خىتاينىڭ خوتەندە يېڭى ئىككى ناھىيە قۇرۇشى ھىندىستاننىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىغان
2025.01.06
يېقىندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن ۋىلايىتىدە «خېئەن» ۋە «خېكاڭ» نامىدىكى ئىككى ناھىيەنى يېڭىدىن تەسىس قىلغانلىقىنى جاكارلىغانىدى. خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى، بىر تەرەپتىن ھىندىستان ئۆزىگە تەۋە دەپ ئاتاۋاتقان ئاقسايچىنغا بولغان كونتروللۇقىنى مۇستەھكەملەپ ھىندىستانغا بولغان بېسىمنى كۈچەيتسە، يەنە بىر تەرەپتىن ھىندىستان بىلەن بولغان جىددىيلىكنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ دەپ قارالماقتا.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئورگان تورىدا 27-دېكابىر ئېلان قىلىنغان ئۇقتۇرۇشتىن مەلۇم بولۇشىچە، خوتەن ۋىلايىتىدە ئىككى ناھىيە يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان. خوتەن ۋىلايىتى باشقۇرىدىغان بۇ ناھىيەلەرنىڭ قۇرۇلۇشى خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى ۋە دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى تەرىپىدىن تەستىقلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. قۇرۇلغان ناھىيەگە «خېئەن ناھىيەسى» ۋە «خېكاڭ ناھىيەسى» دەپ خىتايچە نام بېرىلگەن.
مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا قەيت قىلىنىشىچە، قۇرۇلغان بۇ ناھىيەلەرگە «خېئەن ناھىيەسى» ۋە «خېكاڭ ناھىيەسى» دەپ خىتايچە نام بېرىلىپ، يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان ئىككى ناھىيە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدىكەن. ئالاقىدار مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا خېئەن ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ خوتەن ناھىيەسىدىكى يۇلغۇن بازىرىغا، خېكاڭ ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ بولسا گۇما ناھىيەسىدىكى شەيدۇللاھ بازىرىغا جايلىشىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.
ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى، دوكتور ئاندېرس كور (Anders Corr) ئۇيغۇر ئېلىدە تەسىس قىلىنغان «خېئەن ناھىيەسى» ۋە «خېكاڭ ناھىيەسى» ھەققىدە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئىككى يېڭى ناھىيەنىڭ قۇرۇلۇشى خىتاينىڭ 1962-يىلى ھىندىستاندىن ئوغرىلىغان ئاقسايچىنغا بولغان كونتروللۇقىنى مۇستەھكەملەۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ ھەرىكەت، مەسىلەن خىتاي تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىپ خىتاي بىلەن تەيۋەن ئۇرۇشى بولسا، ھىندىستان ئاقساي چىنىنى قايتۇرۇۋېلىشقا ئۇرۇنۇپ ھىندىستان بىلەن بولغان جىددىيلىكنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ» دېدى.
«ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى گوردون چاڭ (Gordon G. Chang) بۇ ھەقتە كۆز قارشىنى شەرھلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ ئىككى ناھىيەنىڭ قۇرۇلۇشى خىتاي بىلەن ھىندىستان ئارىسىدىكى سۆھبەت، يەنى كېلىشىم ئۈچۈن خىتاينىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بىر تاكتىكىسى بولۇشى مۇمكىن. خىتايلار ھىندىستانلىقلار بىلەن زېمىن مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەتلىشىۋاتىدۇ. ئەمما بىز مەسىلىگە سوغۇققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشمىز، يەنى خىتاينىڭ ھىندىستاننى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى چۈشىنىشىمىز كېرەك. خىتاي بۇنداق قىلىۋاتقىلى نەچچە ئون يىل بولدى. بۇ ئىككى ناھىيەنىڭ قۇرۇلۇشى خىتاينىڭ ھىندىستاننى پارچىلاش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ناھايىتى ئۇزۇن يىللار داۋام قىلغان بىر يۈرۈش تاكتىكىلىرىدىن يەنە بىرى».
ھىندىستان دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى ئاجىت دوۋال (Ajit Doval) 18-دېكابىر بېيجىڭدا خىتاينىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئەمەلىي كونترول سىزىقى (LAC) بويىدىكى تىنچلىقنى باشقۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلغانىدى. ئىككى رەھبەر يەنە لاداخنىڭ شەرقىدىكى ھەربىي تىركىشىش سەۋەبىدىن تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت توختاپ قالغان خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى مۇزاكىرە قىلغان. يەنى بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاھىدە ۋەكىللىرى خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا ۋە زېمىن مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغانىدى. بۇ ئۇچرىشىشنىڭ ئالدىدا خىتاي تەرەپ ھىندىستان بىلەن ھەمكارلىشىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ھالبۇكى شۇنىڭدىن 10 كۈن كېيىن خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە يېڭى ئىككى ناھىيەنى قۇرغانلىقىنى جاكارلىغان.
ھىندىستان ئاخبارات شىركىتى «يېڭى دېھلى تېلېۋىزىيەسى» (NDTV) تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۈگۈن بۇ ھەقتە بايانات بەرگەن. بەرگەن باياناتىدا، قوشنا دۆلەت (خىتاي) نىڭ ھىندىستاننىڭ تېررىتورىيەسى بولغان لاداخ زېمىنىدا ئىككى ناھىيە قۇرغاندىن كېيىن خىتايغا دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ نارازىلىقىنى ۋە قارشىلىقىنى يەتكۈزگەن.
ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى راندىر جايسۋال (Randhir Jaiswal) مۇنداق دېگەن: «‹ئاتالمىش ناھىيەلەر› نىڭ بىر قىسمى لاداخنىڭ زېمىنى بولۇپ، ھىندىستان ‹خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى ھىندىستان زېمىنىنى قانۇنسىز ئىشغال قىلىشىنى ئەزەلدىن قوبۇل قىلمىدى›. بىز خىتاينىڭ خوتەن ۋىلايىتىدە ئىككى يېڭى ناھىيە قۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇقتۇرۇشىنى كۆردۇق. بۇ ئاتالمىش ناھىيەلەرنىڭ بىر قىسمىنىڭ قانۇنى باشقۇرۇش ھوقۇقى ھىندىستاننىڭ لاداخ رايونىغا تەۋە. بىز رايوندىكى خىتاينىڭ ھىندىستان زېمىنىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋالغانلىقىنى ئەزەلدىن قوبۇل قىلمىدۇق. يېڭى ناھىيەلەرنىڭ قۇرۇلۇشى ھىندىستاننىڭ بۇ رايوندىكى ئىگىلىك ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇزۇندىن بۇيان ئىزچىل داۋام قىلغان مەيدانىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. شۇنداقلا بۇ، خىتاينىڭ رايوننى قانۇنسىز ۋە مەجبۇرىي ئىگىلىۋېلىشىغا قانۇنى ئاساس بىلەن تەمىنلىمەيدۇ. بىز خىتايغا دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىق جىددىي نارازىلىقىمىزنى ۋە قارشىلىقىمىزنى يەتكۈزدۇق».
تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى دوكتور ئەركىن ئەكرەم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «خېئەن ناھىيەسى» ۋە «خېكاڭ ناھىيەسى» تەسىس قىلىش ئارقىلىق بۇ رايونلارنىڭ خىتاي زېمىن ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش، خىتاي ۋە ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇندىن بۇيان داۋام قىلغان زېمىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھىندىستانغا بېسىم قىلىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
خىتاي 26-دېكابىر، ھىندىستان چېگراسىغا يېقىن تىبەتنىڭ براخماپۇترا (خىتايچە ئىسمى يارلۇزاڭبۇ) دەرياسىدا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سۇ ئامبىرى (توسما)، يەنى غايەت زور سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى تۈرىنىڭ قۇرۇلۇشىنى تەستىقلىغانىدى. ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى راندىر جايسۋال يەنە خىتاينىڭ براخماپۇترا دەرياسىدا سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى تۈرى قۇرۇلۇشىغا بولغان كۆز قارىشى ۋە ئەندىشىسىنى خىتايغا يەتكۈزگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن:
«بىز، خىتاي تەرەپنىڭ بىراخماپۇترا دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى پائالىيەتلىرىنىڭ تۆۋەن ئېقىندىكى دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتلىرىنىڭ زىيانغا ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدۇق. بىز مەنپەئەتىمىزنى قوغداش ئۈچۈن خىتاينىڭ ھەرىكىتىنى داۋاملىق نازارەت قىلىمىز ۋە زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىمىز».
دوكتور ئەركىن ئەكرەم خىتاينىڭ براخماپۇترا دەرياسىدا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سۇ ئامبىرى (توسما)، يەنى غايەت زور سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى تۈرى قۇرۇشىنىڭ مەقسىتىنىڭ بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ سۇ ۋە ئېلېكتىر ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، يەنە بىر تەرەپتىن ھىندىستان ۋە باشقا قوشنا دۆلەتلەرگە سىياسىي بېسىم قىلىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئانالىزچى گوردون چاڭ ئاخىرىدا، ھىندىستاننىڭ ياخشى نىيىتىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن سۇيىئىستېمال قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ، خىتاينىڭ ھىندىستاننىڭ مەۋجۇدىيىتى ئۈچۈن بىر تەھدىت ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى:
«مېنىڭچە، ھىندىستان خىتاينىڭ يامان غەرىزىنى بىلىدۇ. ئۇلار خىتاي بىلەن ئىناق ئۆتۈشكە تىرىشىۋاتىدۇ. ئۇلار نەچچە ئون يىل خىتاي بىلەن ئىناق ئۆتۈشكە تىرىشتى، ئەمما ھېچقانداق پايدىسى بولمىدى. خىتايلار ھىندىستاننىڭ دوستلۇقىغا دوستلۇق قايتۇرمىدى. يەنى ھىندىستاننىڭ ياخشى نىيىتىنى سۇيىئىستېمال قىلدى. ھىندىستان خىتاينىڭ مۇددىئاسىنىڭ ھىندىستان جۇمھۇرىيىتىنى پارچىلاش ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتىشى كېرەك. شۇڭا ھىندىستاننىڭ مەۋجۇدىيىتى ئۈچۈن بىر تەھدىت ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشتىن باشقا ئامالى يوق».
دوكتور ئەركىن ئەكرەم يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار زىچ، خىتايلار ناھايىتى ئاز بولغان خوتەن ۋىلايىتىدە مەزكۇر ئىككى يېڭى ناھىيە قۇرۇشتىكى مەقسىتىنىڭ بۇ جايلارغا تېخىمۇ كۆپ خىتاي نوپۇسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، چېگرا جايلاردىكى ئۇيغۇرلارنى يۆتكەپ، ئۇلارنىڭ ئورنىنى خىتايلار بىلەن تولدۇرۇش ئارقىلىق بۇ رايونلارنى كونترول قىلىش ئىكەنلىكىنىمۇ تەكىتلىدى. خىتاي دائىرىلىرى بۇنىڭدىن 9 يىل ئىلگىرى خوتەندە يەنە بىڭتۈەن كونتروللۇقىدا قۇرۇمقاش، يەنى كۈنيۈ شەھىرى قۇرۇپ، بۇ جايغا زور ساندىكى خىتاي ئاھالىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغانىدى.