خوتەن قاشتېشى خورىماس خەزىنىمۇ؟ (2)
2025.03.07

يۇرۇڭقاش دەرياسىدىن چىقىۋاتقان خوتەن قاشتېشى، قاشتاشلارنىڭ ئەڭ ئېسىل تۈرلىرىدىن بولۇپ، بۇ، ئالاھىدە ئەتىۋارلىنىدۇ. بولۇپمۇ خىتايدا خوتەن تاشلىرىنىڭ قىممىتى ئالاھىدە يۇقىرى ھېسابلىنىدۇ. چەكلىك بولغان بۇ بىباھا گۆھەر-قاشتېشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئېغىر بەدەللەر تۆلەنمەكتە.
خىتاي دائىرىلىرى بۇ قېتىم، خوتەن قاشتېشى چىقىدىغان يۇرۇڭقاش دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ قالايمىقان قېزىش تۈپەيلى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش مەسىلىنى تۈزەش ئۈچۈن، قاشتېشى بايلىقىنى قالايمىقان ۋە قانۇنسىز قېزىشقا قاتتىق زەربە بېرىشتە قوراللىق ساقچىلارنى ئىشقا سېلىپ، قاشتېشى قېزىش رايونىدا كۆچمە تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنى قۇرۇپ، قانۇنسىز قاشتېشى قازغۇچىلارنى جازالاش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خوتەن قاشتېشىنى قانۇنسىز قېزىشقا زەربە بېرىشنى كۈچەيتىشى، قالايمىقان قازغۇچىلار كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان مۇھىت بۇزغۇنچىلىقىنى تۈزىمەكچى بولۇشى يەرلىك خەلققە پايدىلىق بولىدۇ دەپ ئويلاپ قېلىنىشى مۇمكىن.
ھالبۇكى ئائىلىسىدىكىلەر بىر قانچە ئەۋلاد تاشچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان ھازىر تۈركىيەدىكى، شەرقىي تۈركىستان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش جەمئىيىتى (ETHR) باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئۇدۇن، بولسا بۇنىڭ پەقەت قاشتېشى بايلىقىنىڭمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىن رەسمىي شەكىلدە تارتىۋېلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.
قاشتېشى قېزىشقا قاتتىق زەربە بېرىشلەر ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلىپ كەلمەكتە
خوتەندە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئابدۇلئەھەد ئۇدۇننىڭ ئۆزى شاھىت بولغانلىرى ئاساسىدا چۈشەندۈرۈشىچە، خوتەننىڭ گۆھىرى ئاتالغان قاشتېشىنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ كەلگەن خىتايلارنىڭ كۆپىيىشى بىلەن، 90-يىللاردىن باشلاپ قاشتېشى خوتەن دىيارىدىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېيىشىغا سەۋەب بولغان بولسا، ھالبۇكى 2000-يىللاردىن كېيىن، ئارقا ئىشىك، پارىخورلۇققا كۆنگەن يەرلىك خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ نەپ ئېلىشى ئارقىسىدا يۇرۇڭقاش دەرياسىدا خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئېغىر تىپلىق قېزىش ماشىنىلىرى ۋە سايمانلار بىلەن كەڭ كۆلەمدە، ھەددىدىن زىيادە ئەسەبىيلەرچە قېزىش باشلىنىپ ئۇزۇن يىللار داۋاملاشقان. بۇ، مۇھىتنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغان.
ئابدۇلئەھەدنىڭ قارىشىچە، ئەمدىلىكتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاشتېشى قېزىشنى باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشقا باشلىغانلىقى قاشتېشى بايلىقىنى ۋە ياكى بايلىق مەنبەسى بولغان يۇرۇڭقاش دەرياسىنى قوغداشنى مەقسەت قىلمايدىكەن. بۇ، پەقەت قاشتېشى بايلىقىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىن رەسمىي شەكىلدە تارتىۋېلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. ئۇ: «قاشتېشىمۇ خۇددى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باشقا بايلىقلىرىغا ئوخشاشلا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشى بىلەن پەقەتلا خىتايلارنىڭ ئېچىشىغا رۇخسەت قىلىنىدىغان بايلىققا ئايلىنىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ» دەيدۇ.
