خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىدا مىللەتلەر ئارا تويلىشىش تەشەببۇسىنى كۈچەيتىپ خىتاي ئەرلەرنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرى بىلەن نىكاھلىنىشىنى تەشۋىق قىلىشقا باشلىدى.
26-ئۆكتەبىر كۈنى تېۋىتتېر تورىدا خوتەن ۋىلايەتلىك ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ بۇ يىل 3-ئايدا چىقارغان، خېيلوڭجاڭ ئۆلكىسىدىن «ئىختىساسلىق خادىملارنى قوبۇل قىلىش» نامىدىكى بىر ئۇقتۇرۇشى تارقالدى. ئۇقتۇرۇشتا تىزىمغا ئالدۇرۇش ۋاقتى 2019-يىل 3-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن، 5-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە دەپ بەلگىلەنگەن.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلگەن: «شىنجاڭنىڭ خوتەن ۋىلايىتى خېيلوڭجاڭدىن ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانلىرىغا ئېرىشكەن يۇقىرى ساپالىق ئىختىساسلىق خادىملارنى قوبۇل قىلىدۇ. شەرتى كومپارتىيە ئەزاسى ياكى كاندىدات كومپارتىيە ئەزاسى بولۇش، شىنجاڭدا ئۇزۇن مەزگىل ئىشلەيدىغان 35 ياشتىن تۆۋەن بولۇشى كېرەك.».
مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا يەنە ئىقتىسادتا ئېتىبار بېرىش ۋە جۆرە تېپىپ بېرىش، جورىسىنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشقىمۇ ۋەدە قىلىنغان.
ئۇقتۇرۇشتا بۇ ھەقتە مۇنداق بايانلار بېرىلگەن: «رەسمىي شتاتلىق خىزمىتى بېرىلىدۇ. تۇرالغۇ ئۆي بىلەن تەمىنلىنىدۇ، جۆرە مەسىلىسى ھەل قىلىنىدۇ، مۇھەببەتلەشكەن ئوبيېكتى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. ئاسپىرانتلىق ئوقۇشى مەزگىلىدە سەرپ قىلىنغان پۇلىنىڭ تالونىغا ئاساسەن ھەر يىلى 8000 يۈەنلىك ئوقۇش قەرزى تۆلىنىدۇ. ماگىستىر ئاسپىرانتلىرىنىڭ ئايلىق مائاشى 7400 يۈەندىن يۇقىرى، خىزمەت دەرىجىسى مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى بىلەن باراۋەر. 50 مىڭ يۈەن، ئۆيىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققى ۋە بىر قېتىملىق100 مىڭ يۈەن ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. دوكتورلۇق ئاسپىرانتلىرىنىڭ ئايلىق مائاشى 8000 يۈەندىن يۇقىرى، خىزمەت دەرىجىسى بۆلۈم باشلىقى بىلەن باراۋەر. 100 مىڭ يۈەنلىك ئۆيىنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىراجىتى بېرىلىدۇ، بىر قېتىمدا 200 مىڭ يۈەن تولۇقلاپ بېرىلىدۇ.»
بىز ئۇقتۇرۇشتا قالدۇرۇلغان ئالاقە ئۇچۇرى بويىچە، تېلېفون قىلدۇق. ئەمما خوتەن ۋىلايەتلىك ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ تېلېفونى ئېلىنمىدى. لېكىن، خوتەن ۋە ئۈرۈمچىدىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، ئاھالىلەر كومىتېتلىرى ۋە ساقچىخانىلارغا تېلېفون قىلىش ئارقىلىق ئېرىشكەن جاۋابلاردا، ئالاقىدار خادىملار نۆۋەتتە «ئۇيغۇر-خىتاي تويلىشىش ئەھۋالى كۆپىيىۋاتقانلىقى ۋە ئومۇملىشىشقا يۈزلىنىۋاتقانلىقى» نى بىلدۈرۈشتى.
بۇ خىل ئۇقتۇرۇش ۋە ئېلانلار بۇ يىل ئەتىياز مەزگىلىدە نىسبەتەن كۆپ تارقالغان بولۇپ، بۇ يىل 4-ئاينىڭ 23-كۈنى، خىتايچە ئۈندىدار سالونىدا شىخەنزە شەھىرىدىكى لى نەينەي ئىسىملىك جۆرە تونۇشتۇرغۇچى بىر خىتاي ئايالنىڭ خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز-ئارا تويلىشىشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقى ھەققىدىكى بىر تەشۋىقات سىن فىلىمى تارقالغانىدى. مەزكۇر سىن كۆرۈنۈشتە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئەزەلدىن مىللەتلەر ئارىلىشىپ ياشاپ كەلگەن بىر جاي ئىكەنلىكى، رايوندا ئوخشىمىغان مىللەتلەر ئۆز-ئارا تويلاشسا بولمايدىغانلىق ھەققىدە ھېچقانداق بىر چەكلىمىنىڭ يوقلۇقى، كۆپلىگەن ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتاي تىلى ۋە مەدەنىيىتىدىن تولۇق خەۋەردار ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.
