دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى «خۇاۋېينىڭ ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىش ۋە باستۇرۇشتا ئوينىغان رولى» ناملىق سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى
2020.05.29

خەۋەرلەردە ئاشكارىلانغىنىدەك، خىتايدىكى خۇاۋېي شىركىتى خىتاينىڭ دۇنياۋى كېڭەيمىچىلىكىگە خىزمەت قىلىدىغان، تېخنىكا ئوغرىلىقى ۋە جاسۇسلۇققا چېتىشلىقى بار دەپ قارالغان چوڭ شىركەت بولۇپ، ئۆتكەن يىلدىن باشلاپ ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ شىركەتكە چەكلىمە قويغان ۋە ياۋروپادىكى دۆلەتلەرنى بۇ شىركەتتىن ئاگاھ بولۇشقا چاقىرغانىدى.
ئەنگلىيە بۇ يىل 1-ئايدا ئامېرىكانىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىماي خۇاۋېينىڭ 5G تور تېخنىكىسىنى داۋاملىق ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، كورونا ۋاباسىدىن كېيىن بۇ قارارىدىن ۋاز كەچكەن. ئەنگلىيە BBC تورىنىڭ 25-ماي خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيە تور بىخەتەرلىكى مەركىزى خۇاۋېينىڭ پەيدىن-پەي چېكىنىپ چىقىش قارارىغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن 29-ماي كۈنى خۇاۋېينىڭ خىتاي ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا ئويناۋاتقان رولى، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق جىنايىتى ھەققىدە تور سۆھبىتى ئۇيۇشتۇرغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ فېيسبۇك سەھىپىسىدە خەۋەر قىلىشىچە، بۇ سۆھبەتكە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ لوندوندا تۇرۇشلۇق پروجېكت دىرېكتورى راھىمە مەخمۇت خانىم، جىنايى ئىشلار، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى مايكېل پولاك، خەلقئارا قانۇن، جۈملىدىن ياۋروپالىقلار قانۇنى ئادۋوكاتى، ئىستراتېگىيىلىك سودا ۋە بىخەتەرلىك تەتقىقاتى ئورنىنىڭ باشلىقى دوكتور ئارىس جورجپولۇس قاتارلىق كىشىلەر قاتناشقان.
بۇ سۆھبەت يىغىنى Zoom ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ۋىدىيو تەپسىلاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يىغىن قاتناشقۇچىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى كەڭ-كۆلەملىك نازارەت سىستېمىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ دۇنيا خەۋپسىزلىكى ھەمدە كىشىلىك ھوقۇققا بولغان تەسىرى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلغان ھەمدە ئىنسانىي ئەركىنلىكنى چەكلەيدىغان بۇنداق كۆزىتىش تېخنىكىلىرىنىڭ يامراپ كېتىشىنى قانداق توسۇپ قالغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
رەھىمە مەخمۇت خانىم ئۇيغۇر ئېلىدە 2013-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي نازارەتكە ئېلىش سىستېمىسىنىڭ كەڭ-كۆلەمدە قۇرۇلۇشقا باشلىغانلىقىنى، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ پەيدىن پەي «نازارەت ئاستىدىكى گۇلاگ» ھالىتىگە كەلگەنلىكىنى بايان قىلغان بولۇپ، مىسال سۈپىتىدە كىشىلەرنىڭ قان تىپى، DNA سى، بارماق ئىزى، كۆز رەڭلىك پەردىسى قاتارلىقلارنىڭ بىرمۇ بىر سىستېمىغا كىرگۈزۈلگەنلىكى، ماشىنىلارغا GPS ئورنىتىلغانلىقى، ھەر يەردە ئورنىتىلغان يۈز تونۇش كامېراسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى نۇقتىلىق كۆزىتىدىغانلىقى، ھەتتا چىراي ئىپادىسى، ئېغىزىدىن چىقىدىغان گەپلەردىن تارتىپ ھەممىسىنىڭ كۆزىتىلىپ تۇرىدىغانلىقى، تەكشۈرۈش پونكىتىدىن كىملىك كارتىسى سۈرۈلگەندە بۇ شەخسنىڭ بارلىق ئۇچۇر ۋە سالاھىيىتىنىڭ مەلۇم بولىدىغانلىقى، ئاتالمىش «گۇمانلىق ئۇنسۇر» لارنى بولسا تەكشۈرۈش ئاپپاراتىنىڭ چىقىرايدىغانلىقى ۋە ئۇ كىشىنىڭ ئاۋارىچىلىككە ئۇچرايدىغانلىقى ھەتتا لاگېرغا سولىنىدىغانلىقى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كۆزىتىش ئاپپاراتىنىڭ كۆزىتىش نەتىجىسىگە ئاساسەن قىزىل، سېرىق، يېشىل رەڭدە يانىدىغانلىقى، قىزىل رەڭلىكلەرنىڭ دەرھال تۇتۇلىدىغانلىقى، سېرىق رەڭلىكلەرنىڭ گۇمانلىق دەپ قارىلىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.
ئادۋوكات مايكېل ئەپەندى خۇاۋېينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى رەقەملىك كۆزىتىش سىستېمىسىدا ئوينىغان رولى، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىشقا چېتىشلىق جىنايى قىلمىشلىرى ھەققىدە دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ تولۇق ئىكەنلىكىنى، بۇ قىلمىشنىڭ ھازىر پەقەت ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئەمەس، باشقا بەزى دۆلەت خەلقلىرى ئۈستىدىنمۇ يۈرگۈزۈلۈشكە باشلىغانلىقى، بۇنى خەلقئارالىق جىنايەت دەپ بېكىتىپ، ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تىرىشىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئادۋوكات ئارىس ئەپەندى خىتاينىڭ بۇ نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى ئۇيغۇرلاردىن باشلاپ سىناق قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە ۋە دۇنياغا كېڭەيتىۋاتقانلىقىنى، جۈملىدىن ئۇنى ھازىر كەڭ كۆلەمدە قۇل ئىشچى قىلىپ ئىشلىتىۋاتقانلارنى باشقۇرۇش ئۈچۈنمۇ قوللىنىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇنىڭ بىلەن قالماي بۇ تېخنىكىنى يەنە مۇستەبىت دۆلەتلەرگە تەشۋىق قىلىپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇققىمۇ كەڭ-كۆلەمدە بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، خۇاۋېي قاتارلىق شىركەتلەر بۇ جەھەتتە باشلامچىلىق رول ئوينىماقتا ئىكەن. ئۇ ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنگەندىن كېيىن خۇاۋېيدىنمۇ چېكىنىپ چىقىشى، كىشىلىك ھوقۇققا ئەزەلدىن ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن ياۋروپاغا بۇ جەھەتتە ئۈلگە بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.