ئابدۇلئەھەد ئۇدۇننىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا، 2014-يىلى قاشتېشى قېزىشنى قاتتىق چەكلەش تەدبىرى قايتا كۈچەيتىلگەن بىر ۋاقىتتا، دائىرىلەر خوتەندە «دىنىي ئاشقۇنلۇققا زەربە بېرىش ھەرىكىتى» نى بىرلىكتە ئېلىپ بېرىشقا باشلىغانىكەن.
يەرلىك ئۇيغۇر قاشتېشى سودىگەرلىرى ۋە قاشتېشى سودىسىدا خېلى تاپاۋىتى بارلارنىڭ ھەممىسى نىشانغا ئېلىنغان ۋە ئىگىلىكى تارتىۋېلىنىشقا باشلىغان. ئۇيغۇر قاش تېڭى سودىگەرلىرىنى باستۇرۇش، قانۇنسىز قولغا ئېلىش لاگېرلارغا سولاش ئىرقى قىرغىنچىلىق سىياسىتى باشلانغاندا ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققان.
ئابدۇلئەھەد ئۇدۇن مىسال ئالغىنىدەك، 2016-يىلىدىن بۇيانقى ئىرقى قىرغىنچىلىق جەريانىدا ئۇيغۇر قاشتېشى سودىسىدا بېيىغان بايلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يوقىتىش نىشانىغا ئېلىنىپ، «تېررورچى»، «دىنىي ئاشقۇن» دېگەندەك تۆھمەتلەر بىلەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بولسا، ئۇلارنىڭ ئىگىلىكى ۋە ياراتقان كاپىتالى ئۇيغۇر ئېلىدىكى «تېررورلۇقلارنىڭ ئاساسلىق كاپىتالى» دېگەندەك قارىلاشلار بىلەن پۈتۈنلەي مۇسادىرە قىلىنغان.
ھازىر بولسا، خوتەننىڭ گۆھىرى بولغان قاشتېشى بايلىقىنى قېزىشتىن تارتىپ، ئۇنى سانائەتلەشتۈرۈش ۋە يەككە ھەم كۆلەملىك سېتىش پۈتۈنلەي خىتايلارنىڭ قولىغا ئوتكەن بىر ھالەتكە كەلگەن.
22-فېۋرال ئەنقەرەدە شەرقىي تۈركىستان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش جەمئىيىتى (ETHR) يەر شارى ئايال ئادۋوكاتلار ئادالەت مۇنبىرى بىلەن «مەجبۇرىي ئەمگەك» ۋە «شەرقىي تۈركىستان بالىلار ئەمگىكى» ناملىق ھەمكارلىشىپ تەييارلانغان ئىككى دوكلاتنى ئېلان قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەنىدى. ئابدۇلئەھەد ئۇدۇن بۇ دوكلاتلاردىمۇ دەل خوتەن قاشتېشىنىڭمۇ ھازىر ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بەدىلىگە قېزىلىۋاتقانلىقى ۋە ئىرقى قىرغىنچىلىق جەريانىدا، باي خوتەن تاشچىلىرىنىڭ باستۇرۇش نىشانى قىلىنغانلىقى قاتارلىق مەزمۇنلارنىڭمۇ ئورۇن ئالغانلىقىنى شەرھلەپ ئۆتتى.
