«خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى» ناملىق كىتاب يورۇق كۆردى
2023.03.20

ئۇيغۇر دىيارىدا 2017-يىلىدىن بۇيان ئەدەبىيات، تارىخ ۋە مەدەنىيەت ساھەلىرى بويىچە، بولۇپمۇ ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدە ئۇيغۇر تىلىدا كىتاب نەشر قىلىنمايۋاتقان بىر پەيتتە، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ خوجايىنى ئابدۇجېلىل تۇران نەشرگە تەييارلىغان «خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى (1933-1934)يىللار» ناملىق كىتاب يورۇق كۆردى. مەزكۇر كىتاب بۇ ئاي خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نەشر قىلىنغان بولۇپ، خوتەن ئىنقىلابى ھەققىدە كۆپ يېڭى مەلۇماتلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۇنجى كىتاب ئىكەن. مەزكۇر كىتاب 382 بەتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، كىتابقا خوتەن ۋە خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى توغرىسىدا يېزىلغان 11 پارچە ماقالە كىرگۈزۈلگەن.
مەزكۇر كىتاب ھەققىدە سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرگەن ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى بۇ كىتابنى يېزىپ چىقىشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «1933-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى خوتەندە مۇھەممەد ئىمىن داموللام باشچىلىقىدا شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى باشلىنىپ، تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ، يېڭىساردىن چەرچەن، چاقىلىققىچە بولغان زېمىنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا شۇ يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان. بۇنىڭغا بۇ يىل دەل 90 يىل بولدى. خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ‹خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى› نامىدا بىر ئابىدە تىكلەش مەقسىتى بىلەن ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى ئابلېكىم ئىدرىسنىڭ قوللىشى بىلەن بۇ كىتابنى نەشر قىلدۇردۇق».
ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى مەزكۇر كىتابنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەزكۇر كىتابىغا ئەينى زاماندا خوتەن ئىسلام ئىنقىلابىغا بىۋاسىتە قاتناشقان ياكى مەزكۇر ئىنقىلابىغا شاھىت بولغان ئۇلۇغ زاتلارنىڭ ۋە پېشقەدەم ئىنقىلابچىلارنىڭ 1980-يىللاردا يېزىپ قالدۇرغان ۋە يەرلىك مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان ئەسلىمىلىرى كىرگۈزۈلگەننىڭ سىرتىدا، مۇھەممەد ئابدۇللاھ بەگھاجى ۋە ئاخۇن قىزىبەگ دېگەن زاتلار يېزىپ قالدۇرغان، ئىلگىرى ھېچقانداق مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنمىغان، ئۇزۇندىن بۇيان قولۇمدا ساقلاپ كېلىۋاتقان، ئايرىم كىتاب قىلىپ تارقىتىش پۇرسىتى بولماي كەلگەن ‹خوتەن تارىخى› ۋە ‹خوتەن ۋەقەلىرى› ناملىق ئىككى پارچە تارىخىي ئەسلىمە كىرگۈزۈلدى. كىتابقا كىرگۈزۈلگەن ئەسلىمىلەر ئەينى ۋەقە ھەققىدە ئايرىم-ئايرىم مۇئەللىپلەر تەرىپىدىن يېزىلغان ئەسلىمىلەر بولغاچقا، نۇرغۇن ۋەقەلىكلەر تەكرارلانغان بولسىمۇ، بىز ماقالىلەرنى قىسقارتماستىن، ئۆزگەرتمەستىن ئەينەن ئېلان قىلدۇق».
ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى كىتابنىڭ ئاخىرىغا خوتەندە ئىز قالدۇرغان 41 كىشىنىڭ تىزىملىكىنى كىرگۈزگەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «كىتابىمىزنىڭ ئاخىرىغا خوتەندە ئىز قالدۇرغان ئىنقىلاب رەھبەرلىرى، ئالىم، ئۆلىما ۋە مائارىپچىلاردىن 41 كىشى تاللاپ كىرگۈزۈلدى. گەرچە خوتەندە ئۆز ۋەتىنى ۋە مىللىتىنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلغان كىشىلەرنىڭ سانى ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ، بۇ كىتابىغا ئۇلارنىڭ ئىچىدىن 41 كىشىنى تاللاپ كىرگۈزدۇق».
ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى ئاخىرىدا «خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى» ناملىق كىتابنى تەييارلىشىغا ياردەم قىلغانلارغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «ئاخىرىدا مەزكۇر كىتابنى نەشرگە تەييارلاش جەريانىدا، ماڭا پىكىر ۋە مەسلىھەت بېرىپ تۇرغان ۋە مەزكۇر كىتابىغا ئاتاپ مەخسۇس بىر پارچە ئىلمىي ماقالە يېزىپ بەرگەن دوكتور ئەسئەت سۇلايمانغا، بىر قىسىم شەخسلەرنىڭ تەرجىمھالىنى يېزىپ بەرگەن ئىنىم ۋە دوستۇم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدكە ۋە بۇ كىتابنىڭ يورۇققا چىقىشىدا ماددىي ۋە روھىي جەھەتتىن ياردەم قىلغان ئابلىكىم ئىدرىسكە رەھمەت ئېيتىمەن.»
شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى شائىر ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئەپەندى بىر مىللەتنىڭ ئومۇمىي تارىخىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن ھەر قايسى جايلارنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىپ چىقىشنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى، بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا «خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى» ناملىق كىتابنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ ئىنتايىن زور ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇلەھەد ئۇچقۇن ئەپەندى خوتەن تارىخى ھەققىدە تۇنجى قېتىم ۋۇجۇدقا چىققان «خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى» ناملىق كىتابقا يۇقىرى باھا بەردى.