ئانالىزچىلار: «خوڭكوڭ بىخەتەرلىك قانۇنى خوڭكوڭدا بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈمنىڭ ئۆلگەنلىكىدۇر»

0:00 / 0:00

خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى 1-ئىيۇلدىن باشلاپ «خوڭكوڭ بىخەتەرلىك قانۇنى» يەنى «خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنىنىڭ خوڭكوڭ نۇسخىسى» نىڭ رەسمىي قانۇن بولۇپ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خوڭكوڭدا بىر يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان «دېموكراتىيەنى تەلەپ قىلىش» ھەرىكىتى سەۋەبلىك خوڭكوڭ ۋەزىيىتى بارغانچە جىددىيلىشىۋاتقان، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭ سىياسىتىنى ئەيىبلەۋاتقان ۋەزىيەتتە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ «خوڭكوڭ بىخەتەرلىك قانۇنى» يەنى «خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى نىڭ خوڭكوڭ نۇسخىسى» نى 1-ئىيۇلدىن باشلاپ رەسمىي قانۇن تەرىقىسىدە ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى، خوڭكوڭ ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىۋاتقان خەلقئارا تاراتقۇلار ۋە ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

ئامېرىكادىكى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «خوڭكوڭ بىخەتەرلىك قانۇنى» ئىجرا قىلىنسا، خوڭكوڭدا خىتاينىڭ ئىلگىرى ۋەدە قىلغان خوڭكوڭدا «بىر دۆلەت ئىككى خىل تۈزۈم» سىياسىتىنىڭ پۈتۈنلەي ئۆزگىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خۇ پىڭ ئۆز ئەندىشىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھازىر خوڭكوڭ سىياسىتىدە بىر كۈچلۈك سىگنالنى بەرمەكتە. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇنداق قىلمايدۇ دېگىلىمۇ بولمايدۇ. ئەگەر بۇ، قانۇن بولۇپ ئىجرا قىلىنسا ئۇ ھالدا خوڭكوڭنىڭ بىر دۆلەت ئىككى خىل تۈزۈمىگە قارىتا ئېغىر زەربە بولىدۇ. مەن بۇ ئېھتىماللىق ھەققىدە بۇلتۇر، يەنى 2019-يىلىلا ئۆز ئەندىشەمنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى بۇلتۇر خوڭكوڭنىڭ يەرلىك قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان چېغىدىلا خوڭكوڭدا كۈچلۈك نارازىلىق قوزغالغان ۋە ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغانىدى. ھالبۇكى خىتاي ھازىر بۇ خىل قانۇن لايىھەلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئارقىلىق خوڭكوڭغا قارىتا سىياسىتىنى ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈۋاتىدۇ.»

خۇ پىڭ ئەپەندىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن خوڭكوڭ مەسىلىسىگە قارىتا بۇ قەدەر جىددىي قارىشىنىڭ سەۋەبىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ خىتاي دۆلىتىنىڭ خوڭكوڭغا بولغان ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تۆۋەندىكىدەك جاۋاب بەردى: «مەن بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭدا ۋەزىيەتنىڭ كونتروللۇقتىن چىقىپ كېتىشىگە بولغان ئەنسىرىشى ئۈچۈنلا ئېلىنىۋاتقان قارار دەپ قارىمايمەن. ھەقىقەتەن بۇلتۇردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان خوڭكوڭلۇقلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان مەسىلىگە ئايلاندى. ئەمما ھازىرقى مەسىلە خوڭكوڭلۇقلارنىڭ خىتاي كومپارىتيەسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا بولغان نارازىلىقىنى باستۇرۇشلا ئەمەس بەلكى خىتاي دۆلىتىنىڭ خوڭكۇڭغا بولغان ئەبەدىي كونتروللۇقىنى پۈتۈنلەي قولغا ئېلىشنى مەقسەت قىلدى دېسەك بولىدۇ. چۈنكى ھازىرغا قەدەر خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارانىڭ بېسىمىدىن قورققىنى ئۈچۈن بۇنداق بىر پۇرسىتى بولمىغانىدى. شۇڭا ئۇ خوڭكوڭدىكى بىر دۆلەت ئىككى خىل تۈزۈمنىڭ ساقلىنىپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. ئەمما ھازىر دۇنيادا كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى سەۋەبلىك خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنىڭ يۆتكەلگەن پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۆز مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئويلاۋاتىدۇ.»

«مىڭ جىڭ» تورىنىڭ ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ۋە تور سۆزچىسى ما جۈ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، «خوڭكۇڭ بىخەتەرلىك قانۇنى» نىڭ يولغا قويۇلۇشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، موڭغۇللارغا دەسلەپ ۋەدە قىلغان ئاتالمىش ئاپتونومىيە تۈزۈمى ھەققىدىكى يالغان ۋەدىسىنى بىكار قىلىپ، ئۆزى نىقابىنى ئاشكارىلاش قەدىمىنىڭ خوڭكۇڭدا ئىپادىلىنىشى ئىكەن.