دەرۋەقە رادىيومىز مۇخبىرلىرىنىڭ-2016 يىلىدىن بۇيان خوتەندىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىدىن، بۇ خىل چەكلەش ھەرىكەتلىرى جەريانىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە يەرلىك ئۇيغۇر قاشتېشى سودىگەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئىگىلىكىنى ۋەيران قىلىپ، قاشتېشى سودىسىدىن ئۇيغۇرلارنى سىقىپ چىقىرىشقا باشلىغانلىقى ئاشكارىلانغانىدى. مىسال ئېلىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، قاشتېشى سودىسى ساھەسىدىكى تونۇلغان باي، جەمئىيەتتە «ئېلى خوراز» دېگەن نام بىلەن تونۇلغان كارخانىچى، «شىنجاڭ قاشتېشى ئۆي-مۈلۈك شىركىتى» نىڭ باش دىرېكتورى ئېلى ئابدۇللانىڭ مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى دەلىللەنگەنىدى.
ئېلى ئابدۇللانىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى 2016-يىلنىڭ ئوتتۇرا ئاخىرلىرى جەمئىيەت خەۋەرلىرىدە ناھايىتى تېز ۋە كەڭ تۈردە تارقالغانىدى. رادىيومىز مۇخبىرلىرى، 2019-يىلى 12-ئايدا، قولغا چۈشۈرگەن خوتەنگە ئائىت بىر سوت ھۆكۈمنامىسىدە قاشتېشى سودىگىرى ئېلى ئابدۇللا بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭ 3 قېرىندىشى ۋە بىر قېيىنئىنىسىنىڭمۇ 20 يىللىقتىن كېسىلگەنلىكى قەيت قىلىنغان. مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا ئېلى خوراز (ئابدۇللا) نىڭ جەمەتى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلىرىدىن 52 كىشىنىڭ قاماقتا ئىكەنلىكى دەلىللەنگەنىدى.
قاشتېشى بايلىرىنى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەش
خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر سەرخىللىرىغا قاراتقان چوڭ تۇتقۇننى باشلاش ئالدىدا، ۋاڭ داخاۋ ئىسىملىك بىر خىتاي ئانالىزچى «سۇمۇرغ تورى» تورىدا «تېررورلۇقنىڭ كاپىتال مەنبەسى خوتەن قاشتېشى» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىپ، ھېچقانداق پاكىت كۆرسەتمەي تۇرۇپ، «ئۇيغۇر قاشتېشى سودىگەرلىرى ئاللىقاچان بۆلگۈنچىلەر، دىنىي ئەسلىيەتچىلەر ۋە تېررورچىلارنىڭ كاپىتال يىغىدىغان ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ بولدى» دەپ يازغان. خىتاي غەربىي قىسىم چېگرا بىخەتەرلىكى تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئاتالمىش ئالاھىدە تەكلىپلىك تەتقىقاتچىسى ۋاڭ داخاۋ ماقالىسىدە «قاشتېشى سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئۇيغۇر سودىگەرلىرى ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ئەڭ باي قاتلام ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇرلار ئىچىدە بايلارنىڭ سانى كۆپەيسە ‹ئۈچ خىل كۈچ› نىڭ ئېرىشىدىغان ئىقتىسادىي ياردەم مەنبەسى تېخىمۇ كۆپىيىدۇ، بۇزغۇنچىلىق كۈچى تېخىمۇ زورىيىدۇ.» دېگەنلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئەينى چاغدا بۇ ئۇيغۇر قاشتېشى سودىگەرلىرىنىڭ نىشانغا ئېلىنغانلىقىدەك شۇملۇقنىڭ ئالدىن بېشارىتى سۈپىتىدە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەندىشە قوزغىغانىدى.
خوتەن قاشتېشى سودىگەرلىرىنىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىق سىياسىتى داۋامىدا خۇددى يۇقىرىقىدەك قارىلاشلار بىلەن ئېغىر جازالارغا ئۇچراپ كەلمەكتە. ئابدۇلئەھەد ئۇدۇن ئۇلارنىڭ نىشانغا ئايلىنىشىغا قاشتېشى ئەمەس بەلكى ئۇلارنىڭ قاشتېشى ئارقىلىق تاپقان پۇلىنى يەرلىك خەلقنى بېيىتىش ۋە كۈچلەندۈرۈشكە سەرپ قىلغانلىقى، ئۇلارنىڭ يۇرت ۋە مىللەت سۆيگۈسى ۋە مىللىي ۋىجدانى ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ.
