ئۇيغۇرلار بىلەن خوڭكوڭلۇقلاردىكى غەزەپ - نەپرەت ئورتاقلىقى

ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2019.10.04
hongkong-uyghur-ortaqliq مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە خوڭكوڭلۇقلار ئېلىپ بارغان نامايىشلاردىكى ئورتاق بىر نۇقتا – خىتاينىڭ دۆلەت سىمۋولىغا ھۇجۇم قىلىش بولدى.
Reuters

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە خوڭكوڭلۇقلار ئېلىپ بارغان نامايىشلاردىكى ئورتاق بىر نۇقتا – خىتاينىڭ دۆلەت سىمۋولىغا ھۇجۇم قىلىش بولدى.

1 - ئۆكتەبىر كۈنى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى ھەشەم-دەرەم بىلەن تەبرىكلەۋاتقان دەقىقىلەردە دۇنيانىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا ئۇيغۇرلار، تىبەتلىكلەر، تەيۋەنلىكلەر، خوڭكوڭلۇقلار ۋە خىتاي دېموكراتلىرى خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى نامايىشلار، ئىلمىي يىغىلىشلار ئېلىپ باردى. بۇنىڭ ئىچىدە خوڭكوڭلۇقلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نامايىشلىرىنىڭ كۆلىمى زور، دائىرىسى كەڭ بولدى.

مەتبۇئاتلاردىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، 1 - ئۆكتەبىر كۈنى خوڭكوڭدا 11 ئورۇندا ئېلىپ بېرىلغان نەچچە ئون مىڭ كىشى قاتناشقان نامايىشتا ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن. 18 ياشلىق بىر ئوقۇغۇچى ئېتىپ يارىلاندۇرۇلغان ۋە ئونلىغان خوڭكوڭلۇقلار ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن.

خوڭكوڭدىكى نامايىشتا يۈزىگە ماسكا تاقىۋالغان كىشىلەر خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىگە بولغان قارشىلىقلىرىنى، غەزەپ - نەپرەتلىرىنى جانلىق ئىپادىلەش ئۈچۈن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ رەسىملىرىنى چوڭايتىپ يول بويلىرىغا ئاسقان ۋە يەرلەرگە تىزغان. ئاندىن بۇ رەسىملەرنىڭ يۈزىگە قىزىل بوياق بىلەن ئۆلۈم جازاسىنىڭ سىمۋولى بولغان سىزىقچىلارنى سىزىپ دەسسىگەن ياكى قارىغا ئېتىش نىشانى قىلىپ چالما - كېسەك قىلغان. خىتاينىڭ بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايرىقىغا ئوت قويغان. ئالدىنقى ھەپتىلەر نامايىشچىلار خىتاينىڭ خوڭكوڭدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىغا ھۇجۇم قىلغاندا خىتاينىڭ دۆلەت گىربىغا قارا بوياقلارنى، تۇخۇم ۋە تاشلارنى ئېتىپ رەسۋا قىلىۋەتكەن ئىدى. خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى جۈمە كۈنى، يەنى 4-ئۆ¬كتەبىر نامايىشچىلارنىڭ يۈزىنى نىقاپلىشىغا قارشى جىددىي قانۇن ماقۇللاپ، 6 - ئۆكتەبىر سائەت نۆلدىن باشلاپ ئىجرا قىلىشنى قارار قىلدى.

1 - ئۆكتەبىر بىريۇسسېلدا ئۇيغۇرلار، تىبەتلىكلەر، تەيۋەنلىكلەر ۋە خوڭكوڭلۇقلار بىرلەشمە نامايىش ئېلىپ بارغان ئىدى. مىڭغا يېقىن كىشى قاتناشقان بۇ نامايىشنىڭ خەۋەرلىرى غەربتىكى بەزى مەتبۇئاتلاردا بۈگۈڭە قەدەر ئېلان قىلىنماقتا.

كىشىلەردە دىققەت قوزغىغان بىر نۇقتا – خۇددى خوڭكوڭلۇقلار خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ رەسىمىگە ھۇجۇم قىلغان، خىتاي دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرگەڭە ئوخشاش، ئۇيغۇر نامايىشچىلارمۇ بىريۇسسېلدىكى نامايىشلىرىدا خىتاينىڭ بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايرىقىنى پۇتلىرىغا چىگىۋېلىپ، يولبويى ئۇنى پايتىما ئورنىدا سۆرەپ ماڭدى، دەسسىدى. خىتاي ھاكىمىيىتىگە بولغان غەزەپ - نەپرەتنىڭ بۇ خىل ئىپادىسى كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. مۇخبىرلار سۆرىلىپ، بۇلغىنىپ مېڭىۋاتقان خىتاي دۆلەت بايراقلىرىنى بەس - بەستە رەسىملەرگە تارتىشتى، سىنغا ئېلىشتى. ئۇيغۇرلارنىڭ نامايىشلىرىدا خىتاي بايرىقىنى دەسسەش، كۆيدۈرۈش ھادىسىلىرى ئەسلىدە ئۇزۇندىن بۇيان ئىزچىل يۈز بېرىپ كەلمەكتە.

ئۇنداقتا، خىتاي ھاكىمىيىتىگە بولغان غەزەپ - نەپرەتنىڭ بۇ خىل سىمۋوللۇق ئىپادىسىگە يوشۇرۇنغان يەنە باشقا مەنىسىمۇ بارمۇ؟

گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر جامائەت ئەربابى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى بۇ سوئالغا جاۋاپ بەرگەندە بۇ خىل خىمۋوللۇق قارشىلىقنىڭ ئارقىسىغا خەلقنىڭ مۇستەقىللىققا بولغان ئىنتىلىشى ۋە بۇ يولدىكى كۈرەش ئىرادىسىنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

گوللاندىيەدىكى جاماەت ئەربابى ئەيسا ساۋۇت ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا بۇ خىل ھەرىكەتلەرنىڭ ماھىيەتتە خىتاي ئىستىلاسىنى ئېتىراپ قىلماسلىق، خىتاي بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق ئورتاقلىق يوقلىقىنى نامايەن قىلىش ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ئارزۇسىنى جاكارلاشنىڭ ئاددىي بىر ئىپادىسى ئىكەنلىكى تەكىتلىدى.

گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ دۆلەت سىمۋولىغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىگە خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى سىياسىتىنىڭ ئاساسلىق سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىسى سەمەت ئابلا ئەپەندىمۇ بۇ خۇسۇستا ئۆز پىكىرلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.