ئۇيغۇر دىيارىدا 6-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 30-كۈنىگە قەدەر داۋام قىلىنىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان «100 كۈنلۈك قاتتىق زەربە بېرىش» ھەرىكىتى گەرچە ھەرقايسى شەھەرلەردە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خوتەندە بۇ خىل باستۇرۇشنىڭ ئەڭ قاتتىق ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندىنىڭ 8-ئاۋغۇست رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىگە بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ئاتالمىش «100 كۈنلۈك قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى» باشلانغان دەسلەپكى مەزگىللەردىلا خوتەن ۋىلايىتى تەۋەسىدىن 150 ئۇيغۇرنىڭ تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنى، ئىككى مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ھەر خىل باھانىلەردە ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى لاگېرلارغا قامالغانلىقىدىن خەۋەردار بولغان.
خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن خوتەن ۋىلايەتلىك تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ 7-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى خەۋىرىدىمۇ خوتەن ۋىلايىتىدە «100 كۈنلۈك قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى» نىڭ باشلىنىشىدىلا ناھايىتى قاتتىق ئېلىپ بېرىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.
ئاتالمىش «100 كۈنلۈك قاتتىق زەربە بېرىش» ھەرىكىتىنىڭ خوتەندىكى ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن قىلغان تېلىفونلىرىمىز داۋامىدا، خوتەندىكى ساقچى ئىدارىسى خادىمى ھەرىكەت ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى. ئەمما خوتەن دىيارىدىن تېلېفونىمىزنى ئالغان ئىككى نەپەر مېھمانخانا خادىمى خوتەندە باشقۇرۇشنىڭ ئەڭ قاتتىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «خوتەن-پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئەڭ بىخەتەر جاي» دەپ تەرىپلىدى.
ئاۋۋال تېلېفونىمىزنى ئالغان ئايال مۇلازىم «100 كۈنلۈك قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى» مەزگىلىدىكى خوتەننىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە سورىغان سوئالىمىزغا خىتاي تىلىدا جاۋاب بېرىپ، خوتەننىڭ شىنجاڭدا ئەڭ قاتتىق باشقۇرۇلىدىغان جاي ئىكەنلىكىنى، شۇڭا خوتەننىڭ «شىنجاڭدا ئەڭ خاتىرجەم جاي» دەپ قارىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ سۆزىدە يەنە ھازىر خوتەندە ئۇيغۇرلارنىڭ ناھايىتى دوستانە ئىكەنلىكىنى، خوتەندە ئۇيغۇر-خىتاي تويلاشقان ئەر-ئاياللارنىڭمۇ بارغانچە كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، مېھمانخانىغا چۈشكەن ساياھەتچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرىشىنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى تەكىتلىدى.

مەزكۇر مېھمانخانىدىن تېلېفونىمىزنى ئالغان يەنە بىر ئۇيغۇر مۇلازىمەتچى خوتەندىكى مۇقىملىق تەدبىرلىرى ھەققىدە توختىلىپ، خوتەن كوچىلىرىدا ھەر 100 مېتىردا بىر ساقچى، 500 مېتىردا بىر ساقچى پونكىتى بارلىقىنى، ساقچىلارنىڭ كېچە-كۈندۈز چارلاش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خوتەندىكى خىتاي مۇلازىملىرى تەكىتلەۋاتقان ئاتالمىش «مۇقىم ۋە خاتىرجەم ۋەزىيەت» خىتاي پۇقرالىرى ئۈچۈن يارىتىلغان بولۇپ، رايوندىكى ئۇيغۇرلار ئەمەلىيەتتە ئەڭ قاتتىق نازارەت ۋە باستۇرۇش ۋەزىيىتىدە ياشىماقتا ئىكەن.
خىتاي تاراتقۇلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ 2023-يىللىق «100 كۈنلۈك قاتتىق زەربە بېرىش» ھەرىكىتى خىتاي ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ بىر تۇتاش پىلانلىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەرىكەت. ئەمما بۇ ئاتالمىش زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلىنىشىدىلا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى شەھەر ۋە ۋىلايەتلىرىدە ئىنتايىن داغدۇغىلىق ئېلىپ بېرىلغان. ھالبۇكى خوتەن ۋىلايىتىدە بولسا ئەڭ قاتتىق رەۋىشتە داۋام قىلماقتا ئىكەن. ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختالدى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خوتەننىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەركەزلىك توپلاشقان جاي بولۇشى ۋە بۇ جايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت كىملىكى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى ساقلاش ئىرادىسىنىڭ كۈچلۈك بولۇشى قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەنسىرىتىپ كەلمەكتە ئىكەن. شۇڭا 2016-يىللىرىنىڭ ئاخىرى دۇنياغا ئاشكارىلانغان ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا قاماشتەك ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىدە خوتەندە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ بولغان. ئەينى يىللىرى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە بەرپا قىلىنغان «ھەر 100 مېتىردا بىردىن ساقچى، 500 مېتىردا بىردىن ساقچى پونكىتى» بولۇشتەك نازارەت مودېلى 2020-يىلىغا كەلگەندە خەلقئارادىكى بېسىم سەۋەبلىك ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئۈرۈمچى قاتارلىق بىر قىسىم چوڭ شەھەرلىرىدە ئېلىپ تاشلانغان بولسىمۇ، ئەمما خوتەنگە ئوخشاش نۇرغۇنلىغان رايونلاردا ھېلىمۇ مەۋجۇت ئىكەن.
ئاتالمىش «100 كۈنلۈك قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى» باشلانغان دەسلەپكى مەزگىللەردە، يەنى بۇ يىل 7-ئاينىڭ 11-كۈنى ئىلى ئوبلاستنىڭ توققۇزتارا ناھىيەسىگە قىلغان تېلېفونىمىزدىمۇ، ناھىيەلىك ساقچىخانىنىڭ خىتاي خادىمى رايوندىكى قاتتىق قاتتىق نازارەت سىستېمىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ «قاتتىق زەربە بېرىش» ھەرىكىتىنىڭ «100 كۈنلۈك» بولماستىن، بەلكى 365 كۈننىڭ ھەممىسىدە داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.