خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى باستۇرۇشلىرىغا قارىتا ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب ئەللىرى قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈۋاتقان بىر مەزگىلدە، خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچىدە «خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزىم قۇرۇش بويىچە شىنجاڭدا بىخەتەر ۋە تىنچ مۇھىت بەرپا قىلىش» تېمىسىدا بىر «ساقچى خىزمىتى يىغىنى» ئېچىلغان. يىغىنغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگو رىياسەتچىلىك قىلغان.
19-ئىيۇن ئېچىلغان مەزكۇر يىغىندا چېن چۈەنگو رايوندىكى بارلىق ساقچى خادىملىرىدىن «شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش باش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي ئىجرا قىلىش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قەتئىي ساقلاش» نى تەلەپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە «شىنجاڭدىكى ساقچى خىزمىتىدە يېڭىچە ۋەزىيەتنى بەرپا قىلىش» نى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
چېن چۈەنگو سۆزىدە يەنە نۇقتىلىق قىلىپ رايوندىكى ساقچى ئورگانلىرىنىڭ ئاتالمىش «تىنچ ۋە ئەمىن شىنجاڭ» بەرپا قىلىشتا ئوينىغان رولىنى مۇتلەق مۇئەييەنلەشتۈرگەن شۇنداقلا ئۇلارنى «يېڭى دەۋردىكى ساقچىلارنىڭ خىزمەت بۇرچى» غا ئاساسەن «شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسى» گە تايىنىپ، «تىنچ ۋە ئەمىن شىنجاڭ بەرپا قىلىش نىشانىدا ئاخىرىغىچە چىڭ تۇرۇش» قا ئۈندىگەن.
رايوندىكى «ساقچى خىزمىتى يىغىنى» ئېچىلىشتىن دەل بىر كۈن ئاۋۋال، يەنى 18-ئىيۇن كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگو يەنە تۇرپاندا «خىزمەت تەكشۈرۈش» تە بولغان. ئۇ بۇ جەرياندا ئاتالمىش «خەلققە قۇلايلىق ساقچى پونكىتلىرى» نى كۆزدىن كەچۈرگەن ۋە بۇ جايلارنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىكى مۇھىم رولىغا يۇقىرى باھا بەرگەن.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى 3-ئىيۇن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىدە «ھال سوراش» سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزگەن. خەۋەردە مەزكۇر كېچىلىكنىڭ ئاساسىي مەقسىتى رايوندىكى ھەرقايسى قاتلامدىكى ساقچى خادىملىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا قىلىۋاتقان «ئالدىنقى سەپ» خىزمەتلىرىنى «مەدھىيەلەش» ۋە «ئىلھاملاندۇرۇش» ئىكەنلىكى تەشۋىق قىلىنغان.
چەتئەللەردىكى ئانالىزچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا «دۆلەت تېررورلۇقى» يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ھالبۇكى خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندىكى ساقچى تارماقلىرىنى ئاتالمىش «تىنچ ۋە ئەمىن شىنجاڭ بەرپا قىلىش» ئۈچۈن ئاخىرىغىچە كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرماقتا. ئۇنداقتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق بىر تەشۋىقات ئويۇنى ئوينىشىنىڭ مەقسىتى زادى نېمە؟
«بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاللىقاچان «ساقچى دۆلىتى» گە ئايلانغان ئۇيغۇر دىيارىدا ئېچىلغان «ساقچى خىزمىتى يىغىنى» ئەمەلىيەتتە پۈتكۈل رايوننى چوڭ بىر ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندۇرۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىكەن.
