11-مارت شەنبە كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلدىكى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى ۋە مەركىزى ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن تارىختا قۇرۇلغان خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىندا خوتەن ئىنقىلابىنىڭ ئومۇمىي شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ئىكەنلىكى تەكىتلەندى. يىغىن ئىستىقلال مارشى ئوقۇش بىلەن باشلانغاندىن كېيىن تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ رەئىسى ئابدۇجېلىل تۇران سۆز قىلىپ، 1932-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى خوتەننىڭ قاراقاش ناھىيەسىدە مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا باشچىلىقىدا گومىنداڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى قوراللىق ھەرىكەت باشلىتىلغانلىقىنى، بۇ ھەرىكەتتە خوتەن ئازاد بولغاندىن كېيىن شۇ يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى قۇرۇلغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئابدۇجېلىل تۇران سۆزىدە يەنە «خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى» توغرىسىدا ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن يېزىلغان ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمىنىڭ نەشر قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئابدۇجېلىل تۇران سۆزىدە كېيىنكى پىلانىدا يەنە 1933-يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە 1944-يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى توغرىسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇپ يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىلمىي ماقالىلەرنى رەتلەپ چىقىپ كىتاب نەشر قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. يىغىندا سۆز قىلغان پروفېسسور يازغۇچى سۇلتان مەخمۇت قەشقەرلى، 1932-يىلى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا باشچىلىقىدا خوتەندە ئېلىپ بېرىلغان قوراللىق ھەرىكەتنىڭ 1930-يىللاردا شەرقىي تۈركىستاندا ئومۇميۈزلۈك ئېلىپ بېرىلغان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسمى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا چوڭ ئاساس ياراتقانلىقىنى ئىپادىلىدى.

يىغىندا سۆز قىلغان ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھېكىم ئىدرىس ئەپەندى، ئۆزىنىڭ كىچىك ۋاقتىدا خوتەندە، مەرھۇم مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ سىڭلىسىنىڭ ئوغلى ئابلەتخان مەخسۇمدا ئوقۇپ يېتىشىپ چىققانلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىنى ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركسىتاننىڭ تارىخىنى ئۆگىنىش، شەرقىي تۈركسىتان توغرۇلۇق ئەقىلنى ئىشتىلىتىش، ئانالىز قىلىش ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى، باشتا بىز تارىخىمىزنى ئازات قىلىشىمىز كېرەك، تارىخىمىزنى ئازاد قىلغان ۋاقىتتا پىكىرىمىزنى ئازاد قىلالايىمىز، دۇنياغا ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز باشقۇرالايدىغان قابىلىيەتلىك ۋە تالانتلىق خەلق دېگەن ئوقۇمنى بېرىشىمىز كېرەك، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ خىل يىغىنلارنىڭ ئېچىلىشى بىز ئۈچۈن ئەھمىيەتلىكتۇر».
پروفېسسور سۇلتان مەھىمۇت قەشقەرلى سۆزىدە يەنە، خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلغان مەرھۇم مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ بىر ئۆلىما، ئىنقىلابچى رەھبەر، تارىخچى ئەدىب قاتارلىق سۈپەتلەرگە ئىگە كۆپ تەرەپلىمە ئۈلگۈلىك مۇھىم شەخس ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
يىغىندا سۆز قىلغان ئېگە ئۇنىۋېرىسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت، مەرھۇم لىدېر مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ھاياتى توغرىسىدا توختىلىپ، ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا يېتىشىپ چىققان، دىنى ئۆلىما، تارىخچى، دۆلەت ئەربابى، يازغۇچى، شائىر مىللىي ئىنقىلابچى بولۇپ تارىختا ئۆتكەن مۇھىم شەخس ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت مەرھۇم لىدېر مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ 1932-يىللىرى خىتاي ئىشغالىيىتىگە قارشى قوراللىق ھەرىكەت باشلاپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىنى ئازاد قىلغانلىقىنى ۋە خوتەندە ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇرغانلىقىنى، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا باشچىلىقىدىكى قوراللىق ھەرىكەتنىڭ 1933-يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا مۇھىم ھەسسە قۇشقانلىقىنى بىلدۈردى. خوتەن ئىنقىلابىنىڭ پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسمى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت، 1934 قەشقەردىكى ھۆكۈمەت ئىچكى ۋە تاشقى كۈچلەرنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ دەسلەپتە ھىندىستانغا كېيىن ئافغانىستانغا ھىجرەت قىلىپ بارغانلىقىنى، بۇ جەرىيانىدا شەرقىي تۈركىستان تارىخىنى يېزىپ چىقىش ئۈچۈن تارىخى مەنبەلەردىن ئىزدىنىپ ماتېرىيال توپلاپ «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» نامدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىممەتلىك بولغان ئەسەرنى يېزىپ چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت سۆزىدە يەنە مەرھۇم مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا يازغان ئەسەرلىرى ئارقىلىق، خىتاينىڭ «ئۇيغۇرلار تۈرك ئەمەس»، «شىنجاڭ شەرقىي تۈركىستان ئەمەس»، «ئۇيغۇرلار شىنجاڭنىڭ يەرلىك خەلق ئەمەس»، «قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تاتارلار تۈرك ئەمەس» دېگەن سەپسەتىلىرىگە تۈرك تارىخى پاكىتلار ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرۇپ رەددىيە بەرگەنلىكىنى تەكىتلىدى.
مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، شەرقىي تۈركىستان تارىخى ناملىق ئەسىرىدە يېزىلىشىچە، تۈركىستان نامى تۈرككە ئائىتتۇر، تۈركىستان ئەزەلدىن تۈركلەرنىڭ ئانا يۇرتىدۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تاتارلارمۇ تۈركتۇر، چۈنكى تۈرك تارىخى مەنبەلەردە تۈركلەرنىڭ ئانا يۇرتى ئوتتۇرا ئاسىيادۇر. .
پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت، مەرھۇم لىدېر مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ «شەرقىي تۈركىستان تارىخىي» ناملىق ئەسىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي، مىللىي كىملىكىنى تونۇش جەھەتتە ناھايىتى قىممەتلىك ئىپتىخارلىنارلىق بىر ئەسەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ ئەسەر ئۇيغۇرلارغا ئۇيغۇر تارىخى، ئۇيغۇر كىملىكى بىلەن پەخىرلىنىشنى، ياشاۋاتقان زېمىننى سۆيۈشنى، خىتاينىڭ ئىدېئولوگىيەلىك، سىياسىي ۋە پسىخىكىلىق بېسىملىرىغا قارشى تۇرۇشنى ئۆگەتتى».
يىغىندا يەنە دوكتور ئەسئەت سۇلايمان ئەپەندى، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ «شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىنقىلاب تارىخى» دا ئىزاھات بەرمىگەن ئۈچ تۈگۈن دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.
يىغىندا يەنە شەرقىي تۈركىستان تارىخى ناملىق ئەسەرنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇرغان تەتقىقاتچى شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇللا ئوغۇز ئەپەندى، خوتەن ئىنقىلابىي ۋە خوتەندە قۇرۇلغان ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت توغرىسىدا سۆز قىلدى.
يىغىندا سۆز قىلغان دوكتۇر نۇرئەخمەت قۇربان ۋە مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ يېقىن تۇغقانلىرىدىن تەتقىقاتچى مۇھەممەد ئېلى ئېلىئوغلى ئەپەندى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ھاياتى ۋە سىياسىي پائالىيەتلىرى توغرىسىدا توختالدى.
يىغىن ئاخىرىدا «خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى» ناملىق يېڭىدىن نەشر قىلىنغان كىتاب يىغىنغا قاتناشقۇچىلارغا ھەقسىز تارقىتىلدى.
20-ئەسىردە ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر سىياسىي ئەربابى ۋە تارىخچى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا 1901-يىلى خوتەندە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، 1965-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە ئالەمدىن ئۆتكەن. مەرھۇم توغرىلىق تۈركىيەدە ئىككى كىتاب، 20 پارچە ماقالە ئېلان قىلىنغاندىن سىرت، يەنە تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسى ت ر ت ئاۋازى، مۇھەممەتئىمىن بۇغرا ھەققىدە ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەپ تارقاتتى.