ئامېرىكا بازارلىرىغا خوتەندىن كەلگەن گۈزەل چاچلار ئەسلى كىملەرنىڭ؟ (1)

0:00 / 0:00

ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئېلان قىلغان رەسمىي بۇيرۇقىغا ئاساسەن، ئامېرىكانىڭ ھەر قايسى چېگرا ئېغىزلىرى، خوتەننىڭ لوپ ناھىيەسىدىكى «ھاولىن (خاۋلىن) چاچ قوشۇمچە بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتى» نىڭ تاۋارلىرىنى بىردەك تۇتۇپ قېلىشقا باشلىدى. ئامېرىكانىڭ بۇ چەكلىمىنى ئىجرا قىلىشىغا، «خاۋلىن» مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلىدىغانلىقى سەۋەب بولغان، ئەمما ئىنساننىڭ چېچىدىن ياسىلىپ، تا خوتەن لوپتىن ئامېرىكا بازىرىغىچە كىرگەن بۇ بۇيۇملارنىڭ خام ئەشيا زەنجىرىنىڭ لاگېرلارغا تۇتۇشۇش ئېھتىماللىقى ئوتتۇرىغا چىقارماقتا. مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ، بۇ ھەقتىكى ئېنىقلاشلىرىنىڭ بىرىنچى قىسمىغا دىققەت قىلغايسىز.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مىليونلارچە كىشىنى لاگېرغا سولاش بىلەن تەڭ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىپادىسى ياخشى دەپ قارالغانلارنى «كەسىپكە چىقىرىش» دېگەن نامدا، خىتايلار مەبلەغ سالغان زاۋۇت-كارخانىلاردا مەجبۇرىي ۋە ھەقسىز ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىغا دائىر تەپسىلىي ئۇچۇرلار، يېقىنقى مەزگىللەردە كۆپلەپ ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى. لاگېر قورۇسى ئىچىگە ياكى يېقىن جايلاردىكى سانائەت رايونلىرىغا خىتايلار قۇرغان كىيىم-كېچەك، تۇرمۇش بۇيۇملىرى، تازىلىق بۇيۇملىرى، ماشىنا زاپچاشلىرى، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىقلارنى پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان زاۋۇت-كارخانىلارنىڭ لاگېرلادىكى تۇتقۇنلارنى مەجبۇرىي ۋە ھەقسىز ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى دەلىللەنمەكتە.

مۇتەخەسسىسلەر بۇنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار لاگېردىن قۇتۇلغان تەقدىردىمۇ زور ئىقتىسادىي مەنپەئەت بىلەن باغلانغان زاۋۇتلاردا قۇل بولۇشتىن يەنىلا قۇتۇلالمايدىغان سىستېما بەرپا قىلىنغانلىقىنى، يەنى لاگېرلارنىڭ ئىككىنچى قەدىمىنىڭ ئەمەلگە ئېشىپ بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ دەپ مۇلاھىزە قىلماقتا.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەنە شۇ خىل زامانىۋى قۇللۇق ئەمگەك بەدىلىگە ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغىچە كىرگەنلىكىنىڭ پاش بولۇشىغا ئەگىشىپ، ئامېرىكا چېگرا قوغداش ۋە تاموژنا ئىدارىسىنىڭ دىققىتىنى خىتاي زاۋۇت كارخانىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئىشلەپچىقارغان ۋە ئامېرىكا ئېكسپورت قىلىنغان ماللىرىغا قاراتماقتا.

ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئامېرىكانىڭ بارلىق كىرىش ئېغىزلىرى، ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا مۇداپىئە تارماقلىرىغا قارىتىپ، خوتەن لوپقا جايلاشقان «خاۋلىن شىركىتى» نىڭ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشتا مەجبۇرىي ئەمگەك قوللىنىۋاتقانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارغا ئاساسەن ئۇنىڭ مەھسۇلاتىنى تۇتۇپ قېلىش بۇيرۇقى چىقارغانىدى. ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بۇ بۇيرۇقى 2020-يىل 5-ئاينىڭ 1-كۈنى ئېلان قىلىنغان كۈنىدىن باشلاپ ئامېرىكانىڭ ھەر قايسى چېگرا ئېغىزلىرىدا بىرلا ۋاقىتتا دەرھال ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان.

ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا باشقۇرۇش ئىدارىسى ئېلان قىلغان «خاۋلىن چاچ قوشۇمچە بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتى» مەھسۇلاتلىرىنىڭ تولۇق ياكى قىسمەن تاۋارلىرىنى تۇتۇپ قېلىش ئۇقتۇرۇشى ھەققىدە سودا ئىشخانىسىنىڭ ياردەمچى ئىجرائىيە كومىسسارى برېندا سىمىس مۇنداق دېگەن؛ «سودا ساھەسى ئۆزىنىڭ تەمىنات زەنجىرىنى يېقىندىن تەكشۈرۈپ، ئامېرىكا سودا ۋە ئىستېمال ساھەسىگە ئۇلار سېتىۋالغان مەھسۇلاتنىڭ بىخەتەر ئىكەنلىكى ۋە ئەخلاقىي ئۆلچەمگە توشىدىغانلىقى، ئۇنىڭ ھەرقانداق مەجبۇرىي ئەمگەكتە ئىشلەپچىقىرىلمىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى ئىنتايىن مۇھىم».

ئۇقتۇرۇشتا فېدېراتسىيە قانۇنىنىڭ 19 1307-ماددىلىرى مەجبۇرىي ئەمگەك بەدىلىگە ئىشلەپچىقىرىلغان تاۋارلارنى پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن ئىمپورت قىلىشنى مەنئى قىلىدۇ، دەپ كۆرسىتىلگەن.

ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا تەكشۈرۈشىگە قاتنىشىۋاتقان خەلقئارا سودا مۇتەخەسسىسى دوكتور ۋىرجىنىيە ۋاكنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭدىن ئۇيغۇرلار مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى سەۋەبلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلەيدىغان بۇ قانۇننىڭ، مەزكۇر زاۋۇت-كارخانىلارنى جازالاشقىمۇ تەتبىقلىنىش ئېھتىماللىقى بار-يوقلۇقىنى سورىدۇق.

دوكتور ۋاك بۇنى مۇنداق دەپ چۈشەندۈردى: «ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا باشقۇرۇش ئىدارىمىزنىڭ ئاساسلىق نىشانىمىز مەجبۇرىي ئەمگەك بەدىلىگە كەلگەن مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى چەكلەش. شۇڭا خاۋلىن شىركىتىنىڭ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشتا مەجبۇرىي ئەمگەك قوللىنىۋاتقانلىقىغا دائىر ئىسپاتلىق ئۇچۇرلارغا ئاساسەن ئۇنىڭ مەھسۇلاتىنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى تۇتۇپ قېلىشنى قارار قىلدۇق. بۇ چەكلىمە بىلەن بىرلىكتە يەنە ئامېرىكا بازىرىدا ئىستېمالچىلارغا شۇ خىلدىكى ماللارنى تەمىنلىگەنلەرگە قارىتا قانۇنىي ۋە ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزەلەيمىز. ئەمما ئىشىنىمەنكى بۇ ئۇچۇرلار يەنە چوڭقۇرلاپ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىقتىسادىي ھوقۇقنى قوغداشقا مەسئۇل ئورگانلار ئۈچۈنمۇ مەجبۇرىي ئەمگەكنى يولغا قويۇپ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يۈرگۈزگەنلەرگە قارىتا جازا يۈرگۈزۈشتە پايدىلىنىشقا بولىدىغان ئۇچۇرلار ھېسابلىنىدۇ».

بىز ئۇنىڭدىن يەنە ئەگەر ئىستېمالچىلار ياكى ئامېرىكادىكى سودا شىركەتلىرى بۇ خىل مەھسۇلاتلارنىڭ قۇللۇق ئەمگەك بەدىلىگە كەلگەنلىكىدىن خەۋەرسىز ھالدا سېتىۋالغان بولسا، ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنى قانداق قىلىپ قوغدىيالايدۇ دەپ سورىغان سوئالىمىزغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: «ئامېرىكا تەمىنلەش زەنجىرىدىكى بىخەتەر ۋە قانۇنسىز بۇيۇملارنى نىشانلاش ۋە يوقىتىشقا مەسئۇل سودا جەمئىيىتى ئەزالىرىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنى يېقىندىن تەكشۈرۈشى ئىنتايىن مۇھىم. ئامېرىكا قانۇنى، مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكىغا ئىمپورت قىلىنىشى پۈتۈنلەي چەكلەيدۇ. ئامېرىكا سودا شىركەتلىرى ۋە ئىستېمالچىلىرى ئۆزلىرى سېتىۋالغان مەھسۇلاتلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكلەرنى ئىشلەتمەي تۇرۇپ ئىشلەنگەنلىكىگە ئىشەنچ قىلالمىغان تەقدىردە، تور بېتىمىزدىكى دۆلەت تەرىپىدىن ئاشكارا تەمىنلەنگەن قانۇنغا تەتبىقلاپ تۇرۇپ، بىزگە ئېلېكترونلۇق ئەيىبلەش تور سودىسىغا خىلاپلىق قىلىش مەلۇم قىلىش سىستېمىسى ئارقىلىق ياكى تېلېفون قىلىش ئارقىلىق تەپسىلىي ئەرز سۇنسا بولىدۇ. بىز ئاممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەشكىلات ۋە ھەر خىل مەنبەلەردىن مەجبۇرىي ئەمگەك قىلىش ئەيىبنامىسىنى قوبۇل قىلىمىز».

«خاۋلىن چاچ بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتى»، ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش بىلەن شۇغۇللانغان دەپ قارىلىپ ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا باشقۇرۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن مەھسۇلاتىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشى چەكلەنگەن 2-خىتاي شىركىتىدۇر. بۇنىڭ ئالدىدا خوتەن «تەيدا كىيىم-كېچەك شىركىتى» نىڭ خوتەندىكى زاۋۇتىدا نۇرغۇن لاگېر تۇتقۇنلىرىنى ئىشلىتىۋاتقانلىقى ئاشكارىلىنىپ، مەھسۇلاتلىرى چەكلەنگەنىدى.

ئەمما بۇ قېتىمقى چەكلەنگەن مەھسۇلاتلار پەقەت ئىنساننىڭ چېچىنى خام ئەشيا قىلىدىغان مەھسۇلاتلاردۇر. مەلۇم بولۇشىچە خىتاي دۇنيادىكى ئەڭ زور چاچ ئېكسپورت دۆلىتى بولۇپ، دۇنيا چاچتىن ئىشلەنگەن بۇيۇملار بازىرىدا، 80 پىرسەنتتىن كۆپرەك ماللار خىتايدا پىششىقلاپ ئىشلىنىدىكەن.

خىتاي باھا ۋە خام ئەشيا زاپاس مال مىقدارى بىلەن دۇنيانىڭ چاچ بازىرىنى ئىگىلىگەنىكەن. چاچ سودىسى ئىستاتېستىكىلىرى ۋە باشقا بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، ئىنساننىڭ چېچى خام ئەشيا قىلىنغان تەبىئىي كەيمە چاچ ۋە كىرپىك گۈزەللەشتۈرۈش بۇيۇملىرىنىڭ بىردىنبىر خام ئەشياسى پەقەت چاچتىن ئىبارەت. ھازىرغىچە بۇنىڭ ئورنىنى تامامەن باسىدىغان ئىككىنچى بىر خام ئەشيا كەشىپ قىلىنمىغان.

ئادەتتە خىتايدا ھەر كىلوگرام چاچنىڭ سېتىپ ئېلىش باھاسى، سۈپىتىگە قاراپ 80 يۈەندىن نەچچە يۈز يۈەنگىچە بولسا، پىششىقلاپ ئىشلەنگەندىن كېيىنكى بازار باھاسى نەچچە ئون مىڭ يۈەنگە يېتىدىكەن. خىتاينىڭ چاچ بۇيۇملىرى ئېكسپورت قىممىتى 6 مىليارد دوللارغا يېتىدىكەن.

«ستاتىستا» تورىدىكى ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا ئامېرىكا خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ چاچ مەھسۇلاتلىرى خېرىدارى بولۇپ، 2018-يىلى خىتاينىڭ چاچتىن ئىشلەنگەن بۇيۇملىرىنىڭ ئېكسپورت قىممىتى 3 مىليارد 150 مىليون دوللاردىن ئاشقان بولۇپ، بۇنىڭ 42پىرسەنتىنى ئامېرىكا سېتىۋالغان شۇنداقلا يىلدىن يىلغا ئېكسپورت مىقدارى ئېشىپ بارماقتىكەن.

بىز خوتەن لوپتا قۇرۇلغان «خاۋلىن چاچ قوشۇمچە بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتى» ھەققىدە ئىزدىنىشلىرىمىزدە لوپ بازا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تورى قاتارلىق مەنبەلەردىن، خاۋلىن شىركىتىنىڭ 2018-يىلى1-ئاينىڭ 19-كۈنى شەخسنىڭ 8 مىليون يۈەن مەبلىغى بىلەن لوپ ناھىيەسىدە قۇرۇلغانلىقىنى بىلدۇق. بۇنىڭدا مەزكۇر شىركەتنىڭ ئاساسلىقى چاچ يىغىش، پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە چاچ قوشۇمچە بۇيۇملىرىنى ئېكسپورت قىلىش كەسپىنى ئاساس قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

بىز لوپ ناھىيەلىك بازا باشقۇرۇش ئىدارىسىگە تېلېفون قىلىپ خاۋلىن چاچ مەھسۇلاتلىرى شىركىتىنى سورىدۇق.

مۇخبىر: لوپتىكى خاۋلىن چاچ بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان شىركەتنىڭ ئورنى نەدە؟

جاۋاب: ھە ئۇ سانائەت رايونىدا، بېيجىڭ سانائەت رايونى.

مۇخبىر: بۇ زاۋۇت راست ئادەمنىڭ چاچلىرىنى ياسامدۇ؟

جاۋاب: ھە ئە.

مۇخبىر: بۇ شىركەت مەھسۇلاتىنىڭ خام ئەشياسىنى تەكشۈرۈپ باقتىڭلارمۇ؟ شۇنى سوراپ باقاي دېگەنتىم.

جاۋاب: مەن ئۇنى تازا ئۇقمايدىكەنمەن. مەن ماۋۇ شىركەتلەر كىنىشكا بېجىرىدىغان كۆزنەكتە. ئاشۇنداق كارخانىغا كىنىشكا بېجىرگەن، لېكىن ئۇ قانداق چاچ ياسايدۇ تازا ئوبدان بىلمەيدىكەنمەن.

مۇخبىر: لاگېر ۋە تۈرمىدىكىلەرنىڭ چېچىنى ئىشلىتىپتۇ دېگەننى ئاڭلىغان ئىدۇق، بۇ زاۋۇت چەتئەلگىمۇ چىقىرىدىكەنغۇ مەھسۇلاتىنى؟

بۇ سوئالغا ئۇ بىر ئاز تۇرۇپ قالدى ئەمما ئىنكار قىلمىدى. ئۇ: «مەن ئۇقمايمەن ئۇ ئەھۋاللىرىنى، نەدىكى قاملاشمىغان گەپنى سورىماڭ مەندىن» دەپلا تېلېفوننى جاققىدە قويدى. كېيىن بۇ تېلېفون ئۇلانمىدى.

لوپ ناھىيەسىدە 2017-يىلىدىن باشلاپ قۇرۇلغان بېيجىڭ سانائەت رايونى تورىدىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، بۇ سانائەت رايونىغا جەمئىي 30 شىركەت ۋە كارخانا جايلاشقان بولۇپ، مەخسۇس ئىنسانىڭ چېچىنى يىغىش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەشنى كەسىپ قىلغان يالغۇز «خاۋلىن شىركىتى» ئەمەس. بۇ يەردە يەنە «دوڭ ياڭ چاچ بۇيۇملىرى شىركىتى»، «جىن پىڭ چاچ بۇيۇملىرى شىركىتى»، «سىن تې چاچ گۈزەللىك بۇيۇملىرى پىششىقلاپ ئىشلەش شىركىتى» قاتارلىق 3 شىركەت بار ئىكەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىنسان چېچىدىن كەيمە چاچ، كىرپىك قاتارلىق قوشۇمچە چاچ مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە خىتاي ئىچىدىكى چاچ بۇيۇملىرى شىركەتلىرىنى خام ئەشيا ۋە مال بىلەن تەمىنلەش، ئېكسپورت قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقى ئاشكارىلاندى.

