تۈركىيەنىڭ «خۇاۋېي» شىركىتى ۋە 5G تېخنىكىسىغا بولغان پوزىتسىيەسى قىزىقىش قوزغىماقتا

0:00 / 0:00

خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ «خۇاۋېي» ۋە 5G تېخنىكىسىغا بولغان گۇمانلىرى، ئۇچۇر بىخەتەرلىكى ۋە تېخنىكا جاسۇسلۇقى جەھەتتىن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك ئەندىشىسىنى قوزغىماقتا. ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىدە خىتاينىڭ 5G تېخنىكىسىنى ئىشلىتىش-ئىشلەتمەسلىك مەسىلىسى ھازىرغىچە تالاش-تارتىش قىلىنىۋاتقان مەسىلە بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقى بولغان ئىتتىپاقداشلىرىنى خىتاينىڭ كۈنسېرى جانلىنىۋاتقان جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى ۋە «خۇاۋېي» نىڭ خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇپ كەلمەكتە.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شىۋېتسارىيە دۆلەتلىك ئۇچۇر مۇلازىمەت شىركىتىنىڭ ئالىي ئىنژېنېرى دوكتور ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت ئەپەندىمنى زىيارەت قىلدۇق. ئابدۇشۈكۈر ئەپەندىم 5G تېخنىكىسى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

«جۇمھۇرىيەت» گېزىتىدىن جالە ئۆزتۈركنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا تۈركىيە-ئامېرىكا تىجارەت جەمئىيىتى بىلەن ئامېرىكا سەناتورى لەنزى گىراھام ئوتتۇرىسىدا خىتايغا مەركەزلىشىپ قالغان ئىشلەپچىقىرىش ۋە تارقىتىش مۇلازىمىتىنى باشقا دۆلەتلەرگە يۆتكەش مەسىلىسى ئۈستىدە يىغىن ئېچىلغان بولۇپ، سەناتور گىراھام يىغىندا مۇنداق دېگەن: «خىتاينىڭ بىزنى ئەندىشىلەندۈرىدىغان بەزى تەرەپلىرى بار. شۇڭا بىز ئىتتىپاقدىشىمىز تۈركىيەنىڭ ‹خۇاۋېي› بىلەن ھەمكارلاشقانلىقىنى قەتئىي كۆرۈشنى خالىمايمىز. ھەمكارلاشقان دۆلەتلەرنى قارشى ئالالمايمىز.»

ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى بىلەن بىر قاتاردا ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا-شەرقتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئىتتىپاقدىشى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدە تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن تۈركىيەنىڭ 5G تېخنىكىسى ھەققىدىكى قارارى كۆزەتكۈچلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. تۈركىيە ئىچىدە سىياسەتچىلەر ۋە ژۇرنالىستلار 5G تېخنىكىسىنىڭ خەتىرى ئۈستىدە توختالماقتا. تۈركىيەنىڭ تېخنىكا ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىنىڭ ئاجىزلىقى تەكىتلىنىپ، تۈركىيەنىڭ 5G تېخنىكىسىدا خىتاي بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش مۇمكىنچىلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئانالىزلارمۇ ئېلان قىلىنماقتا. تونۇلغان ژۇرنالىست خاكان چەلىك «پوستا» تور گېزىتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە 5G توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «5G مۇرەككەپ ۋە تەننەرخى يۇقىرى تېخنىكا بولغانلىقى ئۈچۈن تىز سۈرەتتە يەرلىك تېخنىكا ۋە كۈچكە تايىنىپ ئىشلەپچىقىرىش ئاسان ئەمەس. بۇ سەۋەبلىك تۈركىيە بىر مەزگىل خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى مومكىن.»

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تونۇلغان ژۇرنالىست مەمەت ئالىي ئۈنال ئەپەندىم تۈركىيەنىڭ 5G تېخنىكىسىغا تۇتقان پوزىتسىيەسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «دۇنيانىڭ ئۇچۇرىنى كىم كونترول قىلسا، كۈچ ئۇنىڭ ئىلىكىدە بولىدۇ. خىتاي 5G تېخنىكىسىنى پۈتۈن دۇنياغا يېيىشقا تېرىشىۋاتىدۇ. مەن 5G تېخنىكىسى جەھەتتە تۈركىيە ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھوشيار بولۇشى كېرەكلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەگەر خىتاي 5G تېخنىكىسىنى كونترول قىلىۋالسا دۇنيانىڭ ئۇچۇرىنى قولىغا كىرگۈزۈۋالىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا تۈركىيەدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ كۈندىلىك پۈتكۈل ھەرىكىتى ۋە پائالىيىتىنى خىتاي خاتىرىلەپ ماڭالايدۇ ۋە كونترول قىلالايدۇ. شۇڭا بۇ ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش كېرەك. ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ قۇتۇپلىشىشىغا يول قويماسلىق لازىم. تۈركىيەنىڭ يەرلىك شىركەتلەرگە ئەھمىيەت بېرىشى، خىتاينىڭ 5G تېخنىكىسىدىكى مونوپوللۇقى بۇزۇپ تاشلىنىشى لازىم.»

14-ئىيۇل كۈنى ئەنگلىيەنىڭ دىگىتال ۋە مەدەنىيەت مىنىستىرى ئولىۋېر دوۋدېن 5G تېخنىكىسى بىخەتەرلىكىنىڭ قوغدىلىشىدىكى ئەڭ ياخشى يولنىڭ «خۇاۋېي» زاپچاسلىرىنى ئىشلەتمەسلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2017-يىلىغا قەدەر «خۇاۋېي» زاپچاسلىرى ئەنگلىيەنىڭ 5G بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۇل-مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئىچىدىن چىقىرىۋېتىلىدىكەن. بۇندىن بۇرۇن (14-يانۋار كۈنى) ئەنگلىيە مەركەزلىك خەلقئارا ئاخبارات ئاگىتلىقى BBC، ئامېرىكانىڭ ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگە 5G تېخنىكىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بەزى تېخنىكىلىق مەلۇماتلار خاتىرىلەنگەن تەپسىلىي دوكلات تاپشۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلغانىدى.

بۇ ھەقتە سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرگەن ئالىي ئىنژېنېر، دوكتور ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت ئەپەندىم «خۇاۋېي» ئىشلەپچىقارغان 5G تېخنىكىسىنىڭ خەتىرى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەبلىغى بىلەن زورايغان، باشلىقى رېن جىڭفىي خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىدە ئىنژېنېرى بولۇپ خىزمەت قىلغان بىر شىركەت ھەققىدە توختىلىۋاتىمىز. پۈتۈن مۇلازىمەتنى چەتئەلدە تەمىنلىسىمۇ، ئۇچۇرنى كومپارتىيە بىلەن ھەمبەھىرلىنىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى. ‹خۇاۋېي› ئىشەنچ ئاساسىدا قۇرۇلغان مۇناسىۋەتتىن سانائەت ئىشپىيونلۇقى جەھەتتىن پايدىلىنىپ كېتىشى مومكىن. ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ ئومۇرتقىسى بولغان كومپيۇتېر ۋە تور سىستېمىسىغا كىرىش ئىمكانىيىتى بولغان شىركەتلەرنىڭ سانائەت ئىشپىيونلۇقى بىلەن شۇغۇللىنىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى. ھەرقانداق دۆلەتنىڭ مەخپىيەتلىكى بولىدۇ. يادرولۇق تور قىسمى مۇشۇ خىل ساھەگە خىزمەت قىلىدۇ. بىر قىسىم دۆلەتلەردە يادرولۇق تور قىسمى بىلەن نورمال، خەتىرى يوق تور ساھەسى ئايرىۋېتىلمىگەن بولۇشى مومكىن. بۇ دۆلەت بىخەتەرلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ‹خۇاۋېي› ئەسكىرى مەلۇمات، دىپلوماتىيە ۋە پۇل مۇئامىلە ئىشلىرى قاتارلىق ساھەلەردىكى سانلىق مەلۇماتلارنى دۇنيانىڭ خوجىسىغا ئايلىنىش پىلانىنى قىلىۋاتقان، دۇنيادا تەسىرىنى كۈچەيتىشنى پىلانلاۋاتقان خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىگە تەمىنلەپ بېرىشى مومكىن.»

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى «خۇاۋېي» نى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت دەپ كۆرسەتكەن بولۇپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 15-ئىيۇل كۈنى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشقا قاتناشقان خىتاي تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ خىزمەتچىلىرىگە ۋىزا چەكلىمىسى قويغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.