خوتەندە ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ «ئالتىدە بىرگە بولۇشى» تەلەپ قىلىنغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.06.27
zumret-dawut-qoshmaq-tuqqan-choshqa-goshi.jpg زۇمرەت داۋۇت دەۋەت قىلىنغان شۇ كۈنىدىكى چوشقا گۆشى زىياپەت ئۈستىلى.
Zumret Dawut teminligen

نۆۋەتتە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتاي يەرلىك پارتكوملىرىنىڭ كونكرېت چارە تەدبىرلەرنى تۈزۈپ، خىتاينىڭ «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» بەرپا قىلىش نامىدىكى خىتايلاشتۇرۇش پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كىرىشكەنلىكى مەلۇم بولماقتا. خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۇيغۇر نوپۇسى مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدىغان ۋىلايەتلىرىدىن خوتەندە، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» بەرپا قىلىشنىڭ بەش تۈرلۈك چارىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ بەش تۈرلۈك چارە-تەدبىردە «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» بەرپا قىلىش جەريانىنىڭ قانۇن ئارقىلىق باشقۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈشى، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىر ئائىلە بولۇش» نامىدىكى قوشماق تۇغقانچىلىق، «تۇغقانلار خوتەننى بىرلىكتە كېزىش»، بىرگە ھەر خىل شەكىللەردىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دوستلۇق پائالىيىتى، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشى، كۈچلەندۈرۈپ ئۆگىنىشنى يولغا قويۇش، شۇنىڭدەك مىللەتلەرنىڭ «ئالتىدە بىرگە بولۇشى» قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم سېكرېتارى ليۇ چېننىڭ ئۆتكەن ھەپتە «شىنجاڭ خەۋەرلىرى» تورىدا ئېلان قىلىنغان مەزكۇر سىياسىي پىلانىدا، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئۆز ئارا گىرەلەشكەن جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە ئىجتىمائىي مەھەللە مۇھىتى يارىتىپ، «ھەر مىللەتنى ئاممىسىنىڭ تەڭ ياشاش، تەڭ ئۆگىنىش، تەڭ قۇرۇش، تەڭ بەھرىمەن بولۇش، تەڭ ئىشلەش ۋە تەڭ كۆڭۈل ئېچىش» تىن «ئالتىدە بىرگە بولۇشى» تەلەپ قىلىنغان.

ئۇنىڭ بۇ بەش تۈرلۈك چارىسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بۇ جەھەتتىكى سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى چىقىش قىلغانلىقى تەكىتلەنمەكتە. ھالبۇكى، دانىيەلىك ئۇيغۇرشۇناس، تەتقىقاتچى رۇنې ستېنبېرگ (Rune Steenberg)، مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيەنى نىشان قىلغان بۇ خىل سىياسەت «مۇستەملىكىچىلىكنىڭ ئاخىرقى قىسمى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. رۇنې ستېنبېرگنىڭ 26-ئىيۇن رادىيومىزىنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا قەيت قىلىشىچە، مۇستەملىكىچىلىكنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى مۇستەملىكە قىلىنغۇچى مىللەتنى ئۆلتۈرۈش ياكى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ تۈگىتىش باسقۇچى ئىكەن.

خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم سېكرېتارى ليۇ چېننىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «مەدەنىيەت جەھەتتىن ئېتىراپ قىلىش ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىق ئېتىراپ قىلىش» بولۇپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خوتەندە «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى» بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىم ئۆتكىلى ھەم چىقىش تۈگۈنى ئىكەن. ھالبۇكى، بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنىنىڭ ئالدى-كەينىدە بىر مىليوندەك كادىرنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئۇلارنىڭ «تاماقتا، ئۇخلاشتا، ئۆگىنىشتە، ئەمگەكتە بىرگە بولۇش» نى يولغا قويۇشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىشىدىن، بۇ ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ شەخسى تۇرمۇشىغا قىلىنغان بۇزغۇنچىلىق، دەپ ئەيىبلىنىشىدىن بېرى، خوتەندە «ئالتىدە بىرگە بولۇش» نىڭ بىر سىياسىي تەدبىر سۈپىتىدە قايتا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىدۇر.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش يولىدىكى بۇ تەدبىرلەر مەجبۇر ئاسسىمىلياتسىيەنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارغا تەئەللۇق ھەرقانداق نەرسىنىڭ ئۆچۈرۈپ تاشلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە ئىكەن.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرىغا مەسئۇل ئالىي تەتقىقاتچىسى مايا ۋاڭ 25-ئىيۇن بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلارنى ئۇيغۇر قىلىپ تۇرغان ھەرقانداق نەرسە يوقىتىلماقتا. ھەتتا بۇ ئۇرۇنۇش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى› داۋاملىشىۋاتىدۇ دېگەن پىكىر پەيدا بولۇۋاتقان بىر پەيتتىمۇ داۋام قىلىۋاتىدۇ. ھالبۇكى، رايوننىڭ ئىچكى ۋەزىيىتى مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيەنىڭ مەن يۇقىرىدا ئېيتقاندەك نۇرغۇن يوللار بىلەن داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.»