«ئاسىيا كىندىكى» گېزىتىنىڭ 1-ماي تارقاتقان خەۋىرىگە قارىغاندا بېيجىڭ سانائەت رايونىدىن سىرت لوپتا يەنە 400 مو دائىرىدىكى مەخسۇس چاچ بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىش سانائەت باغچىسى قۇرۇلغان. 2018-يىلى ئەڭ دەسلەپ شۈچاڭ ۋە خۇنەننىڭ جاۋياڭ شەھەرلىرىدىكى چاچ پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتلىرى لوپقا ئورۇنلاشقاندىن بۇيان ھازىر جەمئىي 24 شىركەتكە يەتكەن بولۇپ، بۇلاردا يەرلىكتىن 4000 نەپەر ئۇيغۇر ئىشلىتىلمەكتىكەن.

بۇ شىركەتلەرنىڭ ھەممىسى 20180 يىلىدىن كېيىن قۇرۇلغان. ئەمما «خاۋلىن شىركىتى»» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ شىركەتلەر ھەققىدە باشقا تەپسىلىي ئۇچۇرلار چەتئەلدىن كىرىپ تەكشۈرگۈچىلەر ئۈچۈن چەكلەنگەنىكەن.

گەرچە خىتايدىن ئامېرىكا بازىرىغا كىرىۋاتقان بۇ چاچ ۋە چاچتا ياسالغان بۇيۇملارنىڭ ئامېرىكانىڭ دۇنيا مىقياسىدىن ئىمپورت قىلىۋاتقان چاچ مەھسۇلاتىنىڭ 59 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغانلىقى بازار ستاتىستىكىسىغا دائىر ئۇچۇرلاردىن كۆرۈۋالغىلى بولسىمۇ، بۇ خىتايدىن كىرىۋاتقان چاچتىن ياسالغان بۇيۇملارنىڭ زادى قانچىلىك قىسمىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ياسالغانلىقى ۋە ئۇنىڭ كىملەردىن، قانداق شەكىلدە ئېلىنغان چاچلارنى خام ئەشيا قىلغانلىقى ئېنىق ئەمەس.

ئەمما يەنە بىر تەرەپتىن، لاگېردىن تىرىك چىقالىغاندىن كېيىن رادىئومىزغا لاگېر سىرلىرىنى ئاشكارىلاۋاتقان شاھىتلاردىن، مېھرىگۈل تۇرسۇن، گۈلباھار جېلىل، زۇمرەت داۋۇت، تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن ۋە سايراگۈل قاتارلىق 10 غا يېقىن شاھىتنىڭ، رادىئومىزغا لاگېرنىڭ ئىچكى سىرلىرى ھەققىدە بەرگەن گۇۋاھلىقلىرىدا بىردەك ئوخشاش نۇقتىنى تەكرارلىغانىدى. قازاقىستاندىكى لاگېر شاھىتى تۇرسۇنئاينىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ لاگېرغا ئېلىپ بېرىلىپلا باشقا تۇتقۇنلارغا ئوخشاش چېچى مەجبۇرىي چۈشۈرۈۋېتىلگەن، ئەمما ئۇ تۇتقۇنلاردىن يىغىۋېلىنغان چاچلارنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىدىن بىخەۋەر.

ھازىر ئامېرىكا بازارلىرىغىچە كىرگەن چاچ بۇيۇملىرىنىڭ ئۇيغۇر لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ چېچىمۇ قانداق دېگەن سوئالنى پەيدا قىلىش تەبىئىي. ئۇنداقتا تەخمىنەن 3 مىليون ئىنسان لاگېرلارغا قامالغان تەقدىردە بۇ قانچىلىك چاچ؟، خىتاي دائىرىلىرى بۇ بىكارلىق چاچلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلدى؟

