ئەدلىيە خادىمى: «خوتەندىكى 800 دەك ئوقۇغۇچىسى بار بىر مەكتەپتە 300 نەچچە ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا-ئانىسى بىراقلا تەربىيەلەشتە»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2019.04.18
lager-lop-3-bashlanghuch-mektep.jpg يېپىق «تەربىيەلەش» لاگېرى يەنى جازا لاگېرىغا ئايلاندۇرۇلغان 3-باشلانغۇچ مەكتەپ. 2018-يىلى سېنتەبىر، لوپ ناھىيەسى.
Photo: RFA

مۇخبىرىمىزنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ تەسىرى ھەققىدە ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى خوتەندە پۈتۈن مەكتەپلەرنىڭ ئاتالمىش «پەرىشتىلەر مەكتىپى» گە ئايلىنىپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلىش ئارقىلىق نۆۋەتتە يىغىۋېلىش لاگېرىغا سولىنىۋېلىنغان كىشىلەر سانىنىڭ مۆلچەرلىنىۋاتقاندىنمۇ كۆپ ئىكەنلىكىنى ئىشارەت قىلدى. مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلغان بىر ئەدلىيە خادىمى خوتەننىڭ 800 دەك ئوقۇغۇچىسى بار بىر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى 300 نەچچە ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ بىراقلا «تەربىيەلەش» كە ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى، شۇ سەۋەبتىن ئاتا-ئانىسىز قالغان بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتە يېتىپ ئوقۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ئۇيغۇر رايونىدا يىغىۋېلىش لاگېردىكىلەر سانىنىڭ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئىكەنلىكى ئىككى يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان تەكىتلىنىپ كەلمەكتە. ئەمما يەنە بەزى كۆزەتكۈچىلەر ۋە پائالىيەتچىلەر بۇ سان دەسلەپتە دېيىلگەن ۋاقىتقا قارىغاندا ئارىدىن خېلى ۋاقىت ئۆتكەنلىكىنى، بۇ جەرياندا تۇتقۇننىڭ ئۈزلۈكسىز داۋام قىلغانلىقىنى، ئەمما كىشىلەرنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك ھېچ قويۇۋېتىلمىگەنلىكى سەۋەبلىك نۆۋەتتە تۇتقۇنلار سانىنىڭ دېيىلىۋاتقىنىدىن خېلىلا كۆپ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا كۆپ ساندا كىشىنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكى، بەزى مەھەللە-كويلاردا ئادەم قالماسلىق، بازارلاردا ئادەم شالاڭلاش ۋە دارىلئېتاملارنىڭ كۆپىيىشى ۋە كېڭىيىشى قاتارلىق بىر قاتار ئەھۋاللار رېياللىقلارغا ئاساسەن مۆلچەرلەنمەكتە. شۇڭا بىز خوتەنگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا «پەرىشتىلەر مەكتىپى» دېگەن نامدا قۇرۇلغان ۋە كېڭەيگەن دارىلئېتاملار ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى بۇ سوئالىمىزغا كىنايە تەلەپپۇزدا جاۋاب بېرىپ، نۆۋەتتە خوتەندە پۈتۈن مەكتەپلەرنىڭ «پەرىشتىلەر مەكتىپى» گە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئەدلىيە خادىمى قولىدىكى ئارخىپتىن كۆرگەنلىرى ۋە جەمئىيەتتىن ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن خوتەندىكى بىر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە 800 نەچچە ئوقۇغۇچى بارلىقى، بۇ ئوقۇغۇچىلاردىن 300 نەچچىسىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ تەڭلا لاگېرغا ئەكېتىلگەنلەر ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

ئوقۇغۇچىلىرى 12 ياش بىلەن 16 ياش ئارىسىدا بولغان بۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئاتا-ئانىسى تەڭلا لاگېرغا ئەكېتىلگەن ۋە ئۆيدە قارىغۇچىسى پەقەتلا قالمىغان بۇ بالىلار مەكتەپتە يېتىپ-قوپۇپ ئوقۇشقا مەجبۇر بولغان. مەزكۇر ئەدلىيە خادىمى بۇ بالىلارغا ھۆكۈمەت ۋە مەكتەپنىڭ ئېتىبار بىلەن قاراۋاتقانلىقى ۋە ھەر جەھەتتىن ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ بالىلارنىڭ مەكتەپنىڭ سىرتىغا چىقىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدىكەن، ئىدىيە ۋە كەيپىياتى داۋاملىق كۆزىتىلىپ، ئۇلار بىلەن ئايرىم سۆھبەتلەر ئېلىپ بېرىلىدىكەن. بۇ خادىمنىڭ دېيىشىچە، گەرچە بۇ قارانچۇقسىز بالىلارغا مەخسۇس فورما كىيىم كىيدۈرۈلمىگەن، كىيىملىرىگە نومۇر ياكى چېكىت قويۇلمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ يېقىن ئۇرۇق-تۇغقان ياكى ئائىلىسىگە مەسئۇل خادىملاردىن باشقا كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىشى چەكلەنگەن ئىكەن.

بۇ خادىمنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر مەكتەپتە ئاتا-ئانىسى ئۆيدە بولمىغانلىقى ئۈچۈن مەكتەپتە يېتىپ ئوقۇۋاتقان يۇقىرىقى 300 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىدىن باشقا يەنە ئاتا-ئانىسىدىن بىرى لاگېرغا ئەكېتىلگەن ياكى ئاتا-ئانىسى تەڭلا لاگېرغا ئەكېتىلگەن بولسىمۇ، يېقىن تۇغقانلىرى تەرىپىدىن قارىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارمۇ بار ئىكەن. بۇلارنىڭ سانىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى مەلۇم ئەمەس.

مەزكۇر يېزىدىكى بۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلاردىن يېرىمىگە يېقىنىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكى، بۇ يېزا نوپۇسىنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ نۆۋەتتە لاگېردا ئىكەنلىكىدەك ئېھتىماللىقىنى ئىشارەتلىمەكتە.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەردىن ئالىم ئەركىن سىدىق 10‏-ئاپرېل كۈنى فېيسبۇك سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان بىر يازمىسىدا نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدا تۈرمە، لاگېر ۋە يېتىمخانىلار بولۇپ، جەمئىي 3 يېرىم مىليون بىلەن 5 مىليون ئارىسىدا كىشىنىڭ قاماقتا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. ئۆتكەن يىلى غۇلجىنىڭ باياندايغا قارىتا ئېلىپ بارغان بىر تېلېفون زىيارىتىمىز داۋامىدا بىر كەنتتىن 2017‏-يىلى بىر يىلدا 120 كىشىنى لاگېرغا ئېلىپ كەتكەن بولسا، 2018‏-يىلى 3‏-ئايدا بىر ھەپتىدە 60 كىشىنى لاگېرغا ئېلىپ كەتكەنلىكى دەلىللەنگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.