قاشتېشى يۇرتىدىكى ئۇيغۇرلار گۆھەر ئوۋچىلىرىغا قۇل قىلىنماقتا
خىتايلار تارقاتقان ئىجتىمائىي تارتقۇ ۋىدىيولىرىغا قارايدىغان بولساق ئومۇمەن، ھازىرمۇ يۇرۇڭقاش دەرياسى ساھىلىدا مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ دەريادىن قاشتېشى سۈزۈۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بەزى كۆرۈنۈشلەردە خوتەن يۇرۇڭقاش دەرياسى ساھىلىدا تاش تېرىۋاتقان خىتايلارنىڭ ساياھەتچى ۋە ياكى باشقا باھانىلەردە خوتەنگە كەلگەن خىتايلار ئىكەنلىكى، توپ-توپ تاش كولاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بولسا، كەڭ كۆلەمدە قېزىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىنىۋاتقان خىتاي قاشتېشى كارخانىلىرىنىڭ قولىدا تاش ئىزدەش ئۈچۈن ياللانما ئىشلەۋاتقان يەرلىك ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى ئىپادىلىنىدۇ.
خوتەن ۋىلايىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «كەسپىي ماھارەت بىلەن تەربىيەلەش» ۋە «ئىشىك ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش» نامىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك تۈرلىرى ئەڭ كۆپ يولغا قويۇلغان جايلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئىلگىرى بىر خىتاينىڭ نازارەتچىلىكىدە يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ تاش ئىچىدىن قاشتېشى ئىلغاۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ سىن كۆرۈنۈشى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىپ كۈچلۈك دىققەت قوزغىغانىدى.
خىتاي خەۋەرلەر تورىنىڭ، بۇلتۇر 31-ئۆكتەبىر كۈنى تارقاتقان بىر خەۋىرىدە، خوتەن ۋىلايىتىدە ئېلىپ بېرىلغان قاشتېشى ئويمىسى مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەرنىڭ خوتەندىكى 3 كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزىدىكى ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن ياسالغانلىقى بايان قىلىنىشى دىققەت قوزغىغانىدى. كەسپىي تەربىيەلەش دەپ ئاتالغان جايلارنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلار ئەرزان باھادا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان ئورۇن بولۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدىكى گۇمانلارنى ئوتتۇرىغا چىقارغان ئىدى.
ئابدۇلئەھەد ئۇدۇننىڭ ئېيتىشىچە، دائىرىلەر خوتەندە يېقىنقى 10 يىل مابەينىدە يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ دەريا سايىلىرىدە تاش قېزىشىنى چەكلىگەندىن كېيىن، ھۆكۈمەت ۋاسىتىسى بىلەن بۇ قاشتېشىنى قېزىش ۋە ئېچىش پۈتۈنلەي خىتاي شىركەتلىرى ۋە سودىگەرلەرنىڭ قولىغا ئۆتمەكتىكەن. يەرلىك ئۇيغۇر خەلقى ئۆز تۇپرىقىدىكى بۇ گۆھەرگە قولى يەتمەس ھالغا كەلگەن. خوتەن قاشتېشىنىڭ مەنبەسى بولغانلىقى ئۈچۈن «دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت دەريا» دەپ تەرىپلەنگەن يۇرۇڭقاش دەرياسى بويىدا ياشاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلار پەقەتلا شۇ خىتاي قاشتېشى سودىگەرلىرى-شىركەتلىرىگە ياللانما بولۇپ ئىشلەپ جان بېقىشقا مەجبۇر بولماقتىكەن.