مايا ۋاڭنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر كىملىكىنى يوقىتىشتا قانۇنى ئاتالغۇلاردىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتمەكتە ئىكەن. مايا ۋاڭ مۇنداق دېدى: «دائىرىلەر ئۇيغۇر كىملىكىنى يوقىتىشتا، ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ ئىپادىلىرىنى ئۆچۈرۈپ تاشلاشتا قانۇنى ئاتالغۇلاردىن تېخىمۇ كۆپ پايدىلانماقتا. دائىرىلەر شۇ سەۋەبلىك ئۆزلىرىنىڭ رايوندىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرىنى قانۇنلۇق، دەپ چۈشەندۈرمەكتە ھەم بۇنى قانۇنلاشتۇرماقتا ۋە دائىمىلاشتۇرماقتا. »

مايا ۋاڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارالىق تەنقىدلەرگە قارىماي، ھازىرمۇ داۋاملىق «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» سادىر قىلىشى ۋە ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشىغا نىسبەتەن خەلقئارا ئىنكاسنىڭ ئاجىز بولۇشى، يەنى بۇ جىنايەتنىڭ ئېغىرلىقىغا قارىتا كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرماسلىقىنىڭ ئۇنىڭغا جاسارەت بېرىپ كەلگەنلىكىنى قەيت قىلدى. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، «بۇ جەھەتتىكى بەزى كونكرېت ھەرىكەتلەر كۆرۈلگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ بەك چەكلىك» ئىكەن.

ھالبۇكى، ليۇ چېن خوتەندە «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» بەرپا قىلىشتىكى 5 تۈرلۈك سىياسىتىدە «ئورتاق دۆلەت تىلى» نامىدىكى خىتايچىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى، شۇنىڭدەك ئەنئەنىۋى جۇڭخۇا مىللىتى مەدەنىيىتىنى زور كۈچ بىلەن نامايان قىلىشنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتايچىنى ئومۇملاشتۇرۇشتا «كەچلىك مەكتەپلەر» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ خىل ئۆگىنىش شەكىللىرىنى پەيدا قىلىش، «پانتۈركىزم ۋە پانئىسلامىزمنىڭ زەھىرىنى ئۈزۈل كېسىل تازىلاپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ھەر قايسى مىللەتلەر مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىنىڭ يۇقىرى پەللىسى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشىگە يېتەكلەش كېرەك» ئىكەن. لېكىن رۇنې ستېنبېرگ، ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىش ئۇنداق ئاسان بولمىسىمۇ، بىراق بۇ خىل سىياسەت ئۇلارنىڭ تېخىمۇ چەتكە قېقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى،

ھالبۇكى، چەت ئەلدىكى بەزى ئۆكتىچى خىتاي زىيالىيلار، جۇڭخۇا مىللىتى مەدەنىيىتى دەيدىغان بۇ ئۇقۇمغا سوئال قويماقتا. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى بۇ ئۇقۇمنى ئۆزىنىڭ مەقسىتى ۋە خاھىشىغا قاراپ شەكىللەندۈرمەكتە ئىكەن. كانادالىق خىتاي يازغۇچى ۋە ژۇرنالىست شېڭ شۆ خانىم مۇنداق دەيدۇ: «ئاتالمىش بەش مىڭ يىللىق جۇڭخۇا مەدەنىيىتى، دېگەن پۈتۈنلەي قۇرۇق گەپ. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن بۇرۇن بۇ زېمىندا نۇرغۇن مىللەتلەر، مەدەنىيەت ۋە دىنىي-ئېتىقاد ۋە دۆلەتلەر مەۋجۇت بولغان. بۇ دۆلەتلەر ھەرگىزمۇ ھازىر ئېيتىۋاتقان خىتاي سۇلالىلىرى ئەمەس. ئەمەلىيەتتە، بۇ سۇلالىلەر ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەر. ھازىر خىتاي كومپارتىيەسى ئۆزى كونترول قىلىۋاتقان بۇ زېمىننىڭ تارىخىنى پەقەت ئۆزىنىڭ مەقسىتى ۋە ئىرادىسى بويىچە بۇرمىلىماقتا.»

شېڭ شۆ 25-ئىيۇن بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا يەنە ليۇ چېننىڭ خوتەندە «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى» بەرپا قىلىش ھەققىدىكى بەش تۈرلۈك پىلانىنىڭ كومپارتىيەنىڭ «يۇمشاق زوراۋانلىق پىلانى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل «يۇمشاق زوراۋانلىق پىلانى» بەزى ۋاقىتلاردا قاتتىق زوراۋانلىق كۈچىدىن تېخىمۇ خەتەرلىك، تېخىمۇ دەھشەتلىك بولۇپ، بۇ خىل يۇمشاق زوراۋانلىقنىڭ ئارقىسىغا «دۆلەتنىڭ چەكسىز زوراۋانلىق كۈچى يوشۇرۇنغان» بولىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئۆتۈشنى توختىتىپ، بىردەك خىتاي تىلىغا كۆچۈشنىمۇ خوتەندىن باشلىغان. ئەينى ۋاقىتتا خوتەن ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى رەسمىي ھۆججەت چۈشۈرۈپ، ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەكتەپتە ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشىشىنى چەكلىگەن. خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ جازالىنىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغانىدى. بۇ قېتىم خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم سېكرېتارىنىڭ بەش تۈرلۈك پىلانى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» بەرپا قىلىش خىزمىتى رايوندىكى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ مەركىزى نۇقتىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىشىنىڭ ئارقىسىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بۇ يىل 15-ئاپرېل كۈنى چاقىرىلغان 10-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ 11-قېتىملىق يىغىنىدا ئۇيغۇر ئېلىدە «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى» بەرپا قىلىشنىڭ پىلانى ھەققىدە سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلغان. يىغىن «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى» بەرپا قىلىشتا مائارىپتىن قول سېلىش، مائارىپتىن قول سېلىشتا بالىلاردىن باشلاشنى تەلەپ قىلغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.