خوتەندە خىتاي مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىدىغان مۇئەسسەسەلەرنىڭ قۇرۇلۇشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن «خىتاي كۈندىلىك خەۋەرلەر تورى» ، «خىتاي خەلق تورى» ، «يەر شارى ۋاقتى» ، «تەڭرىتاغ تورى» قاتارلىقلار 26-ئۆكتەبىر كۈنى بىرلا ۋاقىتتا خەۋەر بېرىپ، ئىلگىرىكى خوتەن پېداگوگىكا مەكتىپى، يەنى ھازىرقى خوتەن پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىدا، «ئۇدۇن ئىنستىتۇتى» ، «قاراقۇرۇم مەدەنىيەت تەتقىقات مەركىزى» ، «جۇڭخۇا قاشتېشى مەدەنىيەت مەركىزى» ، «خوتەن بۇددا مەدەنىيىتى تەتقىقات مەركىزى» قاتارلىق خىتاي مەدەنىيىتى تەتقىقات مۇئەسسەسەلىرى قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خىتاي خەۋەرلىرىدە يەنە خوتەن پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىدا قۇرۇلغان خىتاي مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىدىغان بۇ ئورۇنلارنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ خوتەندىكى ئىزلىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئۇيغۇر رايونىدا مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇشتا ئوينايدىغان رولى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

26-ئۆكتەبىردىكى «خىتاي خەۋەرلەر تورى» دا بېرىلگەن «خوتەندە خىتاينىڭ تۆت ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت تەتقىقات ئورنى قۇرۇلدى، خوتەن جەنۇبىي تاغ يۇرۇڭقاش قەدىمى يولىنىڭ قاراقۇرۇم ۋە خوتەن بۆلىكىدىكى ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىسى ئېلان قىلىندى» سەرلەۋھىلىك تەپسىلىي خەۋەردە، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى ليۇ چېن، خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، «بېيجىڭنىڭ شىنجاڭغا ياردەم قوماندانلىق شىتابى» نىڭ پارتكوم سېكرىتارى لى جىسۈي، بېيجىڭدىكى «پايتەخت پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى لى شياۋجۈەن قاتارلىقلارنىڭ سۆزلىرى نەقىل ئېلىنىپ، بۇ تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ «خوتەن رايونىنىڭ قەدىمكى مەدەنىيەت ئىزلىرىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ۋە رايوننىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بىلەن ئوزۇقلىنىش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە» ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىدا زور كۈچ بىلەن ئىجرا قىلىۋاتقان خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى «شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش» ، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» دېگەندەك ناملار بىلەن يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئەڭ زىچ ئولتۇراقلاشقان ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ۋەكىللىك رايونى بولغان خوتەندە ئاتالمىش خىتاي مەدەنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ۋە ئۇنى كۈچەيتىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان بۇنداق ئورۇنلارنى تەسىس قىلىشى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرى ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتچىلىرىنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىدى.

تۈركىيە ھاجى تەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، خەلقئارا ئىستراتېگىيە ۋە خىتايشۇناس تەتقىقاتچى دوكتور ئەركىن ئەكرەم بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئورتاقلاشتى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى ليۇ چېننىڭ 26-ئۆكتەبىر كۈنىدىكى ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان «خوتەن كۇئىنلۇن يەنى قارا-قۇرۇم بۇددا مەدەنىيىتىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدىكى تولدۇرغۇسىز ئورنىنى جارى قىلدۇرىدۇ. تەشەببۇسكارلىق بىلەن ‹كۇئىنلۇن مەدەنىيىتى، خىتاي قاشتېشى مەدەنىيىتى ۋە خوتەن بۇددا دىنى مەدەنىيىتى› دىن ئىبارەت ئۈچ بايراقنى كۆتۈرۈش، خوتەننىڭ مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىنى راۋاجلاندۇرىدۇ» دېگەن سۆزلىرى، دەل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوتەندە بۇ تۈردىكى تەتقىقات مۇئەسسەسەلىرىنى قۇرۇشتىكى مەقسىتىنى ئىپادىلەپ بەرگەن ئىكەن.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى يەنە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ۋە مەدەنىيەت ئادەتلىرىنى قاتتىق چەكلەۋاتقان بىر ۋاقىتتا، خوتەندە ئاتالمىش خىتاي مەدەنىيىتى تەتقىقات ئورۇنلىرىنى قۇرۇشتىكى مەقسىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشىنىڭ بېشارىتى، دەپ كۆرسەتتى.

