يېقىندا گوللاندىيە «فولكىس كىرانېت» گېزىتىنىڭ دەلىللەپ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ «خۇاۋېي» شىركىتى گوللاندىيە KPN تېلگىراف شىركىتىنىڭ 6 يېرىم مىليون ئابونتىنىڭ تېلېفۇن سۆھبىتىنى ئۇلارنىڭ رۇخسىتىسىز ئوغرىلىقچە ئاڭلىغان ۋە نازارەت قىلغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە گوللاندىيە باش مىنىستېرى پېتىر بالكىندىكمۇ بار بۇلۇپ، «خۇاۋېي» شىركىتىنىڭ ھەتتا ئۇنىڭ تېلېفون ئالاقىسىنىمۇ يوشۇرۇنچە ئاڭلىغانلىقى مەلۇم. مەزكۇر خەۋەر ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، گوللاندىيەدىكى كۆپلىگەن يانفون قوللانغۇچىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر جامائىتىمۇ جىددىيلەشكەن.
«خۇاۋېي»، «ئېرىكسون» ۋە «نوكىيا» شىركەتلىرى دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ ئاساسلىق تېلېگراف ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تەمىنلىگۈچى شىركەتلەر بولۇپ، ئۇلار يانفون ئالاقە سىگنالى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئاساسىي پونكىت ۋە ئۈسكۈنىلەرنىمۇ ئىشلەپچىقىرىدىكەن.
KPN گە ئوخشاش گوللاندىيەدىكى تېلېگراف شىركەتلىرى يوقىرىقى چوڭ شىركەتلەرنىڭ ئۈسكۈنلىرىنى سېتىۋېلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى قوللاش ۋە ئىستېمال بازىرىغا سېلىش ئۈچۈن ئۇ شىركەتلەرگە ھەق تۆلەيدىكەن.
گوللاندىيە ھۆكۈمىتى 2019-يىلدىن باشلاپ تور سۈرئىتىنى ياخشىلاش، تور ئەسلىھەلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن خىتاينىڭ «خۇاۋېي» شىركىتىنىڭ تېلېگراف ئەسلىھەلىرىنى سېتىۋېلىپ، ئىشلەتكەن.
2020-يىلدىن باشلاپ KPN تېلېگراف شىركىتى خىتاينىڭ 5G تور مۇلازىمىتىنى گوللاندىيەدە يولغا قۇيۇپ ئىشلەتكەن. بۇ شىركەت شۇنىڭدىن بۇيان ياۋروپادىكى 5G تور مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئەڭ چوڭ شىركەتكە ئايلانغان.
بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار قاتتىق چۆچۈگەن ۋە ئۇلاردا ئويغىنىش بولغان. شىۋېتسارىيەدە تۇرۇشلۇق ئېنتىرنىت ۋە كومپىيوتىر بىخەتەرلىكى مۇتەخەسسىسى ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، «خۇاۋېي» شىركىتى بىلەن قويۇق مۇناسىۋىتى بولغان گوللاندىيەدىكى «KPN» شىركىتىگە ئابۇنت بولغان ئۇيغۇرلار دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئۇ يەنە بۇ خىل ئەھۋالدا يۈز بېرىدىغان بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى توغرىسىدىمۇ گوللاندىيەدىكى ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى دىققەت قىلىشقا چاقىردى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2019-يىلدىن بۇيان ئۆزىنىڭ ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرىنىڭ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى كۆزدە تۇتۇپ، «خۇاۋېي» شىركىتىنىڭ 5G ئېنتېرنىت ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىشنى چەكلىگەن ئىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ياۋروپا ئەللىرىنى «خۋاۋېي» نىڭ ئۈسكۈلىرى پەيدا قىلىدىغان بىخەتەرلىك مەسىلىسى ھەققىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، ئەمما گوللاندىيە ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا پەرۋاسىزلارچە مۇئامىلە قىلغان، شۇنداقلا 2019-يىلدىن باشلاپ خىتاينىڭ «خۇاۋېي» شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىشنى تاللىغان.
گوللاندىيە ھۆكۈمىتى «خۇاۋې» شىركىتىنىڭ گوللاندىيەدىكى «KPN» ئابونتلىرىنىڭ تېلېفۇن سۆھبىتىنى ئوغرىلىقچە ئاڭلىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، بۇنىڭغا قاتتىق تەدبىر قوللىنىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلغان. بۇنىڭ بىلەن گوللاندىيە تەرەپ «KPN» نىڭ بارلىق تېلېگراف ئەسلىھەلىرىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان.
گوللاندىيە ئىستىخبارات ئورگىنى AIVD خىتاينىڭ «خۇاۋېي» شىركىتىنىڭ گوللاندىيەدە تېلېگراف ۋە تېلېفۇن خاتىرىسىنى ئوغرىلىقچە ئاڭلىغانلىقىنى دەلىللىگەن.
گوللاندىيە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقوق فوندىنىڭ رەئىسى ئابلەت باكىر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «خۇاۋېي» شىركىتىنىڭ گوللاندىيە تېلېگراف شىركىتى
«KPN» ئابونتلىرىنىڭ تېلېفۇن سۆھبىتىنى ئوغرىلىقچە ئاڭلىغانلىقى ئوتتۇرغا چىققاندىن كېيىن، گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار قاتتىق جىددىيلەشكەن. ئۇلار بۇ مەسىلە توغرىسىدا گوللاندىيە پارلامېنتىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشكەن.
ئىلگىرىكى خەۋەرلەردە «خۇاۋېي» شىركىتىنىڭ مەخسۇس ئۇيغۇرلارنىڭ چىرايىنى تونۇپ سىگنال بېرىدىغان چىراي تونۇش پروگراممسى ياساپ چىققانلىقى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قاراتمىلىق تەقىپ قىلىش تورىغا ھەسسە قوشقانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ يۇقىرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلى «خۇاۋېي» شىركىتىنى «قارا تىزىملىك» كە ئالغان ئىدى.