2017-يىلىدىن كېيىن لاگېرلار بىلەن ئوخشاش مەزگىلدە خىتايلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان چاچ بۇيۇملىرى كارخانىلىرىنى ئادەم چېچىدىن ئىبارەت باشقا نەرسە ئورنىنى ئالالمايدىغان بىردىنبىر خام ئەشيا بىلەن تەمىنلەۋاتقان ئورۇن ياكى ئادەملەر كىملەر؟ ئادەم چېچىنى خام ئەشيا قىلىدىغان بۇ شىركەتلەر ئىشلەپچىقىرىۋاتقان چاچ بۇيۇملىرىغا ئىشلىتىلگەن چاچلار سېتىۋېلىنغانمۇ؟ مەجبۇرىي ئېلىنغانمۇ؟ لوپتا قۇرۇلغان «خاۋلىن چاچ مەھسۇلاتلىرى» نىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بەدىلىگە كەلگەندىن باشقا، مەھسۇلات خام ئەشياسىنىڭ 3 مىليوندىن ئارتۇق لاگېرغا قامالغانلىقى قەيت قىلىنىۋاتقان بۇ ئۇيغۇر ۋە باشقىلارنىڭ مەجبۇرىي چۈشۈرۈلگەن چاچلىرى بولۇش ئېھتىماللىقى ھەققىدە گۇمان پەيدا قىلىدۇ.

چۈنكى ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار ۋە بۇ خىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ گىتلېر گېرمانىيەسى دەۋرىدە يەھۇدىيلار باشتىن كەچۈرگەن ھادىسىلەر ئىكەنلىكىنى، ئەمدىلىكتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي پاجىئەلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغانلىقى نۇرغۇن تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كەلمەكتە. ئەينى چاغدا جازا لاگېرلىرىغا قامالغان يەھۇدىيلارنىڭمۇ چاچلىرى چۈشۈرۈلگەن ۋە ناتسىستلار تەرىپىدىن بەزى بۇيۇملارغا خام ئەشيا قىلىنغان.

لوپتىن ئامېرىكاغىچە كەلگەن «خاۋلىن چاچ مەھسۇلىرى» نىڭ زەنجىرىدىكى بۇ ئۈزۈك نۇقتىلار، خەلقئارا سودا مۇتەخەسسىسى، دوكتور ۋىرجىنىيە ۋاكنىمۇ ئويلاندۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇنچە كۆپ چاچقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنىڭ چاچلارنىڭ لاگېرغا باغلىنىشى ھەققىدە تۈرلۈك قىياس ۋە گۇمان پەيدا قىلىشى تەبىئىي. ئەمما ئۇ ھازىرچە ئېنىق پاكىت ئوتتۇرىغا چىقمىغان شارائىتتا بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ خام ئەشيا مەنبەسىنى لاگېردا مەجبۇرىي ئېلىۋېلىنغانلار دەپ بېكىتكىلى بولمايدىكەن.

ئامېرىكانىڭ خەلقئارالىق دىنىي ئەركىنلىك ئالاھىدە ئەلچىسى سام بروۋنبەك قىلغان سۆزىدە: «ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى داۋاملىق يورۇتىمىز ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن خىتايغا ۋىزا چەكلىمىسى ۋە ئىقتىسادىي جازا قوللىنىش تەلىپىمىزدىن بۇ مەسىلىلەر پۈتۈنلەي ھەل قىلىنىپ بولۇنمىغىچە يانمايمىز» دەپ ئوچۇق مەيدانىنى ئىپادە قىلغانىدى.

ئەمما، بەزى مۇتەخەسسىسلەر، خىتايلارنىڭ زور ئىقتىسادىي مەنپەئەتى بىلەن باغلانغان «خاۋلىن چاچ قوشۇمچە بۇيۇملىرى شىركىتى» گە ئوخشاش خىتاي كارخانىلىرىدىن ئامېرىكىغا كەلگەن چاچ بۇيۇملىرى، يالغۇز ئۇيغۇرلارنىڭ قۇل قىلىنىۋاتقانلىقىنىڭ پاكىتى بولۇپلا قالماي، ئۆز چېچىغىمۇ ئىگە بولالمايۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىرىنى ھەتتا خىتاينىڭ لاگېردا ئىنسانىيەت ئۈستىدىن جىنايەت ئۆتكۈزۇۋاتقانلىقىنىڭ مۇھىم ئىسپاتى بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

لوپتىن تا ئامېرىكاغىچە كەلگەن چاچ بۇيۇملىرىنىڭ ئەسلى مەنبەسى توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلىرىمىزنىڭ نەتىجىلىرى ھەققىدە كېيىنكى ئاڭلىتىشلىرىمىزدا داۋاملىق مەلۇمات بېرىمىز.