ما جۈ ئەپەندى بۇ ھەقتە سورىغان سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «چوقۇم مۇشۇنداق ئاقىۋەت بولاتتى. بۇ ئەلۋەتتە ئۇلار باشتىلا يەتمەكچى بولغان مەقسەت ئىدى. بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان قوللىنىپ كېلىۋاتقان سىياسىتى. بۇ تەدبىر خىتاينىڭ نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان مەدەنىيەت ئەن-ئەنىسى دېسەكمۇ بولىدۇ. ئۇلار ئاۋۋال ئەتراپتىكى باشقا مىللەتلەرگە قارىتا مەنپەئەت بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ھەر خىل ۋەدىلەرنى بېرىدۇ. بۇ پەقەت خىتاي كومپارتىيەسىنىڭلا سىياسىتى ئەمەس بەلكى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خىتاي ھۆكۈمرانلىرىنىڭ نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان چېگرا رايونلاردىكى ئاز سانلىق خەلقلەرنىڭ يېرىنى ئىگىلىۋېلىش يولىدا قوللىنىپ كېلىۋاتقان سىياسىي تەدبىرى.»

ما جۈ ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە خوڭكۇڭغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر موڭغۇللارغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ تەكرارى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىۋېلىنغان زېمىنلاردىكى خەلقلەرگە يەنى 1940-يىللارنىڭ ئاخىرى، تەڭرى تاغنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىدىكى ئۇيغۇرلارغا، 50-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا دالاي لاما ھۆكۈمرانلىقىدىكى تىبەتلەرگە، ۋە موڭغۇللارغا بەرگەن يالغان ئاپتونومىيە ۋەدىسىنى پەيدىن-پەي بىكار قىلغان تارىخىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى.

ما جۈ ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكۇڭغا ۋە دۇنياغا ۋەدە قىلغان «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم» نى بىكار قىلىشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ، «ئەلۋەتتە خوڭكوڭنىڭ ئەھۋالى ئالاھىدە. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىم خوڭكوڭغا قارىتا ‹بىر دۆلەت ئىككى خىل دۆلەت تۈزۈمى›نى بىكار قىلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب، خوڭكوڭلۇقلارنىڭ خىتاينىڭ مەركىزى ھۆكۈمىتى بىلەن ئوخشاش سىياسىي قاراشتا تۇرمىغانلىقى، خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خىتاي پۇقرالىرى بىلەن ئوخشىمىغان قىممەت قارىشىنى ئىپادىلەپ، ئەركىنلىك، دېموكراتىيە ۋە مۇستەقىللىق قارىشىنى ئىپادىلىگەنلىكى سەۋەب بولۇۋاتىدۇ.» دېدى.

ما جۈ ئەپەندى يەنە ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ خوڭكوڭ مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسى ھەققىدىمۇ توختالدى.

ما جۈ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «خوڭكۇڭ بىخەتەرلىك قانۇنى» نى يولغا قويۇشى، خوڭكوڭ مەسىلىسىدە ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى ئاساس قىلىش پرىنسىپى سەۋەبىدىن، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاراتقان سىياسىتىدە ئەيىبلەش بىلەنلا چەكلىنىش، بىردەك بولماسلىق ۋە ھەقىقىي ئۈنۈمى بولغان ئەمەلىي جازالاش تەدبىرىنىڭ بولمىغانلىقىدىن دېيىشكە بولىدىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خىتاي ئىشلىرى مۇدىرى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «خوڭكوڭ بىخەتەرلىك قانۇنى» نى يولغا قويۇشىغا سەۋەب بولغان ئامىللار ۋە خوڭكوڭدا بۇ قانۇن يولغا قويۇلغاندىن كېيىن خوڭكوڭدا يۈز بېرىدىغان ۋەزىيەت ھەققىدە ئۆز قاراشلىرى ۋە ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ، سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتى 1-ئىيۇلدىن باشلاپ ئىجرا قىلىشنى قارار قىلغان «خوڭكوڭ بىخەتەرلىك قانۇنى» نىڭ يولغا قويۇلۇشىنىڭ خىتاينىڭ ئىلگىرى ۋەدە قىلغان خوڭكۇڭدا بىر دۆلەت ئىككى خىل تۈزۈم سىياسىتىنىڭ ئاياغلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستېلاسى ئاستىدىكى كەچمىشلىرىنىڭ ئەمدى خوڭكوڭدا رېئاللىققا يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1-ئىيۇلدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئاتالمىش «خوڭكوڭ بىخەتەرلىك قانۇنى» نىڭ دۇنياغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزەلدىن ئۆز ۋەدىسىدە تۇرمايدىغان ماھىيىتىنى يەنە بىر قېتىم تونۇتقانلىقىنى كۆرسەتتى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.