي بايرىقى شەكلىدىكى بىر قول ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنىڭ ئېغزىنى ئېتىۋالغان سۈرەت چۈشۈرۈلگەن ماسكىلارنى تاقاشقان ئىدى. نامايىشچىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قارا رەڭلىك كىيىنگەن. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياشلارمۇ، ياشانغانلارمۇ بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى يەنە «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك، خوڭكوڭغا ئەركىنلىك»، «قىرغىنچىلىق خىتايدىكى ساختا ئاپتونومىيىنىڭ مەھسۇلى» دېگەندەك شوئارلار چۈشۈرۈلگەن پلاكاتلارنى كۆتۈرۈۋالغان ئىدى.

TRT ئىنگلىزچە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر نامايىشچى:» بىز ھەممىمىز بىر مۇستەبىت ھاكىمىيەت بىلەن ئېلىشىۋاتىمىز. شۇڭا بىز شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە. بىز ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلگەنلەرنىڭ بىزنىڭ بېشىمىزغىمۇ كېلىشىنى خالىمايمىز» دېدى.

نامايىش، نۇتۇق سۆزلەش، جىم ئولتۇرۇش، شوئار توۋلاش شەكلىدە داۋام قىلىۋاتقاندا خوڭكوڭ ساقچىلىرىنىڭ زوراۋانلارچە باستۇرۇشىغا ئۇچرىدى. ساقچىلار نامايىشچىلارغا مۇچ سۈيى، كالتەك-توقماقلار بىلەن ھۇجۇم قىلدى. نامايىشچىلارمۇ ساقچىلارغا شېشە ۋە تاش-كېسەكلەرنى ئېتىپ كەسكىن قارشىلىق كۆرسەتتى. كۆپلىگەن نامايىشچى تۇتقۇن قىلىندى.

بۇ خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ئۆتكەن 7 ئايدىن بۇيان خىتايغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك نامايىشلىرىنىڭ بىرى بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنى قوللاپ ئۆتكۈزگەن تۇنجى زور نامايىشى ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.