چەتئەلگە چىقىشتىن ئىلگىرى ئۈرۈمچىدىكى «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» دا ئۇيغۇر فولكلور كەسپىدە ماگىستىر ئاسپىرانتلىقىنى تۈگەتكەن ۋە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئۆزىدە ئۇيغۇر فولكلورى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى كەسپىدە بىر مەزگىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، نۆۋەتتە ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان مېھرىئاي مەمتىلى خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

مېھرىئاي مەمتىلى خانىم سۆزىدە ئاۋۋال خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوتەندە قۇرغان خىتاي مەدەنىيىتى تەتقىقات ئورۇنلىرىغا «ئۇدۇن ئىنستىتۇتى» ، «قاراقۇرۇم مەدەنىيەت تەتقىقات مەركىزى» ، «جۇڭخۇا قاشتېشى مەدەنىيەت مەركىزى» ، «خوتەن بۇددا مەدەنىيىتى تەتقىقات مەركىزى» دېگەندەك ناملارنى قويۇۋېلىشىدىكى قارا نىيىتى ھەققىدە توختالدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان ئۇدۇن يەنى خوتەندە يارىتىلغان بۇددا مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ۋە خوتەننىڭ قەدىمدىن داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان قاشتېشى ئويمىچىلىقى، يىپەك توقۇمىچىلىقى، گىلەم توقۇمىچىلىقى، قەغەزچىلىك قاتارلىق كۆپ خىل ھۈنەر كەسىپلىرىنىمۇ خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى دەپ تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق دۇنيا تارىخىدا ئاللىقاچان ئېتىراپ قىلىنغان ئۇيغۇرلار زېمىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى مەدەنىيەت ئىزلىرىنى «خىتاينىڭ ۋە خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى» قىلىشقا ئۇرۇنۇش ئىكەن.

مېھرىئاي مەمتىلى خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى تارىخى كىتابلىرىدا خاتىرىلەپ قالدۇرۇلغان «ھىندىستاندا تارقالغان بۇددا دىنى غەربىي رايون ئارقىلىق ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە يېتىپ كەلگەن» لىكى، شۇنىڭدەك «غەربىي يۇرتتىكى ئۇدۇن دىيارىدىن كەلگەن قاشتېشى مەدەنىيىتى قەدىمكى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خىتاي خانىدانلىقلىرىدا ئەتىۋارلىنىپ تېخىمۇ سىرلىق تۈسكە كىرگۈزۈلگەنلىكى» ھەققىدىكى رىۋايەت ۋە تارىخى بايانلارنى بۇرمىلىماقتا ئىكەن. تېخىمۇ مۇھىمى خىتايغا غەربىي رايوندىن تارقالغان بۇددا مەدەنىيىتى ۋە قەغەز، قاشتېشى ئويمىچىلىقىغا ئوخشاش قەدىمكى ھۈنەر-كەسىپلەرنى ئۆزىنىڭ سىياسىي مەقسىتى ئۈچۈن بۇرمىلاپ، ھەتتا پۈتۈنلەي يالغاننى ئويدۇرۇپ چىقىرىشقا ئۇرۇنماقتا ئىكەن.

مېھرىئاي خانىمنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي مەدەنىيەت يۇرتى خوتەندە بۇددا مەدەنىيىتى تەتقىقات ئورۇنلىرىنى قۇرۇشى ۋە ئاتالمىش «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇشنى كۈچەيتىش» تەشۋىقاتىنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئانا يۇرتىدىكى مەدەنىيەت ئىزلىرىنى خىتاينىڭ قىلىۋېلىش ۋە ئۇيغۇر دېگەن بۇ مىللەتنىڭ بۇ زېمىندىكى مەۋجۇتلۇقىنىمۇ يوقىتىشنى كۆزلىگەن ئىكەن.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.