بۇ ھەقتە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى جۈرئەت ئوبۇل ئەپەندىنىڭ پىكىر بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا-خىتاي سودا مۇناسىۋىتى كەسكىنلىشىۋاتقان بىر پەيتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا بۇنداق يىغىن ئېچىشىنىڭ مەقسىتى بىر تەرەپتىن ئامېرىكا بىلەن قارشىلىشىش بولسا، يەنە بىر جەھەتتىن رايوندىكى ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى كۈرەش» نامىدا باستۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنىڭ بىر بېشارىتى ئىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئىككى مىليوندەك ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت سەرخىللىرىنى جازا لاگېرىغا سولاپ، قىيىن-قىستاققا ئالغان بولسا، لاگېر سىرتىدىكىلەرگە قارىتا قاتتىق تەقىب سىياسىتىنى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل ھالدا خەلقئاراغا ئۇيغۇر دىيارىدىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ شاد-خورام ۋە خاتىرجەم ياشاۋاتقانلىقى ھەققىدە جار سالماقتا. كۆزەتكۈچىلەر بۇ «شاد-خورام» لىقنىڭ پەقەت رايوندىكى خىتاي پۇقرالىرىغا قارىتىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
دەرۋەقە، ھازىرغا قەدەر رايوندىكى خىتاي پۇقرالىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان باستۇرۇشلىرىغا سۈكۈت قىلىپ تۇرماقتا. بۇنداق بولۇشىنىڭ سەۋەبى نېمە؟ ئەگەر ئۇلارمۇ ئاۋاز چىقارغان بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىدە ياخشىلىنىش بولۇشى مۇمكىنمۇ؟
خۇ پىڭ ئەپەندى بۇ سوئالغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: «مېنىڭچە، بۇ بىر كۆپ تەرەپلىمىلىك مۇرەككەپ بىر ئەھۋال. بىر جەھەتتىن خىتاي پۇقرالىرى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىشتىن قورقىدۇ. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى شىنجاڭنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكىلەردىن شىنجاڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆز قىلغانلىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ قاتتىق «ئەدىبىنى» بەرگەن. يەنە بىر جەھەتتىن بەزى خىتاي پۇقرالىرى، بۇ ئىش مېنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتسىز، دەپ قارايدۇ. شىنجاڭدا مىللەتلەرنىڭ كەمسىتىلىش ۋە باستۇرۇلۇش ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىر بولسىمۇ، خىتاي پۇقرالىرى ئۆزىنى بۇنداق كەمسىتىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاندەك ھېس قىلمايدۇ. ھازىر شىنجاڭ بىر ‹ساقچى دۆلىتى› گە ئايلىنىپ بولغان بولدى، شۇ يەردىكى خىتاي پۇقرالىرىمۇ ئەلۋەتتە بۇنىڭ تەسىرگە ئۇچرايدۇ. لېكىن ئۇلار شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتى ئۈچۈن ئاۋاز چىقارسا ھۆكۈمەتنىڭ قاتتىق قول مۇئامىلىسىگە ئۇچرىشى مۇمكىن، ئەگەر ئاۋاز چىقارمىسا خاتىرجەم ياشىيالىشى مۇمكىن. شۇڭا بۇنداق ئەھۋالدا قۇلاقنى يوپۇرۇۋالىدىغان خىتايلار كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. مۇشۇنداق بولغانلىقتىن ئەگەردە خىتاي پۇقرالىرى شىنجاڭ ۋەزىيىتىگە قارىتا خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن تەقدىردىمۇ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇنداق ھاكىممۇتلەق ھۆكۈمرانلىق تورىدا بۇنىڭ تەسىرى ئۇنچىلىك زور بولمايدۇ.»
ئۇنداقتا، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىشى رايوندىكى ۋەزىيەتنىڭ ياخشىلىنىشىدا كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلالمايدىغان بىر ئەھۋالدا ئامېرىكا قاتارلىق دېموكراتىك ئەللەر خىتاينىڭ رايوندا ئېلىپ بېرىۋاتقان «شەكلى ئۆزگەرگەن دۆلەت تېررورلۇقى» نى توسۇش ئۈچۈن يەنە قانداق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىشى كېرەك؟
جۈرئەت ئوبۇل ئەپەندى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىكى نۇرغۇن نوپۇزلۇق ئەربابلارنىڭ خىتاينى ئەيىبلەپ سۆز قىلىۋاتقانلىقى، ئەمما بۇنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى، ئەڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆز قىلىشىنىڭ ۋەزىيەتتە زور بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
خۇ پىڭ ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا مۇندا دېدى: «بۇنداق ۋەزىيەت مەڭگۈ داۋاملاشمايدۇ، بۇ ئېنىق. تارىختىمۇ ئۆز خەلقىنى رەھىمسىز باستۇرغان ھۆكۈمرانلار ئۇزاق ھۆكۈم سۈرەلمىگەن. بىر مىللەتنى مەدەنىيەت جەھەتتىن يوق قىلىشقىلا نەچچە يۈز يىل كېتىدىغان تۇرسا، ئۇنى پۈتۈنلەي يوق قىلىش مۇمكىن بولمايدىغان ئىش. چېن چۈەنگونىڭ شىنجاڭدا ‹ساقچى خىزمىتى يىغىنى› ئېچىشى ئۆزىنى ئۆزى ھالاكەتكە ئىتتەرگەنلىك بىلەن باراۋەر. ئۇ ئۆزىگە كەينىگە قايتقۇدەك ئىمكانىيەتنى قالدۇرمايۋاتىدۇ.»
0:00 / 0:00