بىز يەنە خىتاينىڭ بەيدۇ تورىدىن ئىزدەش ئارقىلىق، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىن چەرچەن ناھىيەسى 2014-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى ئېلان قىلغان خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار توي قىلغان ئائىلىلەرنىڭ مۇكاپاتلىنىدىغانلىقى ھەم ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقى ھەققىدە بىر بەلگىلىمە ئېلان قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرگە ئېرىشتۇق.
2014-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى خىتاينىڭ خەلق گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «شىنجاڭنىڭ چەرچەن ناھىيەسى يولغا قويغان ›مىللىيلار بىلەن خەنزۇلار توي قىلغان ئائىلىلەرنى مۇكاپاتلاش سىناق لاھىيەسى. دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بەلگىلىمىدە، مىللىيلار بىلەن خەنزۇلار تويلاشقان ئائىلىلەرگەن ئېتىبار بېرىش سىياسىتى يولغا قويۇلىدۇ. ئۇلار سىياسى جەھەتتىن، تۇرالغۇ ئۆي، پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇش ۋە خىزمەتكە ئورۇنلىشىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئېتىبار بېرىشكە ئېرىشەلەيدۇ. ئۆزئارا تويلاشقاندىن كېيىن 5 يىلغا قەدەر يىلىغا 10 مىڭ يۈئەن بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى باشلانغۇچ مەكتەپتىن تولۇق ئوتتۇرىغىچە ھەقسىز ئوقۇشتىن بەھرىمەن بولىدۇ. ھەر بىر ئوقۇغۇچى يىلىغا 5000 يۈئەن بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ. مەزكۇر بەلگىلىمە 2014-يىل 8-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن ئېتىبارەن ئىجرا قىلىنىدۇ.»
خەۋەردە چەرچەن ناھىيەسى چوڭكۆل يېزىسىنىڭ يېزا باشلىقى، مۇئاۋىن پارتكوم سېكرىتارى ياسىن ناسىر زىيارەت قىلىنىپ، ئۇنىڭ خىتايلار بىلەن تويلىشىشنى قوللاشنى تەشەببۇس قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. خەۋەردە ئۇنىڭ «مېنىڭچە ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىسىدا تويلىشىش، جۇڭخۇئا مەدەنىيىتىنىڭ ھۇل ئاساسى. بۇ، مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئارا قوشۇلۇشى ۋە يۇغۇرلۇشىنىڭ كونكرېت ئىپادىسى» دېگەن سۆزلىرى نەقىل ئېلىنغان.
خەۋەردە يەنە ئەينى چاغدا چەرچەن ناھىيەسىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان جۇ شىن ئىسىملىك خىتاي ئەمەلدارنىڭمۇ سۆزى نەقىل ئېلىنىپ، مۇنداق بايانلار بېرىلگەن. «بىز مىللىيلار بىلەن خەنزۇلارنىڭ ئۆز ئارا تويلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىمىز. پەقەت ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆزارا ئالاقىسى ۋە قوشۇلۇپ كېتىشى كۈچەيگەندىلا، مىللەتلەر ئارىسىدىكى ھېسىيات كۈچىيىپ، مىللىي ئىناقلىق بەرپا بولىدۇ. شۇندىلا بىزنىڭ جۇڭخۇئا مىللىتىنىڭ يۈكسىلىشىدەك جۇڭگو چۈشى ئەمەلگە ئاشىدۇ.»
2008-يىللىق «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» نىڭ ساھىبى، بېيجىڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خۇ جيا ئەپەندى، ئۆزىنىڭ پائالىيەتلىرى سەۋەبلىك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەقىپ قىلىشىغا ئۇچراپ كېلىۋاتقان خىتاي زىيالىلىرىنىڭ بىرى. خۇ جا ئەپەندى يەنە ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى ئۇزۇندىن بۇيان كۆزىتىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ئەپەندى ھەققىدە كۆپ قېتىم رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغانىدى.
