خۇاۋېي شىركىتىنىڭ گوللاندىيە يانفون تورىدىكى سۆھبەتلەرنى ئوغرىلىقچە ئاڭلىغانلىقى مەلۇم

خىتاينىڭ خۇاۋېي شىركىتىنىڭ گوللاندىيە KPN يانفون تورىنى ئەركىن تەقىب قىلغان ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق سۆھبەتلەرنى ئوغرىلىقچە ئاڭلىغان بولۇشى مۇمكىنلىكى مەلۇم بولغان.

«گوللاندىيە ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ھەقتىكى خەۋەرنى ئەڭ دەسلەپ گوللاندىيەدىن چىقىدىغان «ۋولكسكران گېزىتى» خەۋەر قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر گېزىتىنىڭ مۇھەررىرلىرى 2010-يىلى خۇاۋېينىڭ KPN تېلېفون تورىنى سۇيىئىستېمال قىلغانلىقى ھەققىدىكى بىر مەخپىي دوكلاتنى كۆزدىن كەچۈرگەن.

«ۋولكسكران گېزىتى» دوكلاتتىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، ئەينى چاغدا خۇاۋېي شىركىتىKPN يانفون تورى ئابوتنلىرىنىڭ، جۈملىدىن سابىق باش ۋەزىر جان پىتېر بالكېنېندې ۋە خىتاي ئۆكتىچىلىرىنىڭ تېلېفونلىرىنى ئوغرىلىقچە ئاڭلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان ئىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا خۇاۋېي يەنە قايسى نومۇرلارنىڭ گوللاندىيە ساقچىلىرى ۋە جاسۇسلۇق ئورگانلىرى تەرىپىدىن تەقىب قىلىنغانلىقىنىمۇ تولۇق بىلىپ تۇرالىغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، KPN يانفون تورى 2009-يىلىغا قەدەر خۇاۋېينىڭ يانفون تور تېخنىكىسىنى ئىشلەتكەندىن باشقا شىركەتنىڭ گائاگا شەھىرىدىكى باش شتابىدا 6 نەپەر خىتاي پۇقراسىنى ياللاپ ئىشلەتكەن.

بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، KPN فىرانسىيەنىڭ كاپگېمىنى شىركىتىنى بۇ ھەقتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا ياللىغان. ئۇنىڭدىن باشقا گوللاندىيەنىڭ ئائىۋد شىركىتىمۇ KPN يانفون شىركىتىنى خۇاۋېينىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى ئۈستىدە ئاگاھلاندۇرغان ئىكەن.

كاپگېمىنى شىركىتى دوكلاتىدا، KPN شىركىتىنىڭ باش شتابىدا ھەمدە خىتايدا ئىشلەيدىغان خۇاۋېي تېخنىك خادىملىرى KPN تېلېفون تورىدىكى ئالاقىلەرنى خالىغان ۋاقىتتا تەقىب قىلىش، ھەر قانداق تېلېفون نومۇرىغا چەكلىمىسىز ئېرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان، دەپ كۆرسەتكەن.

نەتىجىدە ئادەمنى چۈچۈتكۈدەك دەرىجىدىكى مەسىلەر بايقاغاندىن كېيىن بۇ ھەقتىكى دوكلاتنى قەتئىي مەخپىي تۇتۇش قارار قىلىنغان.

خۇاۋېي شىركىتى بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنى ئىنكار قىلغان ۋە ئۆز خادىملىرىنىڭ ھەر زامان شىركەت ئەخلاقىغا مۇخالىپ ئىش-ھەرىكەتلەردە بولۇپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، KPN شىركىتى بۇ ھادىسىدىن كېيىن ئۆز تېلېفون لىنىيەلىرىنى ئاسراش ئىشلىرىنى باشقا ياۋروپا شىركەتلىرىگە ھۆددىگە بېرىشكە باشلىغان.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى كۆزدە تۇتۇپ خۇاۋېينىڭ 5گ ئىنتېرنېت ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىشنى چەكلىگەن ئىدى.