29-ئۆكتەبىر كۈنى خۇ جيا ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا تەشۋىق قىلىۋاتقان ۋە يولغا قويۇۋاتقان خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز-ئارا تويلىشىش تەشەببۇسىنىڭ بۈگۈنكىدەك بىر ۋەزىيەتتە كۈچەپ تەشۋىق قىلىنىشىنىڭ دىققەت قوزغايدىغان ئىنتايىن سەزگۈر سىياسىي مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
خۇ جيا ئەپەندى بايانىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تەشەببۇسىدا نوقۇل سىياسىي مەقسەت يەنى ئاسسىمىلياتسىيە نىشانى بارلىقىنى تەكىتلىدى.
خۇ جا ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئوخشىمىغان مىللەتلەرنىڭ تويلىشىشىغا قارشى ئەمەسلىكىنى، ئەمما رايوندا خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تويلىشىشى مەجبۇرى يولغا قويۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ھازىر بۇ سىياسەت پەقەت ئۇيغۇرلارغا قارىتا نىشانلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ دېسەكمۇ بولىدۇ. ھازىر ئۇيغۇرلار خىتاي دۆلىتىدە ئالاھىدە ۋەزىيەتتە تۇرۇۋاتىدۇ، يەنى ئالاھىدە مۈشكۈل ۋەزىيەتتە دېسەك بولىدۇ. چۈنكى مەن ھۆكۈمەتنىڭ تىبەتلەرگە قارىتا بۇنداق قىلغىنىنى ئاڭلىمىدىم. چۈنكى ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر خىتاي كومپاتىيەسىنىڭ بىۋاستە مەنپەئەتىدە مەركەزلىك ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇلار تىبەت بۆلگۈنچىلىرى ۋە شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر بۆلگۈنچىلىرى دەپ تەرىپلىنىدۇ، ئەلۋەتتە خوڭكوڭ بۆلگۈنچىلىرى ۋە تەيۋەن بۆلگۈنچىلىرىمۇ ئوخشاشلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزگۈچىلەر دەپ قارىلىدۇ. بىراق. مەن ئۇلارنىڭ تىبەتلەرگە قارىتا بۇ خىل ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئاڭلىمىدىم. ھازىر پەقەت ئۇيغۇرلارغىلا بۇ سىياسەتنى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. چۈنكى تىبەتلەر تاشقى چىرايى جەھەتتىن بىز خىتايلاردىن جىق پەرقلەنمەيدۇ. ئەمما ئۇيغۇرلار روشەن پەرقلىنىدۇ. ھازىر ئۇلار ئوخشىمىغان مىللەتلەرنىڭ تويلىشىش سىياسىتىنى رايوندا مەجبۇرى يولغا قويۇۋاتىدۇ.»
خۇ جيا ئەپەندى يەنە نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا قايتا تەربىيەلەش نامىدا ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى جازا لاگېرلىرىغا سولانغان ئەھۋالدا، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرى بىلەن خىتاي ئەرلىرىنىڭ تويلاشقانلىقى ھەققىدىكى تەشۋىقات خەۋەرلىرى ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ناملىرىدىكى ئېلانلىرىنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، بۇ ئېلانلاردا خىتاي ئەرلىرىگە ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەردىن بولغان قىزلارنى جۆرە قىلىپ بېرىدىغانلىقى، ھەتتا ئۇيغۇر قىزلىرى بىلەن ئۆيلەنگەن خىتايلارنىڭ ھەر خىل ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقى تەشەببۇس قىلىنىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتاي ئەرلىرى بىلەن تويلىشىۋاتقان سىن كۆرۈنۈشلىرىنى كۆپلەپ تارقىتىپ، خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىغا جەلپ قىلىشتىكى ئېتىبار بېرىش تەشۋىقاتلىرى خەلقئارادىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ ئىنكاسىنى قوزغىدى. ئاۋسترالىيە لات روبى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جەيمىس لېيبولد بۇ ھەقتە ئىنكاس بىلدۈرۈپ، دۇنيادىكى باشقا جايلارغا قارىغاندا ئۇيغۇر رايونىدا ئوخشىمىغان مىللەتلەر ئارا تويلىشىشنىڭ ئىنتايىن سەزگۈر ھەم كەم ئۇچرايدىغان بىر ئەھۋال ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئۇ سۆزىدە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىغا سولانغان مىليونلىغان تۇتقۇنلار ئىچىدە ئۇيغۇر ئەرلەرنىڭ يۇقىرى سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بىر پەيتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل تەشۋىقاتنى كۈچەيتىشىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى نوپۇس جەھەتتىن تىزگىنلەش ۋە ئۇلارنى پۈتۈنلەي خىتايچىلاشتۇرۇشتىكى بىر تاكتىكىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.